مىزاج

مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرەبچە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىزاج سۆزى بىرىكمە، ئارىلاشما، قوشۇلما دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلۈك سان بويىچە ئېيتىلىشىى مىزاجلار، ئەرەبچە ئەمزىجە مېيىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز. يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقىنىڭ ھۆل ئىسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى، ... قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى تۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كەيپىياتقا ئېيتىلدۇ. دېمەك، تۆت چوڭ ماددىدىلا تەبىئەت مەۋجۇت بولۇپ قالماي، بەلكى شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى ئالغان بارلىق جانلىق - جانسىز شەيئىلەردىمۇ تەبىئەت(مىزاج) بولىدۇ. ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچىكى قىسىملىرىدىكى ماددىلار يەنە ئوخشىمىغان تەبىئەتلەرگە ئىگە، مەسىلەن: ھۈجەيرە، مالېككۇلا، ...لارنىڭ مىزاجى بولغىنىدەك. مىزاج نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاندىن باشقا، سىرتقى تەسىرىلەرگە مىزاج سۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى، ئىپادىلەيدىغان مەناسى كەڭ بولغان ئاتالغۇ. مەسىلەن: بارلىق مەخلۇقات ۋە بارلىق تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەشتە، ھەر قايسى مەملىكەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقلىملارنىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئىپادىلەشتە مىزاج سۆزى قوللنىلغان. ئىنسان بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى ئەزالىرى، روھىي ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلىرى خۇي - پەيلى، ئادەتلىرىنىمۇ«مىزاج» ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇندىن باشقا، ئىنسان بەدىنىدىكى نورمال فىزىئولوگىيىلىك جەريانلارنمۇ مىزاج ئۇقۇمى بىلەن شەرھلىگەن. مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق تەرەققىي قىلالىشىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىق. كۆرۈنۈشتە ئوخشاش تۇرغانجىسىملار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندىكى ئىچكى ھالەتلىرى كېسەللىك ۋە ساغلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشتە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى«مىزاج» تەلىماتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغان. دېمەك، مىزاج ئۇقۇمى ئۇيغۇر خەلقىمۇ تېبابەتتىكى ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاپ، زۆرۈرىيەت ۋە پەرھىزلەرنى ھېس قىلغان.[

مىزاج تەلىماتى تېبابىتىمىزئاساسىي نەزەرىيىلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركبى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. شۇڭا تېبابىتىمىزنى ئۆگەنگۈچىلەر مىزاج تەلىماتىنى مۇستەھكەم ئىگىلىشى شەرت. مىزاج مەسىلىسى تېبابىتىمىزدە تەتقىق قىلىنىدىغان ماۋزۇلاردىن بىرى بولۇپلا قالماي، زامانىۋى تېبابەتچىلىك (مېدىتسىنا)دە ۋە زامانىۋى پسىخىولوەىيىدىمۇ تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە تەدبىر قىلىندىۇ. ئۇ لاتىنچە «تېمپېرامېنت» دەپ ئېيتىلىدۇ. ئەمما زامانىۋى دورىگەرلىكتە دورىلارنىڭ ئىسسىق سوغۇق قاتارلىق مىزاجلىرى سۆزلەنمىسىمۇ، لېكىن دورىلارنىڭ سۈيدۈك ماڭدۇرۇش قىزىتما قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرى ۋە باشقىلاردىن تېبابىتىمىزىدىكىدەكلا پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، كاسىنى ئۆسۈملۈكىنى مىسال قىلىپ ئېيتساق، تېبابىتىمىزدە كاسىنىنىڭ مىزاجى سوغۇق. شۇڭا سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، قىزىتمىنىپەيسەيتىدۇ، قان بېسىمىنى (توغيانى خۇننى) چۈشۈرىدۇ، دەپ تونۇلىدۇ. زامانىۋى دورىگەرلىكتە كاسىنىنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش ئارقىلىق ھارارەتنى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، دېيىلىدۇ. ئەكسىچە، تېبابىتىمىزدە بەدەننى قىزىتىپ قان ھەرىكىتىنى تېزلەتكۈچى دورىلار «ئىسسىق» مىزاجلىق دورىلار دېيىلىدۇ. زامانىۋى دورىگەرلىكتە گەرچە «مىزاج» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلمىسىمۇ، بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئاشۇنداق خۇسۇسىيەتلىرىدىن كېسەل داۋالاشتا ئوخشاشلا پايدىلىنىدۇ.

مىزاجنىڭ شەكىللىنىپ چىقىشى ھەققدە خاراكتېرىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزىلەر شۇنداق دەيدۇ: «مىزاج» ھەرقانداق ئادەمدە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن قان ئارقىلىق كەلگەن ئېرسىيەتلىك بىر خىل خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك ئائىلە تەربىيىسى، تۇرمۇش شارائىتى، مەكتەپ تەربىيىسى، مۇھىت تەربىيىسى، تەبىئىي ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان ھەر خىل سۆھبەت ۋە ئالاقە - ماۇناسىۋەت تەسىرى ۋە ئەخلاق ئۆرپ - ئادەت تەسىرى، جەمئىيەت، ئىجتىمائىي تۇزۈم ۋە سىياسىي ھايات قاتارلىق ئامىللارنىڭ شۇ ئادەمگە ئۇزۇن تەسىرى قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭدا مۇقىم بولغان بىر خىل روھىي خۇسۇسىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ ئائۇنىڭ مىزاجى ياكى ئادىت، خۇسۇسىيىتى، خاراكتېرى دېگەن ئىبارىلەر بىلەن تەرىپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ياشىغان يۇرت، تۇپراق، مۇھىت ۋە ھاۋا كېلىماتىنىڭمۇ ئادەملەرگە تەسىرى بولىدۇ دەيدۇ. بۇ خىلدىكى مىزاج نەزەرىيىسى پىسخولوگىيە ئىلمىگە ئائىت بولۇپ، ھازىرچە ئۇ توغراىدا بۇ يەردە سۆلەپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەردە ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلاررنىڭ تەسىرى بىلەن پەيدا بولغان مىزاج ھەققىدە سۆزلەيمىز. ھازىرقى زامان غەرب تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، «ئادەم بەدىنىدىكىسۇيۇقلۇقلار، خىمىيىلىك ۋە فاىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەدەمدە بىر خىل مىزاج پەيدا قىلىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ ئىلمىي پاكىتى يوق» دەيدۇ. بەزىلەر بۇ مىزاج دېگەننىڭ ئۇنداق ئۆزگىرىشىلەر بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىي تەجرىبە ۋە رېئال ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئادەمدە يۈز بەرگەن بەزىبىر روھىي كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگە ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىر قىلىشى ئوچۇق بولغىنىدەك، بەدەندىكى ھەر خىل سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئادەم روھىي كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىگە ئۇنداق ياكى بۇنداق تەسىر قىلىشى ئوچۇق بولغىنىدەك، بەدەندىكى ھەر خىل سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئادەم روھىي ھالىتىگە ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىرى قىلىشىمۇ ئوچۇق مەلەم. مەسىلەن: داۋاملىق غەم - قايغۇ ۋە غەزەپ ياكى قورقۇنچلۇق شارائىت ئىچىدە يۈگەن كىشلەردە يۈرىكى تېز ئۇرۇندىغان بولۇپ قېلىش، ئشتەي تۇتۇلۇش، قەۋزىيەت بولۇش، ئاقىرىپ كېتىش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پاۋلوفنىڭ نېرۋا تەلىماتىدا بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. روھىي زەربە ۋە روھىي سىقىنىتلارنىڭ تەسىرىدىن ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنىڭ تۈرى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇرۇش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلغاندا شۇنداق بىر ئەھۋال بايقالغان: دۈشمەننىڭ بومباردىمانى ئاستىدا قالسىمۇ ئەمما ساق قالغان ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىدا دەم سىقىلىش(زەيقۇننەپەس) كېسىلى پەيدا بولغان. ئۇلار جىسمانى جەھەتتە زەربىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەك قورقۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ كېسەل پەيدا بولغان دېمەك رپھىي جەھەتتىكى نورمالسىز تەسىراتىنىڭ بەدەن سالامەتلىكىگە چوڭ تەسىرى بار، شۇنىڭدەك بەدەندىكى بەزىبىر ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىگە تەسىر قىلىشىدىنمۇ شەك يوق. ئادەم بەدىنىدىكىقان، بەلغەم، ساپرا، سەۋدا سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنىدە مەۋقۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان مەسىلەن. بۇ ماددىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس كەيپىياتلىرى، يەنى ئېنېرگىيىلىرىنىڭ مەسىلەن: قاننىڭ ھارارىتى ۋە ھۆللۈكى، بەلغەمنىڭ ھۆللۈكى ۋە سوغۇقلۇقى، سەپرانىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئىسىسقلىقى، سەۋدانىڭ سوغۇقلۇقى ۋە قۇرۇقلۇقى قاتارلىقلار خىمىيەۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ، يېڭى بىر مۇرەككەپ كەيپىيات(مىزاج) پەيدا قىلىشىمۇ ئىسپاتلانغان. ئەمما بۇ بىرلەشمە تەسىرىدە تۆت خىلىتنىڭ كۈچ - قۇۋۋەت دەرىجىسىنى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئوخشاش دەرىجىدە بولسا، تەبئىي ئۆزگىرىش شەكىلىدىكى ئىختىلات(ئارىلىشىش) بولىدۇ. ئىمتىزاج(خىمىيىۋى جەھەتتىكى قوشۇلۇش)بولمايدۇ. بۇ بىر خىمىيىۋى قانۇن. شۇ خىل كەيپىياتلارنىڭ بىرسى غالىپراق بولۇپ، قالغان كەيپىياتلارنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلغاندىن كېيىنلا بىرلىك كەيپىيات، يەنى«مىزاج» پەيدا بولىدۇ. بۇ بىرلىكتە قايسىنىڭ كۈچى غالىپ بولغان بولسا، مىزاجمۇ ئۇنىڭ نامىدا يۈرگۈزۈلىدۇ. مەسىلەن: قاننىڭ كەيپىياتى غالىپ بولغانلىرىنى قان مىزاج؛ بەلغەم كەيپىياتى غالىپ بولغانلىرىنى بەلغەم مىزاج؛ سەپرانىڭ كەيپىياتى غالىپ بولغانلىرىنى سەپرا مىزاج؛ سەۋدانىڭ كەيپىياتى غالىپ كەلگەنلىرى سەۋدا مىزاج دېيىلىدۇ. بۇ مىزاجلارنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقاندەك روھىي(پىسخىك)، جىسمانىي(فىزىئولوگىيىلىك) ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. خىلىتلارنىڭ ئادەم پىسخولوگىيىسىگە تەسىرى قىلىدىغانلىقىنى يالغۇز قەدىمكىلەر تاپقان ئەمەس. بەلكى يېقىنقى زامان ئىلىم - پەن، تەجىيە - تەتقىقات نەتىجىلىرىدىمۇ بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانغان. 1985 - يىلى 1 - ئايدا نەشىر قىلىنغان جۇڭگو سەھىيە كالىندارىدا، ئامېرىكا پىسخولوگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئېلان قىلغان«ئادەملەرنىڭ مىزاجى نېمىگە باغلىق؟» دېگەن تېمىدا تۆۋەندىكى سۆز بېسىلغان: «بەزىلەر مىزاجى بەك ئىتتىك بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ مىزاجى ئىغىر بولىدۇ، ئادەملەرنىڭ مىزاج - خۇلقىدىكى بۇنداق پەرقلەرگە بەدەندىكى بەزى خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ تەسىرى كۆرسىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. مۇ ماددىلارنىڭ بىرسى قان زەردابى ماددىسى(بنىڭ تەركىبىدە بەلغەم ماددىسى مول). يەنە بىرسى بۆرەك ئۈستى بەز ماددىسى بولۇپ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجراتمىلىرىنىڭ بەدەندىكى مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتسە، يەنى ئۇلارنىڭ سان جەھەتتىكى تەبىئىي مىقدارى ئېشىپ كەتسە، مىزاجنىڭ ئىتتىك بولىدىغانلىقى، قان زەرداپ ماددىسى ئېشىپ كەتسە، مىزاجنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى بايقالدى». يۇقىرىقى سۆز، 1985- يىلى دۇنيا بىئولوگىيىلىك ۋە پىسجولوگىيىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىشەنچلىك خەۋەر. دېمەك، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل سۇيۇقلۇقلۇقلارنىڭ تەسىرى بىلەن ھەر خىل مىزاجلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ھازىرقى زاماندىمۇ ئىسپاتلانغان مەسىلە. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كېسەل تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدە ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەر خىل مىزاجىنى ئېنىقلاشقا كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئادەمدىكى مىزاج دېگەن نەرسە، شۇ ئادەمنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر خىل مەنىۋى ئەينەك بولۇپ، بۇ ئەينەك ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى بىلىۋېىشتىن باشقا، جىسمانىي ئالاھىدىلىكى ۋە فىزىئولوگىيىلى خۇسۇسىيەتلىرىمۇ بىلىش مۇمكىن. مىزاج تەلىماتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىي سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈشىمىز بىزگە يەنە بىر يېڭى دۇينانىىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. تەجرىبىلىك پېشقەدەم ھۆكۈمالارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مىزاجشۇناسلىقى، ئادەمشۇناسلىقى ۋە قىياپەتشۇناسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ مىزاجىنى قانچىلىك ياخشى چۈشەنگەن تېببىي خادىملارنىڭ ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالاشتا داۋاملىق نەتىجە قازىنىدۇ.

ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ۋە ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلار ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﯩﺪۇ. ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلار ﺋﻪزاﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪزالار ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩلار ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﻛﻪﻣﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺟﺎﻧﻠﯩﻘـلار ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﯩﺰاﺟﻰ ۋە دەرﯨﺠﯩﺴﻰ، ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﻰ ﺋﻪزا ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩـلارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﻗﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﯩﺰاﺟﻰ ۋە دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ.

ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ ۋە ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﺋﻪڭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺷﯘ ﺋﻪزاﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻣﯩﺰاﺟﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘم ﻣﯩﺰاﺟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﻪ ﺋﻪزالاردا ﺷﯘ ﻣﯩﺰاﺟﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﻰ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﻰ ۋە ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻳﺎدروﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﯨﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﻰ ﮬﯜﻗﻪﻳﺮە دﯨﯟارى ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯜﻗﻪﻳﺮە ﭘـلازﻣﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋەت ﻳﯘﻣﺸﺎق، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﯜچ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭘﻪردﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق، ﺋﯘ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﮬﻪم ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرۇش، ﺧﯩﯩﺘـلار ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش روﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ.

ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددا ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﻧﺪوروﺳﻮﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻨﻠﯩﻖ ﻧﻪﭘﻪس ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﺷﯩﺪا ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق، ﺧﻮﻧﺪوروﺳﻤﻨﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ.

ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻳﺎدروﺳﻰ ﻳﺎدور ﭘﻪرﯨﺪﯨﺴﻰ، ﻳﺎدور ﻣﯧﻐﯩﺰى، ﺧﺮوﻣﻮﺳﻮم ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلاردﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﺋﯘ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش، ﺋﯚﺳﯜپ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ، ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪت ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮول ﻗﯩﻠﯩﺶ روﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜزەۈﭼﻰ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاج دەرﯨﺠﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﭘﻪرق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺷﯘ ﺋﻪزا ﺋﯚز ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﺳـلاﺷﻘﺎن.

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﻳﯜرەك ﻣﯘﺳﻜﯘل ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻳﯜرەك ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن. ﻳﯜرەك ﻣﯘﺳﻜﯘل ﮬﯜﺟﻪﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪارى ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯚپ، ﺧﻮﻧﺪوروﺳﻮﻣﻨﯩﯔ روﻟﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻳﯜرەﻛﻨﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﯩﻴﻪ (ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ)ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻳﯜرەﻛﺘﯩﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ۋە ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﺳـلاﺷﻘﺎن. ﺟﯩﮕﻪر ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪە ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺟﯩﮕﻪر ﻣﯩﺰاﺟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺟﯩﻪەرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺋﯜﭼﻪﻳﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘﻗـلارﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘـلاپ ﺋﯩﺸﻠﻪش، ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻣﺪە ﺟﯩﮕﻪردە ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳـلاﺷﻘﺎن. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺧﯩﻠﯩﺘـلاردﯨﻦ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳـلاﻧﺪۇرۇﺷﺘﺎ ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﺗﺎﻟـلاپ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﺑﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯩﺰاﺟﻨﯩﯔ ﻳﺎردﯨﻤﻰ ۋە روﮬﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜرﺗﻜﯩﺴﯩﺪە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻏﺎزﯨﻴﻪ، ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻣﯘﺳﻪۋۋﯨﺮە، ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻣﯘۋەﻟﻠﯩﺪە، ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻧﺎﻣﯩﻴﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﻘﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ، ﺋﯚزى ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯜزەش ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻣﺎدى ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت، ﺧﯩﻠﯩﺘـلار ﻳﯜرەك، ﻗﺎن - ﺗﻮﻣﯘرلارﻧﯩﯔ دەۋرﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳـلاﻧﺪۇرۇش ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎﭘﯩﻠـلار ﻗﺎن - ﺗﻮﻣﯘرى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﻟـلاش ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪە ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳـلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯜﻣﯜرۈﺷﺘﻪ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﺑﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻏﺎزﯨﻴﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ رول ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪۇ. ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻏﺎزﯨﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺟﺎزﺑﻪ 9ﺗﺎرﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯘۋۋەت) ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟـلاپ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻣﯩﺰاج، ﺋﻪﻓﻤﺎل (ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪت)، ﺷﯘﻧﺪاﻗـلا ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺋﻪﻓﻤﺎل (ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪت)، ﺷﯘﻧﺪاﻗـلا ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻜﺮەك ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردا ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺳﯚﯕﻪك، ﭘﻪي، ﻛﯚﻣﯜرﭼﻪك، ﻣﻮﻳـلار ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﻰ ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﺰﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﻪر ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻗﻮﻳﯘ، ﻣﺎددﯨـلارﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ۋە ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﺪﯨﯩﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﯩﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎددﯨـلارﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﺎل ﺷﯘ ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳـلاﺷﻘﺎن، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯘرۇق ﺳﻮﻏﯘق ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺑﯩﺰﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪۋدا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯚت ۋە ﺋﯚت ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯜزەۈﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻳﺎدروﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜزۈﻟﯜﺷﯩﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺋﯧﻨﯧﺮەﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎرﭼﯩﯩﻐﯘﭼﯩـلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜر ﮬﻪم ﭘﺎرﭼﯩـلاش، ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ روﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘرۇق ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻳﯜرەك ﻗﺎن ﺗﻮﻣﯘر ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﺎردﯨﺴﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻧﯧﭙﯩﺰ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلار ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯚپ، ﺧﻮﻧﺪوروﺳﻮﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﮔﻪۋدﯨﻠﯩﻚ، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﭼﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻮل ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﻣﺎددا ﺗﯘﺗﻘﺎن ﻗﺎن ﯨﻠﯩﺘﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﻰ ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻧﻰ ﺗﺎﻟـلاپ ﺋﯚﺗﮕﯜزﮔﻪﻧﺪە ﻗﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﯧﯖﻪ، ﻳﯘﻟﯘن، ﺑﯚرەﻛﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﮬﯜﻗﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎددﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗـلارﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪارى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪزاﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻛﯚﭘﺮەك، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩـلاﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺳﯘﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﻛﯜﭼﻠﯜك. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺧﯩﻠﯩﺘـلار ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚل ﺳﻮﻏﯘق ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺳﯘﻳﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺧﯩﻠﯩﺘـلار ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺟﻪزﯨﺒﻪﻧﯩﯔ ﺗﯜرﺗﻜﯩﺴﯩﺪە ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﭘﻪردﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪە ﺑﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻣﺎﺳﯩﻜﻪﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﯩﭽﯩﺪە ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯘرۇپ، ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﮬﺎزﯨﻤﻪ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪدەﻧﺪە ﺋﯚزﻟﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﮬﺎزﻣﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺧﯩﻠﯩﺘـلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﺎرﭼﯩـلاش ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜرۈش، ﺋﻮﻛﺴﯩﺪلاش، ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﺳﯩﺰلاش، ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﮬﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎددا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﺷﺘﯩﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯧﺮەﻛﺴﯩﺰ ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ داﻓﯩﺌﻪﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﮬﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﺎددﯨﻠﺮ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚزﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻣﯘﺳﻪۋﯨﺮەﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ۋە ﺳﺎن ﻛﻪﻣﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ۋە ﺳﺎن ﻛﻪﻣﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻣﯘۋەﻟﻠﯩﺪەﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻠﻤﯩﻪەن ﺑﺎلا ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺑﺎلا ﮬﯜﺟﻪﻳﺮە ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﻧﺎﻣﯩﻴﻪﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷـلا ﺧﯩﻠﯩﺘـلاردﯨﻦ ﺋﻮزۇﻗﻠﯘق ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﻪﺟﯩﻢ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﮬﯜﻗﻪﻳﺮﯨﻠﻪرەە ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪر ﺗﻮﭘﻰ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ، ﺋﻪزالارﻧﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪزاﻧﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﮬﯜﻗﻪﻳﺮە ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺰاﺟﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﻪزالار ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﻣﯩﺰاﺟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﮬﻪم ﺋﯚﺗﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ دەۋام ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ.

تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز.

مىزاج تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەپ مىزاجىغا تەقسىملىنىدۇ. ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجىغا تەقسىملىنىدۇ. ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجنىڭ نورمال، غەيرىي نورمال ھالەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 64 خىل مىزاج مەۋجۇت. بۇلار يەنە سېكونت ۋە مىنۇتتا ئۆزگىرىش ياسىشى، يېڭىدىن باشقا مىكرو مىزاجغا ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، بىر-بىرىگە ئوخشىمىغىنىدەك مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۈچۈن بىر-بىرىگە شەكىل ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەت جەھەتتىن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق

    تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېزراق سوقىدىغان، سۈيدۈگى قىزىلغا مايىل سېرىق بولىدۇ.

          يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەرنىڭ خۇلقى مىجەزى ۋە روھى ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى شۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي كۈزىتىشىدىن قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تېز، سەزگۈر ھە ئالدىراڭغۇ، تۇراقسىز، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇيقىسى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ.

ھۆل ئىسسىـق

بۇ، ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، تەبىئىي مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق بولغاچقا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك، ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت- قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر خوش پېئىل، ئوچۇق، ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئورتاھال، سىرتقى تەسىراتلارغا بولغان قوزغىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتە قۇرۇق سوغاق خاراكتېردىكى (مەسىلەن: كالا گۆشىگە ئوخشاش) غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق سوغاق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق (مەسىلەن: قوي گۆشىگە ئوخشاش) غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلسا ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

ھۆل سوغاق

ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە، بۇ خىلىدىكى كىشىلەر ئېغىر بېسىق، بىغەم، ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ. يەنى سىرتتىكى تەسىراتلارغا قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا، قوزغىلىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغاق ( مەسىلەن: سۇيۇق ئاش، ھۆل مېۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇپاسىل)، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەمما داۋالاشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

قۇرۇق سوغاق

قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققى قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمىلى ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالى ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ. ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرگە ئارلىششنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھى كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ (يېتىلدۈرۈپ) بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تىببى تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#