يىلان ئارىلى

يىلان ئارىلى

بوخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىي يەنى لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا پەقەت 5 دېڭىز مېلىلا كېلىدىغان يەردە، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تار ۋە ئۇزۇن بىر رومبا شەكىللىك كىچىك ئارال بار، مانا بۇ جوڭگۇ چەتئەللەردە داڭقى بار غەلىتە ئارال-يىلان ئارىلى. 

ئۇيغۇرچە نامى يىلان ئارىلى
باشقا نامى شياۋلۇڭ تېغى ئارىلى
دېڭىز يۈزدىن ئېگىزلىكى 216 مېتىر
خەنزۇچە نامى 蛇岛
قاراشلىق رايون جۇڭگو
جۇغراپىيەلىك ئورنى داليەن شەھىرى لۈشۈنكوۋ رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىلان ئارىلىبوخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىي يەنى لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا پەقەت 5 دېڭىز مېلىلا كېلىدىغان يەردە، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان تار ۋە ئۇزۇن بىر رومبا شەكىللىك كىچىك ئارال بار، مانا بۇ جوڭگۇ چەتئەللەردە داڭقى بار غەلىتە ئارال-يىلان ئارىلى . 

يىلان ئارىلىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 216 مېتىر، خۇددى ئارالنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرغان بىر شىرغا ئوخشايدۇ. ئارال ياپيېشىل، بۈك-باراقسان ئۆسكەن ئوت-چۆپ ۋە دەل-دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن، بۇ كىچىككىنە ئورمانلىقتا سوپۇن دەرىخى، سېرىق قاراياغاچ، كىچىك يوپۇرماقلىقى كاركاس قاتارلىقلار ، يەنە جىرمە قاتارلىقلاردىن شەكىللەنگەن چاتقاللىقمۇ بار. باھار بىلەن ياز ئۆزئارا گىرەلەشكەن بولۇپ رەڭگارەڭ گۇللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ؛ 

يىلان ئارىلى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ، دېڭىز ئوكيان رايونىغا جايلاشقان، قىشتا قەھرىتان سوغۇق بولمايدۇ، يازدا پىژغىرىم ئىسسىق بولمايدۇ، ھاۋاسى ئىللىق ۋە نەم بولۇپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

يىلان ئارىلىدۇنيادا يىلان ئارىلىغا ئوخشاش ئاراللار ئىنتايىن كۆپ، ئەمما «زەھەرلىك يىلان پادىشاھلىقى» پەقەت بۇ بىرلا. يىلان ئارىلى زەھەرلىك يىلاننىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى تەبئىي مۇھىتىغا ئىگە.

زەھەرلىك يىلاننىڭ يىلان ئارلىغا خوجا بۇلىۋىلىشىنىڭمۇ جەريانى بار، يىلان ئارلى ئەسلى لياۋدۇڭ ئارلىنىڭ بىر قىسمى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا، ئارالدا ناھايىتى كۆپ ھايۋانلار بار بولۇپ، زەھەرسىز يىلانلارمۇ بار ئىدى. يىلان ئارلىنىڭ دائىرىسى كىچىك ، يېمەكلىكلەرمۇ چەكلىك، نۇرغۇنلىغان ھايۋانلار تويغۇدەك ئوزۇق يېيەلمىگەچكە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. زەھەرسىز يىلانلار بولسا يېمەكلىك قىس بولغانلىقتىن، پاقىلارنى يېمەكلىك قىلغان. ئەمما پاقا تۇردىكى ھايۋانلار بولسا ئارالدىكى تاتلىق سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا يوقىلىشقا باشلىغان، زەھەرسىز يىلانلارمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ يوقىغان.

زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوزۇقلىنىشى

يىلان ئارىلىزەھەرلىك يىلاننىڭ ئوزۇقلىنىش خۇسۇسيىتى ھەر خىل بولۇپ، كىچىكلىرى سەكسەنپۇت يېيشنى، چوڭلىرى قۇشقاچلارنى يېيېشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئارالدىكى زەھەرلىك يىلانلارنىڭ قۇچقاچلارنى تۇتقان مەنزىرىسى ئىنتايىن قىزىقارلىق، ئۇلار دەرەخ شېخىغا يامىشىپ مىدىرلىماي يىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەززىلىك تاماقلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، بەزىدە بىر دەرەخ شېخىغا ئون نەچچە يىلان يامىشىۋالىدۇ. ھەممىسى ئوخشاش بىر ھالەتتە، بىرەر قۇشقاچ ئۇچۇپ كىلىشى بىلەنلا ھەممىسى خۇددى پۇرژىنادەك بىر يىغىلىدۇ-دە ، قۇشقاچنى چىشلەپلا ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قۇشقاچ پەقەت قانىتىنى پاق-پۇق قىلىپلا ئۇرۇپ قويۇپ ياۋاشلىقچە يىلاننىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ. 

يىلان ئارىلى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بايلىقلارنىڭ بىرى. 1980-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايۇن قىلىپ بەلگىلەنگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ زەھەرلىك يىلانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل ۋە بىخەتەر بۇلۇپ كەتكەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://www.yardam.com/baike/view/1630/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#