ماراكەش

ماراكەش

ماراكەش ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. پايتەختى رابات.

ئۇيغۇرچە نامى ماراكەش
قىسقارتىلغان نامى 摩洛哥
ۋاقىت رايونى UTC+0
دۆلەت شېئىرى 摩洛哥颂
سىياسى تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 摩洛哥王国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى رابات
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى
نوپۇسى 20 مىليون 419 مىڭدىن ئوشۇق (1982)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماراكەشئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىنى تار سوزۇلغان دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىكلىرى، جەنۇبىنى ئېگىزلىكلەر بىلەن قۇملۇقلار، غەربىنى ئېگىزلىكلەر بىلەن تۈزلەڭلىلەر قاتلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا غەربتىن شەرققە قاراپ سوزۇلغان ئاتلاس تاغلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 4165 مېتىر (دىژېۋېل-توبكال چوققىسى) بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، غەرب تەرەپلىرى يىللىق مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇب تەرەپلىرى قۇرغاق چۆللۈك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ.

ماراكەشنىڭ يەر مەيدانى 459 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 20 مىليون 419 مىڭدىن ئوشۇق (1982) بولۇپ، كۆپىنى ئەرەبلەر بىلەن بەربەر خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى ھېسابلىنىدۇ، فرانسۇز تىلىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ماراكەشنىڭ ئەڭ قەدىمىي خەلقلىرى بېر-بېرلار بولۇپ، 7-ئەسىردىن باشلاپ ئەرەبلەر كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان، 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپالىقلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، 1912-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان، 1956-يىلى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دۆلەت نامىنى ماراكەش پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

ماراكەش ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %52.7 ى (1983) يېزا ئىگىلىكلى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇغداي، ئارپا، كېۋەز، كۆممىقوناق، ئۈزۈم، لىمون قاتارلىق زىرائەت ھەم مېۋە-چېۋىلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا ئافرىقاق بويىچ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. سانائەتتە كان سانائىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت ئايرىش، خىمىيىۋى ئوغۇت، سېمونت، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. فوسفورلۇق مىنېرال ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئېكسپورتى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ماراكەشنىڭ تولۇق نامى «ماراكەش پادىشاھلىقى» بولۇپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قاراشلار ھەر خىل: بىرىچنى، شۇ جاينىڭ مەنزىرە ۋە ھاۋاسىدىن كەلگەن.

بۇندىن 3000 يىللار ئىلگىرى، ئاسىيانىڭ غەربىدىكى فىنىكىيىلىكلەر دېڭىز سەپىرىدە بۇ جايغا كېلىپ، ئۇنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە جانغا ھوزۇر ھاۋاسىنى كۆرۈپ، «دەم ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي» دېگەن مەنىدە «ماراكەش» دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، ئەرەبچە «مەغرىب» نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى «غەربىي ئارال»، «كۈنپېتىش ماكانى» بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە ئەرەبلەر پۈتكۈل شىمالىي ئافرىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ماراكەش دېڭىز قىرغاقلىرىغا كەلگەندە ئاتلانتىك ئوكياندا توسۇلۇپ قېلىپ، ئالغا مېڭىشقا ئامال بولماي، بۇ جاينى جاھاننىڭ ئەڭ غەربى ئىكەن دەپ ئويلاپ، مەغرىب ئەل ئاقسا دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ ئەرەبچىدىكى مەنىسى «ئەڭ يىراقتىكى غەرب ئېلى» بولىدۇ.

ياۋرۇپالىقلار بۇ نامنى تەلەپپۇز قىلغاندا تولا قىينىلىپ قېلىپ، ئۇنى قىسقارتىپ، «ماراكەش» دەپ ئاتىغان؛ ئۈچىنچى، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر «ماراكەش» تىن پەيدا بولغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىرلەدە ئۇ شەھەر ئىككى قېتىم پايتەخت قىلىنغان. ياۋرۇپالىقلار ئۇنىڭ ئاھاڭى بويىچە Morocco دەپ تەرجىمە قىلىپ، شۇ بويىچە بۇ دۆلەتنى ئاتىغان، «ماراكەش» نامىمۇ شۇنىڭدىن پەيدا بولغان. «ماراكەش» نىڭ كونا نامى «قاراكوش»، ئەرەبچە ئەينەن تەرجىمىسى «ياسىنىۋالغان»، «قىزىل رەڭلىك» بولۇپ، ھازىرقى نامى ئاشۇ نامنىڭ ياۋروپالاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ماراكەش بىر تارىخى ئۇزۇن پادىشاھلىق بولۇپ، بۇ پادىشاھلىق بۈگۈنگىچە 1300 يىل داۋاملىشىپ كەلگەن، ئۇ تارىختا ئىسپانىيىنى ئىككى قېتىم بويسۇندۇرۇپ باققان، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان.

ئۇ 1912-يىلى 3-ئايدا فرانسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان، شۇ يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويى تار بەلبىغى ۋە جەنۇبىدىكى ئېفنى قاتارلىق زېمىنلىرى ئىسپانىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى رايونلار قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەن. 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، نامىنى «شېرىپ (ئەرەبچە مەنىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلادلىرى) ئىمپېرىيىسى» قىلىپ بېكىتكەن، 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى نامىنى «ماراكەش پادىشاھلىقى» قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ماراكەشنىڭ يەر مەيدانى 459 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 26 مىليون. %20ى بەربەرلەر بولۇپ، قالغىنى ئەرەبلەردۇر. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تىلى، ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى رابات، پۇل بىرلىكى دىرھەم.

ئوتتۇرا شەرققە يېقىن دۆلەت-مەراكەشنى 6-ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسى بېسىۋالغان. 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن. 1912-يىلى مەراكەش فرانسىيىنىڭ « ھىمايە» ئاستىدىكى دۆلىتى بولۇپ قالغان، شۇ يىلى دۆلەت بايرىقى تۈزۈلۈپ، قىزىل بايرقنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۈرەتلەشتۈرۈلگەن يېشىل رەڭلىك «پادىشاھ سۇلايماننىڭ مۆھۈرىسى» سىزىلغان، بايراقنىڭ بۇلۇڭغا فرانسىيىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى بەلگىسى كىرگۈزۈلگەن.

1956-يىلى مۇستەقىل بولغان مەراكەش ئىلگىرىكى دۆلەت بايرىقىنى ئىشلىتىشنى، لېكىن بايراقنىڭ بۇلۇڭىدىكى فرانسىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى بەلگىسىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى « پادىشاھ سۇلايماننىڭ مۆھۈرىسى» بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز شەكىلدە يېشىل سىزىق ئارقىلىق سىزىلغان، لېكىن ئۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىدا دائىم ئىشلىتىدىغان يۇلتۇزغا ئوخشىمايدۇ. يېشىل رەڭ مۇھەممەدنىڭ ئەۋلادلىرى ياقتۇرىدىغان رەڭ، چىرايلىق ۋە تەمكىن ھالەتت پەيدا بولغان بۇ رەڭ مۇقەددەسلىك بىلەن بەخىت-ساداقىتىنى بىلدۈرگەن؛ «پادىشاھ سۇلايماننىڭ مۆھۈرسى» دۆلەتنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى ۋە تەڭرىنىڭ مەراكەش خەلقىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ قوغدايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان ھەمدە بالا-قازادىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن. قىزىل رەڭ ئاتا-بوۋىسى ئاراۋايىت جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى ئىشلەتكەن بايراقنىڭ رەڭگىسىدۇر.

مەراكەشنىڭ قالقانسىمان دۆلەت گېربى ئىلگىرى پادىشاھ گېربى ئىدى، ئۈستىدىكى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن قۇياش ئاق قارغا پۈركۈنگەن ئاتلاس تېغىنى يۇرۇتۇپ تۇرغان، ئاسمان، پادىشاھ ۋە پادىشاھ تەختىنىڭ مەنىسى شۇنىڭ ئىچىدە بولغان. تاغنىڭ ئالدىدىكى قىزىل توپا قۇملۇق بىلەن چوغدەك ئىسسق كۈننى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن پادىشاھا تاجىسىغا قاراپ چىقىۋاتقان ھەيۋەتلىك ۋە باتۇر ئەركەك شىر سىزىلغان. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىغا ئېسىلغان سېرىق لېنتىغا « قۇرئان » دىكى «ئەگەر تەڭرىگە ياردەم بەرسەڭلار، ئۇ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#