داللاس
داللاس ئا ق ش نىڭ تېكساس شتاتىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر شتاتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىرىنتى دەريا بويىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئا ق ش نىڭ تېكساس شتاتىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، مۇھىم سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر شتاتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىرىنتى دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 901 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) ، بۇ شەھەر 1841-يىلى قۇرۇلغان، بۇ شەھەر نېفىت، پاختا، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان. 1900-يىلىدىن كېيىن جەنۇبتىكى نېفىت مونوپول كاپىتالىستلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.
شەھەرنىڭ تۆمۈريول تاشيول، ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى، سودىسى، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە ئايروپىلان ياساش سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، توقۇمىچىلىق، توقۇمىچىلىق ماشىنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترون، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.