رۇكىيا يېزىسى

رۇكىيا يېزىسى

رۇكىيا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، تارىم يېزىسى، نىيە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى رۇكىيا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 7360 كۋادرات كىلومېتىر
باشقا نامى روقىيە يېزىسى،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 若克雅乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەسى
نوپۇسى 7054 ئادەم
جۇغراپىيەلىك ئورنى كۇئىنلۇن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇكىيا يېزىسىرۇكىيا يېزىسى نىيە ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، تارىم يېزىسى، نىيە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا ئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان، يېزا ئىچىدە قاتناش قولايلىق، ساياھەت بايلىقى مول. 

جەمئىي 2010 ئائىلە، 7054 ئادەم بار بولۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ئىككى مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 6996 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى 58 ئادەم.

رۇكىيا يېزىسى ئازادلىقتىن ئىلگىرى تىنچلىق يېزىسى دەپ ئاتالغان؛

1950-يىلى نىيە ناھىيەسىنىڭ 2-رايونى دەپ ئاتالغان؛ 

1958-يىلى  سەكرەپ ئىلگىرىلەش گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان؛  

رۇكىيا يېزىسى1958-يىلى 10-ئايدا گۇڭشې بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، نىيە گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان؛

1961-يىلى ئايرىلىپ چىقىپ، رۇكىيا گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان؛

1967-يىلى «شەرىق قىزاردى» گۇڭشېسى دەپ ئاتالغان؛ 

رۇكىيا گۇڭشېسى نامىلىرى 1978-يىلى يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش داۋامىدا ئەسلىگە كەلگەن؛ 

1984-يىلى سوتسىيالىستىك تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىش يېزىسى، رۇكىيا يېزىسى دەپ ئاتالغان.

ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن: ئاق تېرەك، توغراق، يۇلغۇن، قومۇش قاتارلىقلار؛

ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن: تۈلكە، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار.

ئورنى 

رۇكىيا يېزىسىرۇكىيا يېزىسى كۇئىنلۇن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، شەرقىي سالغوزەك يېزىسى، جەنۇبتا يېيىق يېزىسى، غەرب تەرىپى نىيە يېزىسى، شىمالدا سالغوزەك يېزىسى بىلەن قوشنا. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى نىيە ناھىيە بازىرىغا سەككىز كىلومېتىر. كۆلىمى 7360 كۋادرات كىلومېتىر. 

كىلماتى 

رۇكىيا يېزىسنىڭ يەر شەكلى تۈز بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قىيسايغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 1493 مېتىر. يەر قاتلىمى ئېنىق، ھاۋاسى نەم، كۈن نۇرى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىلىماتى تىپىك قۇرغاق قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كېلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 30.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىشى 2757 مىللىمېتىر، يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃4421، قىش بىلەن يازنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ℃48.2، قىراۋسىز مەزگىلى 210 كۈن.

رۇكىيا يېزىسىرۇكىيا يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653227201. يېزىغا قاراشلىق 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: يېڭى ئۆستەڭ كەنتى، ئاغى كەنتى، تەكىدۆڭ كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، ئاچما كەنتى، قاتار دۆڭ كەنتى، چاشەنبە بازار كەنتى، بىر تەبئى كەنت، 27 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي قالماق قۇدۇق كەنتى.

رۇكىيا يېزىسىئىقتىسادى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16300 مو، دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 16934.4 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 5100 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2004.3 توننا؛ كۆممىقوناق 4172 مو، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2502.655 توننا؛ كېۋەز 4010 مو،  ساپ پاختا مەھسۇلات مىقدارى 512.478 توننا؛ 

يۇلغۇن، توشقانزەدىكى 8000 مو؛ ئېسىل باغ 2000 مو؛ يۇمىلاق چىلان 1038 مو؛ چوڭ لاپاس 481 كە يەتكەن.

يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 37600 تۇياق (دانە)، چىقىم قىلىنغان چارۋا 17170 تۇياق (دانە). 

يىل ئاخىرىدا يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليون 876 مىڭ 200 يۈەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3002.45 يۈەن.

رۇكىيا يېزىسىرۇكىيا يېزىسىدا ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇتقۇچى 40 ئادەم، ئوقۇغۇچى 460 نەپەر؛ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىر، كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ 4، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 69 ئادەم، 884 نەپەر ئوقۇغۇچى. يېزىلىق شىپاخانا بىر، تىببىي خادىمى 25، كارىۋات 15؛

يېزىدا رادىئو ئۇزېلى، مەدەنىيەت پونكىتى، كۇتۇپـخانا، رادىئو-تېلېۋىزىيە (رادىئو-تېلېۋىزىيە ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈلگەن).

يېزا ئىچىدە قاتناش قولايلىق، يېزا – كەنت يوللىرى بىردەك ئاسفالت يول، ناھىيە، يېزا، كەنت، يولۇچى ئاپتوموبىلى قاتنىشى تېزلىتىلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#