- گۈلسامساق (دورا)
- گۈلسامساق (ئۆسۈملۈك)
گۈلسامساق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا، ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەررەڭ، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ.
ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
گۈلسامساق ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يەر ئۈستىدىكى قىسمى سولىشىشقا باشلىغاندا كولىۋېلىپ، سىرتىنى ئاقلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ياكى تەڭگچە غولىنىڭ تۈۋىنى ئازراق كېسىۋېتىپ، تەڭگىچە پارچىلىرىنى ئاجرىتىپ، قايناق سۇغا ئاق رەڭگى تۈگىگەنگە قەدەر بېسىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، خام پېتى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، چۆپلىك ۋە نەم، سايە يەرلەردە ئۆسىدۇ (تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ).
گۈلسامساق ۋە چىلاننىڭ ھەربىرىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلسامساقتىن 20 گرام، تەڭگىيوپۇرماقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام گۈلسامساقنى 15 گرام سۆئلەپ، 61 گرام خام ئەگرىسۇنا، 12 گرام غاز ئوتى، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساقتىن 20 گرام، 18 گرام ئارچا مېغىزى، 12 گرام كەرمان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.