ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى

بۇ 1947- يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ باشقۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

نامى ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشى
ئورنى كەشمىر
خەنزۇچە نامى 印巴战争
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ھىندىستان، پاكىستان
ۋاقتى 1947-يىلىدىن 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىندىستانپاكىستان ئۇرۇشى 1947- يىلى ئەنگلىيە كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» سىياسىتىنى قوللىنىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن 6- ئاينىڭ 3- كۈنى موۋنتىباتتىن لايھىسىنى ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننى ئاھالىنىڭ دىنى ئىتىقادىغا ئاساسەن ھىندى دېنىدىكىلەرنى ھىندىستان ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام دېنىدىكىلەرنى پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى ئاپتونوم زېمىنغا ئايرىدى. ھەر قايسى شىتاتلار قايسى تەرەپكە قاتنىشىشنى ئۆزلىرى بەلگىلەشكە بولاتتى. 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ۋە 15-كۈنى پاكىستان ئاپتونوم زېمىنى ۋە ھىندىستان ئاپتونوم زېمىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم ئىدارە قىلىش تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلدى.

ھىندىستانپاكىستان ئۇرۇشى موۋنتباتتىن لايىھىسىدە ھەر قايسى يەرلىك شىتاتلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى بۆلەككە كىرىشىنى بەلگىلەش ھوقوقى بېرىلگەن بولغاچقا، جاممۇ-كەشمىرنىڭ (قىسقارتىپ كەشمىر دەپلا ئېلىنىدۇ) تەۋەلىك مەسىلىسى تالاشتىكى مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇڭا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. ھىندىستان تەرەپ : كەشمىر ئېلىنىڭ پادىشاھى بىلەن پارلامېنت ھىندىستانغا قوشۇلۇشنى ياقىلايدۇ، شۇڭا كەشمىر ھىندىستانغا مەنسۈپ بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتتى. پاكىستان تەرەپ بولسا مۇسۇلمانلار كەشمىر ئاھالىسىنىڭ %77 نى ئىگىلەيدۇ. موۋنتباتتىن لايىھىسىدىكى ئاپتونوم زېمىنىنى ئاھالىنىڭ دېنى ئېتىقادىغا قاراپ ئايرىش پىرىنسىپى بويىچە كەشمىر پاكىستانغا مەنسۈپ بولۇشى كېرەك،دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەشمىردىكى مۇسۇلمان ئاھالىسى بىلەن يەرلىك پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. 1947- يىلى يازدا لېنكى رايونىدىكى مۇسۇلمانلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، نۇرغۇن يەرنى كونترول قىلدى. پاكىستان، ئاففانىستان چېگرىسىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرىمۇ كەشمىرگە كېرىپ، يەرلىك پادىشاھ قوشۇنىنىڭ ۋە ھىندى دېنى مۇخلىسلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بەردى. 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ھىندىستان قوشۇنلىرى كەشمىرگە كىرىپ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. 1948- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ھىندىستان كەشمىر مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇپ، پاكىستاننى مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم بەردى. دەپ ئەيىبلىدى. پاكىستان 1- ئاينىڭ 15- كۈنى ھىندىستان ئۈستىدىن قارشى ئەرز بەردى. شۇ يىلى 1- ئايدا  پاكىستان مۇنتىزىم، ئارمىيىسى كەشمىرگە كىردى، كەشمىر ئۇرۇشى ئاخىر بېرىپ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرسىدىكى بىۋاستە ھەربىي قارشىلىشىشقا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ھىندىستان-پاكىستان كومىتېتى كەشمىر ئىختىلابىنى ئۇرۇش توختىتىش، ھەربىيسىزلەندۈرۈش ۋە پۇقرالار ئاۋاز بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. بۇ لايىھىنى ھىندىستانمۇ، پاكىستانمۇ قوبۇل قىلدى. 1949-  يىلى 1- ئايدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ، 15 ئاي داۋاملاشقان بىرىنچى قېتىملىق ھىندىستان، پاكىستان ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇردى. شۇ يىلى 7- ئايدا ئۇرۇش توختىتىش لىنىيىسى ئايرىلدى. ھىندىستان كەشمىرنىڭ تەخمىنەن 4 مىليون نوپوسقا ئىگە 5 تىن 3 قىسىم رايونىنى ئىشغال قىلدى. پاكىستان كەشمىرنىڭ تەخمىنەن بىر مىليون نوپوسقا ئىگە 5 تىن ئىككى قىسىم رايونىنى كونترول قىلدى.

ھىندىستانپاكىستان ئۇرۇشى1965- يىلى 4- ئايدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا كۈچرەيىن رايونىنىڭ چېگرا ماجراسى تۈپەيلىدىن يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقونۇش يۈز بەردى. 8- ئاينىڭ 5- كۈنى ھىندىستان پاكىستاننى غەيرى مۇنتىزىم قوشۇنى كەشمىرگە كىردى، دەپ ئەيىبلىدى، ئەتىسى ھىندىستان قوشۇنى 1949- يىلى 7- ئايدا ئايرىلغان ئۇرۇش توختىتىش لىنىيىسىدىن ئۆتۈپ، لاھۇر تەرەپكە قاراپ ھۇجۇم قىلدى. پاكىستان ئارمىيىسى قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن 2- قېتىملىق ھىندىستان، پاكىستان ئۇرۇشى پارتلىدى. 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ھىندىستان قوشۇنلىرى چېگىرىدىن ئۆتۈپ، پاكىستانغا زور كۆلەمدە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 9- ئاينىڭ 20- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. 1966- يىلى 1- ئايدا ئىككى تەرەپ تاشكەنت ختابنامىسىنى ئىمزالاپ، نورمال مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىكە ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز قوشۇنلىرىنى 1965- يىلى 8- ئايدىكى چېگرا سېزىقىغا چېكىندۈرۈشكە قوشۇلدى. شۇ يىلى 2- ئايدا ئىككى تەرەپ ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈردى. بىراق، بۇ ئۇرۇش بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە ساقايماس جاراھەت قالدۇردى.

   ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈنگەندە پاكىستان شەرق ۋە غەربتە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوتتۇرىدا ھىندىستان ئايرىپ تۇراتتى. شەرقىي پاكىستان نوپوسىنىڭ %98 دىن ئارتۇقراقى بېنگاللار، ئاھالىنىڭ %85 تىن ئاتۇقراقى مۇسۇلمانلار ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان بېنگاللار غەربى پاكىستاندىكى پەنجاپلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتاتتى. 1966- يىلى مۇجىب رەھمان باشچىلىقىدىكى خەلق ئىتتىپاقى شەرقىي پاكىستان «ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىيۈزلۈك ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. رەھمان 1971- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى ھىندىستاننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شەرقىي پاكىستاننىڭ بارلىق مەمۇرىي ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 3- ئاينىڭ 26- كۈنى شەرقىي پاكىستان مۇستەقىللىق جاكارلىدى. پاكىستان زۇڭتۇڭى يەھياخان قاتتىق قوراللىق باستۇرۇش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، رەھماننى قولغا ئالدى. خەلق ئىتتىپاقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ھىندىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان خەلق ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 

ھىندىستانپاكىستان ئۇرۇشى«شەرقىي پاكىستان ۋەقەسى» 3- قېتىملىق ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى. 1971- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى ھىندىستان ئارمىيىسى غەرب، شەرق، شىمال تەرەپلەردىن ئون يولغا بۆلۈنۈپ، پاكىستانغا زور كۆلەمدە بېسىپ كىردى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى يەنە كەشمىرنىڭ پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ھىندىستان بېنگال دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى. 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشى قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ قارار ماقۇللىدى. بىراق، ھىندىستان بۇ قارارنى ئىجرا قىلمىدى. 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ھىندىستان ئارمىيىسى داككانى ئىشغال قىلدى. 12- ئاينىڭ 17- كۈنى پاكىستان ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇرۇش توختاتتى. 12- ئاينىڭ 21- كۈنى بېنگال جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى كالكۇتتادىن داككاغا كۆچۈپ كەلدى. 1972- يىلى 7- ئايدا ھىندىستان زۇڭلىسى ئىندار گەندى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى بوتتۇسىملا كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاپ، 1971- يىلىدىن بۇيانقى ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    66.7%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#