ئارال بازىرى

ئارال بازىرى

ئارال، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى « ئارال ».ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئارال بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 198.9 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿热勒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 24732 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارال بازىرى ئارال بازىرى 1949-يىلدىن ئىلگىرى، ئادەت يېزىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 1962-يىلى قۇرۇلغان ئارال خەلق گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1985-يىلى يېزا تەسىس قىلىنغان. 2002-يىلى يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار قىلىپ قۇرۇلغان.

ئارال بازىرىئارال بازىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يەر شەكلى غەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. شىمالدا چاغراق يېزىسى، سۈزۈك بۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى، ئاقيار يېزىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدۇ،غەربىي يېزا ئىگىلىك 1-شى 4-تۈەن بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن قوشنا. بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن ئونسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئۇدۇل ئارىلىقى 33.5 كىلومېتىر. 

يېرما كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، تۇربەت يۇقىرىقى مەھەللە كەنتى، تۇربەت ئارا مەھەللە كەنتى، تۇربەت قارا دۆۋە كەنتى، پىيازچى كەنتى، ئۇرچى تۆۋەنكى مەھەللە كەنتى، شاختۇر كەنتى، يۇقىرىقى مەكىت كەنتى، باغچى ئېرىق كەنتى، ئاقخانىقا كەنتى، قاشبويى كەنتى، تۆۋەنكى مەكىت كەنتى، تېگىئېرىق كەنتى، جەگچى كەنتى.

ئارال بازىرىپۈتۈن ئارال بازىرىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 198 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 104 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 4.5 مو. ئاساسلىقى شال تېرىش، بۇغداي، قوناق، كېۋەز، ياغلىق داننى ئاساس قىلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 112 مىڭ موغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پاختا 50 مىڭ مو، شال 17 مىڭ 300 مو، 27 مىڭ 300 مو بۇغداي، كۆممىقوناق 13 مىڭ 800 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت 3000 مو، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى 210 مىڭ مو. باغۋەنچىلىك ياڭاق، چىلاننى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 73 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 55 مىڭ مو ياڭاق، مېۋە بەرگەن ياڭاق 17 مىڭ 800 مو، چىلان 14مىڭ 500 مو، مېۋە بەرگەن چىلانلىق 13 مىڭ 300 مو. چارۋىچىلىقتا ئائىلە باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى 700 مو.

بازاردا جەمئىي 6049 ئائىلە، 24732 ئادەم بار، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 22910 ئادەم. ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىزغىز، خۇيزۇ قاتارلىق توققۇز مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 90 نى، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 4 نى ئىگىلەيدۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 6 نى ئىگىلەيدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#