ئۆسۈملۈكنىڭ مۇزىكا ئاڭلىشىدىكى سىر

بەزى ئۆسۈملۈكلەر مۇزىكا ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرلۈك ئاھاڭلاردىكى «ناخشا» لارنىمۇ ئېيتالايدۇ، يەنە كېلىپ، ئۇلار مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇپ، يېقىملىق «سىمفونىيە» ئاڭلاشقا ئامراق.ئالىملار بۇ سىرنى بايقىغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە مۇزىكا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ، دېگەن خىيالغا كەلدى، تەجرىبىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەزى ئۆسۈملۈكلەر مۇزىكا ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرلۈك ئاھاڭلاردىكى «ناخشا» لارنىمۇ ئېيتالايدۇ، يەنە كېلىپ، ئۇلار مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇپ، يېقىملىق «سىمفونىيە» ئاڭلاشقا ئامراق.

ئالىملار بۇ سىرنى بايقىغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە مۇزىكا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ، دېگەن خىيالغا كەلدى، تەجرىبىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. فرانسىيىلىك بىر باغۋەنچىلىكشۇناس نائۇشنىكنى پەمىدۇرغا تاقاپ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۈچ سائەت مۇزىكا ئاڭلاتقان، نەتىجىدە پەمىدۇرنىڭ ئېغىرلىقى 5.2 كىلوگرامغا يېتىپ، دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. فرانسىيە دۆلەت تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق كۆكتات ئۆستۈرگەن، كۆكتاتلار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ «مۇزىكا» سىغا ئەگىشىپ «ئۇسسۇل» ئوينىغان، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىدىكى ئالىملارمۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق 25 كىلوگرام كېلىدىغان تۇرۇپ ۋە 27 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كاللەكبەسەينى يېتىشتۈرگەن. ئېلىمىز ئالىملىرىمۇ قوڭغۇراقگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۇرۇقىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن بىر تەرەپ قىلغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك ئىككى ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە ئاشقان. 

نېمە ئۈچۈن ئاۋاز دولقۇنى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ؟ ئالىملار دەسلەپكى قەدەمدە ئاۋاز دولقۇنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسىنتېز رولىنى تېزلىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلەيدۇ، دەپ قارىدى. 

ئەگەر بۇ سىر تولۇق ئېچىلسا كىشىلەر مەلۇم يوللار ئارقىلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ «مۇزىكا» غا بولغان تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشى، شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئاسان يول تېپىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#