جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى

جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى يەنە چىڭ قانۇنى ئۇرۇش، 1883-يىلى 12-ئايدىن 1885-يىلى 4-ئايغىچە، فىرانسىيە ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش.

نامى جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى
ئورنى ۋيېتنام ۋە جۇڭگو چېگراسى، يېقىن دېڭىز ئەتراپى
ۋاقتى 1883-يىلى 12-ئايدىن 1885-يىلى 4-ئايغىچە
نەتىجىسى فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ غەلىبە قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىشى ، « جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى » نىڭ ئىمزالىنىشى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار فرانسىيە؛ جوڭگو، ۋيېتنام
ھەربىي كۈچ فىرانسىيە ئارمىيىسى 5 مىڭدىن 20 مىڭ ئادەم؛چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى25 مىڭدىن 35 مىڭغىچە ئادەم؛
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى 2100 كىشى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ( فىرانسىيە ئارمىيەسىدىن ) 10 مىڭ كىشى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ( چىڭ سۇلالىسى )
خەنزۇچە نامى 中法战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگوفرانسىيە ئۇرۇشىجۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. يەنى جۇڭگو غەلىبە قازانغان تۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان دۆلەتكە باش ئېگىپ سۈلھى تەلەپ قىلدى، مەغلۇپ بولغان فرانسىيە بولسا غەلىبە قازانغان جۇڭگودىن نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈۋالدى. بۇ ئۇرۇش 1883-يىلىدىن 1885-يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئەسلىدە فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانىدى. 

سەنشىدىكى جەڭ 

جۇڭگوفرانسىيە ئۇرۇشى19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئارقىدىنلا شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ۋيېتنامنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى بازىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ۋيېتنام ئارمىيە-خەلقى جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرىسىدا تۇرۇشلۇق ليۇ يۇڭفۇنىڭ قارا تۇغلۇقلار قوشۇنى بىلەن ماسلىشىپ، 1873-يىلى ۋە 1883-يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى ئىككى قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 1883-يىلى 12-ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ 6000 ئەسكىرى ۋيېتنامنىڭ سەنشى رايونىدا تۇرۇشلۇق چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى.

بېيلىدىكى توقۇنۇش 

جۇڭگوفرانسىيە ئۇرۇشىئۇرۇش 1883-يىلى 12-ئايدىن 1884-يىلى 4-ئايغىچە ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىدا قوماندانلىق قالايمىقان بولغانلىقى، سەركەردىسى جەڭ قىلمايلا قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، فرانسىيە ئارمىيىسى خۇڭخې دېلتىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1884-يىلى 8-ئايدا فرانسىيە فلوتى ماۋېي پورتىدىكى فۇجيەن سۇ لەشكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي دېڭىز ۋەزىرى لى خۇڭجاڭنىڭ مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇشى نەتىجىسىدە، فۇجيەن دېڭىز ئارمىيىسى زور تالاپەتكە ئۇچراپ، جۇڭگونىڭ 11 ھەربىي پاراخوتى سۇغا غەرق قىلىۋېتىلدى. 700 نەچچە لەشكەر ئۆلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا تەڭلا جەڭ بولدى. دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە فلوتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەيۋەن ۋە جېجياڭدىكى جېنخەيگە ھۇجۇم قوزغىغاندا جۇڭگو ئارمىيە-خەلقىنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، فرانسىيە فلوتىنىڭ قوماندانى گۇبار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرىسىدىكى لياڭشەن بىلەن جېننەنگۇەن (ھازىرقى دوستلۇق ئۆتىڭى) نى ئىشغال قىلىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلدى. 70 ياشلىق پېشقەدەم قوماندان فېڭ زىسەي فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، جېننەنگۇەندە مۇستەھكەم ئىستىھكام ياساپ، فرانسىيە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈردى. 1885-يىلى 3-ئايدا فېڭ زىسەي چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ قايتۇرما زەربە بېرىپ، 1000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ لياڭشەن قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى، جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە مانا مۇشۇ. غەربىي سەپتە قارا تۇغلۇقلار قوشۇنىمۇ فرانسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، 10 نەچچە ئايماق ۋە ناھىيىنى قايتۇرۇۋالدى.

ئۇرۇش توختىتىش

جۇڭگو-ۋيېتنام ئارمىيە-خەلقىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا قازانغان شانلىق غەلىبىسى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، فرانسيە روفىللى ئىچكى كابىنېتىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىراپ-تېنەپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىماقچى بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى يارىشىپ قېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ، ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

شەرتنامە ئىمزالاش

 6-ئايدا لى خۇڭجاڭ تيەنجىندە فرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن «جۇڭگو-فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرىسىدىكى يۈننەن، گۇاڭشى ئىككى ئۆلكىنى سودا قىلىشقا ئېچىۋېتىشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى. ئۇرۇش «فرانسىيىنىڭ غەلىبە قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىشى، جۇڭگونىڭ مەغلۇپ بولماي تۇرۇپ مەغلۇپ بولۇشى» بىلەن ئاخىرلاشتى.

جۇڭگو بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش داۋامىدا، پۇرسەت تېپىپ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، بىراق، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئاجىزلىقى سەۋەبلىك كىلىشىم تۈزۈپ، غەلىبە نەتىجىلىرى نابۇت بولۇپ كەتتى، جۇڭگونىڭ مەغلۇپ بولماي تۇرۇپ مەغلۇپ بولۇشى، فرانسىيىنىڭ غەلىبە قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىشى بولدى. 

1886-يىلىدىن 1888-يىلىغىچە، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە نائىلاج فرانسىيە بىلەن « جۇڭگو - فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ چېگرا سودا نىزامنامىسى »، « جۇڭگو - فرانسىيە چېگرا ئىشلىرىنى شەرتنامىسى »، « جۇڭگو - فرانسىيە داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىپ سودا شەرتنامىسى » قاتارلىق تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەر ئىمزالاندى، نۇرغۇن ھوقۇقلارغا فىرانسىيە ئىگىدارچىلىق قىلدى.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#