خارى پوتتېر

خارى پوتتېر
فىلىمدە باش قەھرىمان خارى پوتتېرنىڭ خوگۋورتىس سېھرىگەرلەر مەكتىپىگە كىرگەندىن كېيىنكى ئالتە يىل جەريانىدا يولۇققان ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار سۆزلىنىدۇ
ئۇيغۇرچە نامى خارى پوتتېر
خەنزۇچە نامى 哈利·波特
باشقا نامى Harry Potter
ئىشلىگەن شىركەت ۋارنېرئاكا-ئۇكاكىنوشىركىتى
ئىشلەنگەن ئورۇن ئەنگىلىيە
باش رولچى Daniel Radcliffe, Emma Watson, Rupert Grint
تۈرى سېھرىگەرلىك،فانتازىيە
قويۇلغان ۋاقتى 2001-يىلى
imdbكودى PG-13、PG
دىئالوگ تىلى ئىنگىلىزچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىلىمدىكى باش قەھرىمان خارې پوتتېرنىڭ ئاتا-ئانىسى سېھرىگەر بولۇپ خارې كىچىك ۋاقتىدا ئۇلار رەزىل كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلىدۇ.

 بىر ياشقا كىرگەن يىلى ھاممىسى بېقىۋېلىپ ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە 10يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇ 11 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بىر خەۋەرچى مۈشۈكياپىلاقتىن خەت تاپشۇرۋالىدۇ. خەتتە ئۇنى سىرلىق بىر جاي خوۋگۋورتىس سېھرىگەرلەر مەكتىپىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. سېھرىگەرلەر مەكتىپىدە خارې يېڭى دوست تۇتۇپلا قالماي يەنە سۈپۈرگىدە ئۇچۇشنى ئۈگىنىدۇ.

 يەنە بىر كۆرۈنمەس پىلاشقىمۇ ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سېھرىگەرلەر مەكتىپى بىلەن ۋولدېموت ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ باشلىنىدۇ

بىرىنچى بۆلۈم

بىرىنچى بۆلۈم : خارې پوتتېر ۋە كىمىيا

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利波特1:魔法石

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2001-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 2:30:14

باھالانغان نومۇر: 8.5

تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئورۇن : شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى

بۇ بۆلۈمدە خارى پوتتېر سېھرىگەرلەر مەكتىپىگە بارىدۇ ۋە رون ۋېسلى، خېرماينى گىرىنجىر قاتارلىقلار دوستلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار 

ۋولدىموتنىڭ كىمىيانى ئوغىرلىماقچى بولغىنىنى بىلىپ قالىدۇ. ۋولدىموت ئەسلى كىمىيا ئارقىلىق ئەسلىگە كەلمەكچى ئىدى. بىراق ئۇلار ۋولدىموتنىڭ رەزىل پىلانىغا قارشى تۇرۇپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىدۇ ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا كىمىيانى ساقلاپ قالىدۇ

ئىككىنچى بۆلۈم

ئىككىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە مەخپىي ئۆي

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利波特与密室

ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2002-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 161مىنۇت

باھالانغان نومۇر: 8.0

تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئورۇن : شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى

مەكتەپتە نۇرغۇن سىرلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ. رىۋايەتلەردىكى سىلىدىرىننىڭ مەخپىي ئۆيى ئېچىلىدۇ. خارى پوتتېر يىلان تىلىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ گۇمان قىلىش ئوبيىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خېرماينى گەرچە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن قېتىپ قالىدۇ. خارى پوتتېر رون بىلەن بىرلىكتە مەخپىي ئۆيگە كىرىپ ۋولدىموت بىلەن يەنە بىر نۆۋەت ئۇچرىشىدۇ. ئۇ يىلان ئالۋاستىنى ئۆلتۈرۈپ جىننىنى قۇتقۇزۇپ يىلان ئالۋاستىنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ يەنە ۋولدىموتنىڭ يەتتە روھ ساقلىغۇچىسىنىڭ بىرى بولغان خاتىرە دەپتىرىنى بۇزىۋىتىپ ۋولدىموتنى مەغلۇپ قىلىدۇ 

ئۈچىنچى بۆلۈم

ئۈچىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى

خەنزۇچە ئىسمى : 阿兹卡班的囚徒

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2004-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 141مىنۇت

باھالانغان نومۇر : 7.7

ئازكاباندىكى مۇھىم جىنايەتچى بولغان كىچىك ئاسمان بۆرىسى بىلاك تۈرمىدىن قېچىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ مەقسىتى خارى  پوتتېرنى  ئۆلتۈرۈش ئىدى. مەكتەپ تەرەپمۇ خارى پوتتېرنى قوغدايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا كىچىك ئاسمان بۆرىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ۋە يەنە ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قويغان ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. خارى پوتتېرنىڭ تەربىيىچى ئاتىسى بولۇپ خارىنىڭ  بىردىنبىر  تۇغقىنى ئىدى. كېيىن ئۇلار مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قويغان ئادەمنىڭ ئەسلىدە روننىڭ ئەرمەك چاشقىنى پەتەك پېتىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

پېتىر قېچىپ كەتكەچكە كچىك ئاسمان بۆرىسىمۇ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈيدۇ. كېيىن ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەپ، خارى پوتتېر ئۇنى قۇتقۇزۋالىدۇ. خارىمۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى يەنىمۇ تولۇق چۈشىنىدۇ.  

تۆتىنچى بۆلۈم

تۆتىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە يالقۇنلۇق لوڭقا
خەنزۇچە ئىسمى : 哈利波特与火焰杯
ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2005-يىلى
فىلىم ئۇزۇنلىقى : 157مىنۇت
باھالانغان نومۇر : 7.9

خارى پوتتېر «ئۈچ كۈچلۈك»نى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ قاتمۇقات مۇسابىقە باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ بولۇپ ئاخىرىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان يەنە بىر ھەمراھى بىلەن بىللە ۋولدىموتنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ۋولدىموت رەسمىي تىرىلىدۇ.

بەشىنچى بۆلۈم

بەشىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利波特与凤凰社

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2007-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 138مىنۇت

باھالانغان نومۇر : 7.7

سېھرىگەرلىك مىنىستىرى ۋولدىموت تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنمەي خوگۋورتىسقا ئادەم ئەۋەتىپ باشقۇرىدۇ. خارى پوتتېرمۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئۇلارغا ئۆزى بىلىدىغان سېھىرگەرلىكلەرنى ئۈگىتىپ ۋولدىموت بىلەن ئېلىشىش تەييارلىقىنى قىلىدۇ. بىر قېتىملىق جەڭدە كىچىك ئاسمان بۆرىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇرۇش سىگنالىمۇ چېلىنىدۇ.

ئالتىنچى بۆلۈم

بەشىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە ئارغۇن شاھزادە

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利波特与混血王子

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2009-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 153مىنۇت

باھالانغان نومۇر : 7.5

خارى پوتتېرمۇ سېھرىگەرلەر مەكتىپىدىكى ئالتىنچى يىلىغا قەدەم قويىدۇ. سىنەيپ «قارا سېھرىگەرلىكتىن مۇداپىئەلىنىش» دەرىسىنىڭ پروفىسسورى بولىدۇ. ۋولدىموتنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بارلىق روھ ساقلىغۇچلارنى كۆزدىن يوقىتىش كېرەك.  پروفىسسور دامبىلدور خارىغا بۇ روھ ساقلىغۇچلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى يوقىتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا  خوگۋورتىستا بىر مەيدان قالايمىقانچىلىق بولىۋاتقان بولۇپ  دەرھال مەكتەپكە قايتىدۇ. ئويلىمغان يەردىن پروفىسسور  سىنەيىپ دامبىلدورنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ. خارى پوتتېرمۇ  ئەمدى يالغۇز قالىدۇ . 

يەتتىنچى بۆلۈم (ئالدىنقى)

يەتتىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利·波特与死亡圣器

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2010-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 144مىنۇت

باھالانغان نومۇر : 7.7

ۋولدىموت مالفۇي قورۇقىدا يىغىن ئېچىپ خارى پوتتېرنىڭ دېسلى ئائىلىسىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتنى بىلىۋالىدۇ. ۋولدىموت بىلەن خارى پوتتېرنىڭ سېھىر تايىقى ئوخشاش بولغاچقا ھەرئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرەلمەيتى ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيتى. شۇڭا ۋولدىموت لۇشىس مالفۇينىڭ سېھىر تايىقىنى ئىشلىتىپ خارى پوتتېرنى بىر تەرەپ قىلماقچى بولىدۇ. ماڭىدىغان چاغدا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ سۇمرۇغ تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دورا ئارقىلىق بىر نەچچە كىشىنىڭ چىراي ۋە تۇرقىنى خارىغا ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ. جىددىي پەيتتە خارى پوتتېرنىڭ سېھىر تايىقى كۈچىنى كۆرسىتىپ ۋولدىموت ئىشلەتكەن لۇشىس مالفۇينىڭ تايىقىنى ۋەيران قىلىدۇ. 

كېيىن ۋولدىموت سېھرىگەرلەر مىنىستىرلىكىنى ئىگەللەپ، باش مىنىستىر لۇفىس سىكىنرنىجنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ. خارى پوتتېر ئۈچەيلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر روھ ساقلىغۇچنى تېپىۋالىدۇ ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ. كېيىن ئۇلار لۇنانىڭ دادىسى شىنوفىس لوۋگودنىڭ چۈشەندۈرۈپ بېرىشى ئارقىلىق رىۋايەتلەردىكى ئۈچ ھالاكەت قورال-كونا سېھىر تايىقى، تىرىلدۈرۈش تېشى ۋە كۆرۈنمەس پىلاش تونۇپ يىتىدۇ. لۇنانى سېھرىگەرلەر مىنىستىرلىكى تۇتۇپ كەتكەچكە شىنوفىس قىزىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن خارىنى سېتىۋىتىدۇ. ئۇلار مالفۇي ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ سوراق قىلىنىۋاتقاندا خارى كىچىك ئاسمان بۆرىسى بەرگەن سېھىرلىك ئەينەك پارچىسىدىن ياردەم سورىغاندا دوبى پەيدا بولىدۇ. دوبىنىڭ ياردىمىدە ئۇلار قۇتۇلۇپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا پىچاق تېگىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ۋولدىموت دامبىلدورنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ كونا سېھىر تايىقىنى قولىغا ئالىدۇ

يەتتىنچى بۆلۈم(كېيىنكى)

يەتتىنچى بۆلۈم : خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى

خەنزۇچە ئىسمى : 哈利·波特与死亡圣器

ئىشلەنگەن ۋاقتى : 2011-يىلى

فىلىم ئۇزۇنلىقى : 130مىنۇت

باھالانغان نومۇر : 7.7

خارى پوتتېر ئامبارغا كىرىپ ۋولدىموتنىڭ يەنە بىر روھ ساقلىغۇچى بولغان ئالتۇن رومكىنى ئىزدەيدۇ. كېيىن ئۇلار بايقىلىپ قېلىپ ئەجدىھاغا چىقىپ ئۇچۇپ قېچىپ كېتىدۇ. كېيىن كۆل بويىغا كەلگەندىن كېيىن كۆلگە سەكرەپ چۈشىۋالىدۇ. سىنەيىپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ يىغىن ئېچۋاتقاندا خارى پوتتېر زالغا كىرىپ كېلىدۇ. مىگانىگول پروفىسسور خارىنى قوغداش ئۈچۈن سىنەيىپ قاچۇرۋىتىدۇ. خارى پوتتېر ياردەم ئۆيىنىڭ ياردىمىدە يەنە بىر روھ ساقلىغۇچنى تېپىۋالىدۇ. بىراق مالفۇي، كىراب قاتارلىقلار كىرىپ قېلىپ ئۆينى كۆيدۈرۋىتىدۇ. ئاخىرىدا رون بىلەن خېرماينىنىڭ ياردىمىدە ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. خارې پوتتېر ۋولدىموتنىڭ يەنە بىر روھ ساقلىغۇچىنىڭ ئۇنىڭ يىلىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. لېكىن يىلانمۇ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى تۇيۇپ قالىدۇ. خارى پوتتېر يەنە بىر قېتىم ۋولدىموتنىڭ مېڭىسىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئورنىنى تاپىدۇ. ئۇلار كەلگەن چاغدا زەھەرلىك يىلاننىڭ سىنەيىپنى ئۆلتۈرۈپ سېھىر تايىقىنى ئەپ كەتكىنىنى كۆرىدۇ. ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن سىنەيىپ ئەسلىمىلىرىنى خارىغا بېرىدۇ. ئەسلىدە سىنەيىپ خارىنىڭ ئاپىسى لىلىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەچكە دامبىلدور تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. خارى ئۆزى يالغۇز ۋولدىموتنىڭ ئالدىغا بېرىپ خەگرىتنى كۆرىدۇ. خارى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يىقىلىپ ھايات مامات ئارلىقىدا تۇرۋاتقاندا دامبىلدورنى ئۇچرىتىدۇ. خارى پوتتېر ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ۋولدىموتنىڭ روھ ساقلىغۇچىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ۋولدىموت خەگرىتقا خارى پوتتېرنىڭ جەسىتىنى خوگۋورتىسقا ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇيدۇ. خوگۋورتىستا ھەممەيلەن يىغىلغان ۋاقىتتا خارى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ۋولدىموت بىلەن ئېلىشىدۇ. ناۋمىنج گىرىفىندور قىلىچ بىلەن يىلاننى چېپىپ تاشلاپ ۋولدىموتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى روھ ساقىلغۇچىنى ۋەيران قىلىدۇ. خارى شۇ چاغدا سىنەيىپنىڭ دامبىلدورنى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلتۈرۋەتكىنىنى بىلىدۇ. مالفۇي ئائىلىسىدە مالفۇي جەمەتىنىڭ كۈچىنى يېشىۋەتكەن ئادەم خارى پوتتېر بولغاچقا سېھىر تايىقى خارىنىڭ قولىدا كۈچىنى نامايەن قىلالايتى. ۋولدىموت سېھىر تايىقى بىلەن خارىغا ئەپسۇن ئىشلىگەندە خارى سېھىر تايىقىنى كونترول قىلىپ ئەپسۇننى ۋولدىموتقا قايتۇۋىتىدۇ، ۋولدىموت ئاخىرى ئۆلىدۇ. 

19يىلدىن كېيىن ئۇلار بالىلىرىنى خوگۋورتىس سېھرىگەرلىك مەكتىپىگە يولغا سېلىپ قويىدۇ

2002-يىلى 74-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە كىمىيا« ئەڭ ياخشى تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا نامزاتىغا، ئەڭ ياخشى سەنئەت يىتەكچىسى نامزاتىغا، ئەڭ ياخشى كىيىم لاھىيەسى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2004-يىلى ئالتۇن تەشۋىقات فىلىم مۇكاپاتىدا، «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى»ئەڭ ياخشى ئائىلە كارتون تۈرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2005-يىلى 77-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى»ئەڭ ياخشى تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2005-يىلى 77-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا«خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى»ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2005-يىلى كۆرۈش ئۈنۈمىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى»ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2005-يىلىدىكى ساتۇرىن مۇكاپاتىدا، «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى» ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2005-يىلى ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى»ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2006-يىلى 78-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا، «خارى پوتتېر ۋە يالقۇنلۇق لوڭقا» ئەڭ ياخشى سەنئەت يىتەكچىسى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2008-يىلى ساتۇرىن مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى» ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈم نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2008-يىلى ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى»ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2008-يىلى كۆرۈش ئۈنۈمىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا، «خارى پوتتېر ۋە سۇمرۇغ تەشكىلاتى» ئەڭ ياخشى مۇھىت لاھىيەسى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا ئېرىشكەن

2010-يىلى 82-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ئارغۇن شاھزادە» ئەڭ ياخشى ئوپىراتور مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2010-يىلى ساتۇرىن مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ئارغۇن شاھزادە» ئەڭ ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا ئېرىشكەن

2010-يىلى ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ئارغۇن شاھزادە» ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى 83-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى سەنئەت يىتەكچىسى نامزاتىغا، ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىدا، «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى كۆرۈش ئۈنۈمىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى كارتون پىرسوناژى (ئادەملەشكەن)مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىللىق كۆرۈش ئۈنۈمىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى مۇكاپاتى نامزاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى ساتۇرىن مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى سېھىرگەرلىك فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەڭ ياخشى رىژىسسور مۇكاپاتىنىڭ، ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەك مۇكاپاتىنىڭ، ئەڭ ياخشى گىرىم مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى BAFTA بالىلار فىلىمى مۇكاپاتىدا، «خارى پوتتېر ۋە ئازكاباننىڭ جىنايەتچىسى» ئون يىلدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى بالىلار تاللاش مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال پىرسوناژ مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى ئەنگىلىيە كىنو تېلىۋىزىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى تۆھپىلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى ئەنگىلىيە ياش ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(ئالدىنقى)» ئەڭ ياخشى فانتازىيە كىنوسى ئايال رولچى مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى سەلبىي ئوبراز مۇكاپاتىغا، ئەڭ ياخشى فانتازىيە فىلىمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2011-يىلى Spike TVچىقىرىشىش مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(كېيىنكى)» ئەڭ كۈچلۈك چىرقىراش مۇكاپاتىغا ، ئەڭ ياخشى چىرقىراش ئەسىرى ، ئەڭ ياخشى خىسلەتلىك ئەر پىرسوناژ ، ئەڭ ياخشى سەلبىي پىرسوناژ، ئەڭ ھاياجانلىق كۆرۈنۈش، ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2012-يىلى 84-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(كېيىنكى)» ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى، ئەڭ ياخشى گىرىم، ئەڭ ياخشى سەنئەت يىتەكچىسى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىغا ئېرىشكەن

2012-يىلى MTVكىنو مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(كېيىنكى)» ئەڭ ياخشى فىلىم،، ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس، ئەڭ ياخشى ئېلىشىش كۆرۈنۈشى نامزاتلىرىغا ئېرىشكەن ۋە «ئەڭ كاس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

2012-يىلى 38-نۆۋەتلىك ساتۇرىن مۇكاپاتىدا «خارى پوتتېر ۋە ھالاكەت قورالى(كېيىنكى) ئەڭ ياخشى فانتازىيەلىك كىنو، ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولىچى، ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى، ئەڭ ياخشى رىژىسسور، ئەڭ ياخشى سەنئەت يىتەكچىسى، ئەڭ ياخشى مونتاژ، ئەڭ ياخشى كىيىم-كېچەك، ئەڭ ياخشى گىرىم، ئەڭ ياخشى ئالاھىدە ئۈنۈم قاتارلىق 10تۈرلۈك نامزاتقا ئېرىشكەن

 پىرسوناژ رولچىقوشۇمچە ئىزاھات
 خارى پوتتېر دانىئېل رادكىلىف (Daniel Radcliffe)  بىرىنچى بۆلۈمدىكى بوۋاق رولىنى سائۇندېرس (Saunders) ئىسىملىك بوۋاق ئالغان
 رون ۋېسلى رۇپېرت گرىنت (Rupert Grint)
 خېرماينى گېرىنجىر ئېما ۋاتسون (Emma Watson) 
 ئالبىس دامبىلدوررىچارد خارىس (Richard Harris) 
مىكائىل گابسون (Michael Gambon) 
توبى رېگبو (Toby Regbo)
 رىچارد خارىس 2002-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى 72يېشىدا كېسەل سەۋەپلىك قازا قىلدى، شۇڭا 1-بۆلۈم ۋە 2-بۆلۈمگىلا رولغا قاتناشقان
 سېۋېرۇس سىنەيىپ ئەلۇن رىكمان (Alan Rickman)ئەلۇن رىكمان 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى راك كېسىلى بىلەن لوندوندا 69 يېشىدا قازا قىلدى
 مېنىرۋا مىگانىگول مەگى سىمىس(Maggie Smith) 
 جىننى ۋېسلى بونى كەتلىن رايت (Bonnie Kathleen Wright) 
 ۋولدىموت  دېرېك دېدمان (Derek Deadman)
كىرىستىئان كولسۇن (Christian Coulson)
فرنك دىلانې (Frank Dillane)
خېرو فىنىس تىفىن(Hero Fiennes-Tiffin)
رالف فىنىس (Ralph Fiennes)

 بىرىنچى بۆلۈمدە دېرېك دېدمان (Derek Deadman)، ئىككىنچى بۆلۈمدىكى ياش ۋاقتىدا كىرىستىئان كولسۇن (Christian Coulson)، ئالتىنچى بۆلۈمدىكى 16ياش ۋاقتىدا فرنك دىلانې (Frank Dillane)، ئالتىنچى بۆلۈمدىكى 11ياش ۋاقتىدا خېرو فىنىس تىفىن(Hero Fiennes-Tiffin)، تۆتىنچى بۆلۈمدىن كېيىن رالف فىنىس (Ralph Fiennes)
 دراكو مالفۇي توم فېلتون (Tom Felton) 
 ناۋېل لوڭبوتوم ماسىيۇ لېۋىس (Matthew Lewis) 
 لۇنا لوۋگود  ئېۋانا لىنچ (Evanna Lynch) 
 رۇبېئۇس خەگرىت روبى كولترون (Robbie Coltrane) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (25 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    92%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    8%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#