ئۇيغۇرچە نامى ئوقسالۇر يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1745.5 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吾合沙鲁乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئۇلۇغچات ناھىيەسى
نوپۇسى 1000

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىدىن 58 كىلومېتىر يىراقلىقتا، كۆلىمى 1745.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 1000دىن ئارتۇق ئادەم. 

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسى ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا چات كەنتىدە، جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شىمالىي پاراللېل ′4°39، شەرقىي مېرىدىئان ′47°74 ئارلىقىدا، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئۇدۇل ئارىلىقى 34.5 كىلومېتىر، تاشيول ئارىلىقى 54 كىلومېتىر. شەرقتە قىزىلئۆي يېزىسى، جەنۇبتا بۆرىتوقاي يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي شىمالى ئۇلۇغچات يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتتە كىلومېتىر، ئىككى چەتكە تۇتاشقان ئېغىزى بار. 

يېزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2246 مېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 87 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 37 كىلومېتىر، كۆلىمى 1745.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇلار ئىچىدە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1623 مو، ئوتلاق كۆلىمى 822296.6 مو، ئوتلاق 440 مىڭ مو، ئورمان كۆلىمى 420 مىڭ موغا يەتكەن. قاتنىشى قولاي، سۇ بايلىقى مول. 

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسى قارمىقىدا ئىككى كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : ئوقسالۇر كەنتى ۋە چات كەنتى. 

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسىغا قاراشلىق 2 مەمۇرىي كەنت، 314 ئائىلە، 1099ئادەم بار. پۈتۈن يېزا قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق ئىككى مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاساسلىق مىللەت قىرغىز مىللىتى، بۇلار ئىچىدە قىرغىزلار 312 ئائىلە، 1089 ئادەم؛ ئۇيغۇر ئىككى ئائىلە، ئون ئادەم؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە 28؛ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە 25 ئائىلە؛ «ئۈچ پېشقەدەم» لەر 27 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى 18 نەپەر، 8 نەپەر پېشقەدەم كادىرلار بار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار بىر نەپەر؛ 2 نەپەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن شەخىسلەر بار. يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان كادىر 62 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي شتات 21 نەپەر، كەسپىي شتاتى 25 نەپەر، ئەمەلىي ئىش ئورنىدىكى ئادەم 30 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر 24، خەنزۇ 5، خۇيزۇ بىر، ئىشچى 6 نەپەر.

 مال دوختۇرلۇق پونكىتى، ئوتلاقچىلىق پونكىتى، ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى، رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش پونكىتى، ئەدلىيە ئورنى، يەر باشقۇرۇش پونكىتى، مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىق 13 پونكىت بار. 

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسىدا ياۋايى ھايۋانلاردىن قىرغاۋۇل، تۈلكە، جەرەن قاتارلىقلار؛ ئۆسۈملۈك شەمشاد، يەر باغىرلاپ ئۆسىدىغان قارىغاي قاتارلىقلار؛ قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، ئالتۇن، تاشتۇز زاپاس قاتارلىقلار بار. 

ئوقسالۇر يېزىسىئوقسالۇر يېزىسى تەۋەسىدە داڭلىق مەنزىرە رايونىدىن «توغراقلىق» ۋە «قەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى» قاتارلىقلار بار، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ. ھەر يىلى يازدا نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ جايغا سالقىنداش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، كەڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردە يەنە قىرغىزلارنىڭ ئالاھىدە كىگىز ئۆيى، شورپا، كاۋاپ، قېتىق، سايۋا ئۈزۈم قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاددىي يېمەكلىكلىرى بار، ساياھەتچىلەر يەنە ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ ئېتىپ، كىگىز ئۆيلەردە يېتىپ، قىرغىزلارنىڭ مىللىي تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

توغراقلىق 

ئوقسالۇر يېزىسىقەدىمكى ئافغانىستان توغراقلىقى ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئوقسالۇر يېزىسىغا جايلاشقان، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، بۇ مەنزىرە رايونى توغراق تاماشا قىلىش رايونى، ئارام ئېلىش رايونى، كارتا چاق ئاسارئەتىقە رايونى، قەدىمكى دېڭىز قۇلۇلە قېپىنىڭ تاشقا ئايلانغان رايونى ۋە قىرغىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى تەبىئەت مەنزىرىسى سۈپىتى يۇقىرى بولغان بىر نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى. 

قەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى 

ئوقسالۇر يېزىسىقەدىمىي دېڭىز خارابىلىكى قۇلۇلە قېپى تېغىنىڭ يەنە بىر ئىسمى بۈركۈت تۇمشۇق تېغى. تاغ باغرىدىن تاغ ئۈستىگىچە، ھەممىلا يەردە يالىڭاچ چوڭ-كىچىك تاش ئۈستىدە لىق قۇلۇلە قېپى، قۇلۇلە قېپى ئىزناسى، تومۇرىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چوڭى مىس يارماقچىلىك، كىچىك باشمالتاقچىلىك نەچچە يۈز مىليونلىغان قۇلۇلە قېپى شور بىلەن لايلارغا ئارىلىشىپ كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، پامىر ئېگىزلىكى ئەسلىدىكى دېڭىز ئاستىدا بۇلۇپ، يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بارا-بارا ئۆرلەپ، قۇرۇقلۇق ئاندىن ئېگىزلىك شەكىللەنگەن، بۇنىڭغا تاشقا ئايلانغان يالىڭاچ قۇلۇلە قېپى ئىسپات بولالايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#