سىفلىس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىفلىس كۆپىنچە سىرتقى جىنسىي ئەزا، مەقئەت ئەتراپى، كالپۇك، بۇرۇن، قول بارماقلىرى، ئەمچەك ئۇچى قاتارلىق ئورۇنلاردا جاراھەت پەيدا بولۇپ، چېگرىسى ئېنىق بولمىغان، سىرتقى يۈزى شەلۋەرەپ كەتكەن سۆگەلسىمان تۈگۈنچە ياكى ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان سىفلىس جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «مۇھەببەت كېسىلى»، «فرانسۇز كېسىلى»، «پەرەڭ چاقىسى»، «ئابىلە فەرەنىگى ئاتشەك» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
خەلق ئارىسىدا بۇ كېسەلنى «قارا يەل كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ «فرانسۇز كېسىلى»، «پەرەڭ چاقىسى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىشىدا بۇ كېسەل دەسلەپتە ئامېرىكا قىتئەسىدىن فرانسىيىگە، فرانسىيىدىن پۈتۈن ياۋروپاغا ۋە شەرق ئەللىرىگە تارقالغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ
سىفلىس يۇقۇش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ناتۇغما سىفلىس ۋە تۇغما سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ناتۇغما سىفلىس
كۆپىنچە ناپاك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بىۋاسىتە بۇلغانغان ماددىلار، قان بېرىش، بىمارلارنىڭ قاچا قۇچىلىرىنى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋە كىيىم كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىشى، بىۋاسىتە يېقىنلىشىش، سۆيۈشۈش قاتارلىق ۋاسىتىلىك سەۋەبلەردىن ساق ئادەملەرگە يۇقىدۇ.
ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس: سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئايالىنىڭ قېنىدىكى بۇرما تەنچىسى بالا ھەمرىيىدىن بىۋاسىتە ئۆتۈپ، ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇنداق بالىلار تۇغۇلغاندىلا سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. مانا بۇ ھامىلىگە ئۆتكەن سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
ناتۇغما سىفلىسنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى : دەسلەپكى دەۋرلىك «1-2دەۋرى» ئاخىرقى دەۋرلىك «3-دەۋرى»، ۋە يوشۇرۇن دەۋىرىلىك سىفلىستىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.
تۇغما سىفىلىس
تونۇش:
سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ قېنىدىكى سىفلىس كېسىلى ماددىسىنىڭ بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە ئۆتۈشىدىن بولغان سىفلىس تۇغما سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
يوشۇرۇن سىفلىس
«4-دەۋرلىك» سىفلىسنى «+ «تىكى ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى بولمايدۇ. يۇقۇملىنىپ 4يىل ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلىرى دەسلەپكى دەۋردىكى يوشۇرۇن سىفلىسنى يۇقۇملىنىپ 4يىلىدىن كىيىن كۆرۈلگەنلىرى ئاخىرىقى دەۋرىيلىك سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
تۇغما سىفلىس
ھامىلىدار ئايال سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولسا كۆپىنچە 4-ئايدىلا ھامىلىگە ئۆتۈپ ئۆلۈك تۇغۇلۇشى، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەيدا بولۇش ۋاقتىدا ئاساسەن دەسلەپكى دەۋرلىك تۇغما سىفلىس ۋە ئاخىرقى دەۋرلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
دىياگنوزى: كېسەللىك تارىخى، كىلىنىك ئىپادىسى، پەيدا بولۇشى ئورنى قان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇلىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش: 95 پىرسەنتتىن يۇقىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. داۋالاش ئېلىپ بارمىغان 2~1 يىل ئىچىدە كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرغۇچى بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ يۇقۇمچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ.
بالا ھەمراھى ئارقىلىق يۇقۇش: سىفلىسلىق ھامىلىدار ئايال، ھامىلىدار مەزگىلىدە ئوفۇنەتلەنگەن قان بالا ھەمراھى ۋە كىندىك ئارتېرىيىسى ئارقىلىق بالىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. كۆپىنچە تۆت ئايلىقتىن كېيىن كۆرۈلۈپ، بالا چۈشۈپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇش ياكى ئۆلۈك بالا ھەم سىفلىسلىق بالا تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش: سىفلىسلىق ھامىلدار ئاياللار يەڭگىگەن ۋاقتىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ.
بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇش: بىر قىسىم كېسەللەر سىفلىسلىق بىمارلارنىڭ تېرە ۋە شىللىق پەردىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. مەسىلەن: سۆيۈشۈش، ئېمىتىش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈش.
قان ئارقىلىق يۇقۇش: بىر قىسىم كېسەللەر سىفلىس قان سالدۇرۇش بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
ۋاسىتىلىك يۇقۇش: بىر قىسىم كېسەللەر سىفلىس جاراسىمى بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
بۇ كېسەل تۇغما سىفلىس ۋە ناتۇغما سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
شەن ئالامەتلەر ئىپادىلەنمەيدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گىرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىررۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گىرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گىرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمۇنىيا ئۈچ گىرامدىن، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ)
2-رېتسېپ
سىفلىستەركىبى: تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گىرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گىرام، شېكەر 10 گىرام، لىمون مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: لىموندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىموننى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، سوقۇلغان دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: چۆپچىنى كۆمۈرى 50 گىرام، ئادراسمان ئۇرۇقى 40 گىرام، بەزرۇلبەنجى، جۇۋىنە 20 گىرامدىن، قىزىل سىر 50 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، چالا سوقۇلغان چۆپچىنى كۆمۈرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: بىر گىرامدىن ئۈچ گىرامغىچە قەغەزدە يۆگەپ ياكى غاڭزىغا سېلىپ تاماكىغا ئوخشاش چېكىلىدۇ.
نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش، شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
سىرتتىن: مۇسھىمى ئەمراز ياكى سىماب يېغىدا ياغلىنىپ 45′ ئاپتاپقا قاقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.