شىمال
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمال، تۆت ئاساسلىق تەرەپنىڭ بىرى. شىمالىي قۇتۇبقا ئىشارە قىلىنىدۇ. «جەنۇب» نىڭ قارشى تەرىپى.
ماگىنتلىق شىمال
ماگىنتلىق شىمال (كومپاس شىمالى) ئۆزگىرىشچان. كومپاسلاردا شىمالنى كۆرسىتىدىغان يىڭنە كۆرسەتكەن تەرەپتۇر. كومپاس بىلەن ئۆلچەنگەن تەرەپ ماگىنىتلىق بولغانلىقى ۋە يەر يۈزىدىكى ماگىنىتلىق يەرلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى يۈزىدىن، ماگىنىتلىق شىمال ئۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت يەرگە قارىتا بەلگىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە بولسا ماگىنىتلىق شىمالنىڭ، غەربىي شىمالغا قارىتا ئاغىشى باردۇر. خەرىتە ئۈستىدە ئۇچىدا يېرىم ئوق ئىشارىتى بىلەن كۆرسىتىلىدۇ.
گرىد شىمالى
گرىد شىمالى (خەرىتە شىمالى) مۇقىم. خەرىتىدىكى شىمال ۋە جەنۇب سىزىقلىرى كۆرسەتكەن شىمال تەرەپ. خەرىتىلەر تىك كېسىك (مېردىيان ئۈستىدىكى) سىزىقلارنىڭ ئۇچىغا جەنۇب شىمال دەپ ئىشارەت قىلىدۇ.
تەبئىي خاتالىق پەرقى
تەبىي خاتالىق پەرقى: ماگىنىتلىق شىمال بىلەن جۇغراپىيەلىك شىمال ئارىسىدىكى پەرقتۇر. ماگىنىتلىق شىمال زامانغا كۆرە ئۆزگىرىشچان بولغانلىقى ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك شىمالنىڭ شەرقىدە ياكى غەربىدە بولىشى مۇمكىن. خەرىتە ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ مىقدارى ئىپادىلىندۇ. يىللىق ئۆزگىرىش كەم (مىنۇس) بولسا ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالغا يېقىنلىشىدۇ. يىللىق ئۆزگىرىش ئارتۇق (پىلوس) بولسا ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالدىن يىراقلىشىدۇ. مەسىلەن، 1990- يىلى خاتالىق پەرقى 3 گرادۇس 14 مىنۇت. يىللىق خاتالىق مىنۇس 0.9 دەقىقە. 1999- يىلى ئۈچۈن 8.1 = 0.9 × 9 يىل مىنۇتلۇق خاتالىق توغۇلىدۇ. 1999 -يىلى خاتالىق پەرقى 3 گرادۇس 6 مىنۇت بولىدۇ. (3 گرادۇس 14 مىنۇت - 8 مىنۇت). ھەر يىل ئۆتكەنسېرى ماگىنىتلىق شىمال، جوغراپىيىلىك شىمالغا يېقىنلىشىدۇ.
يىللار | شىمالىي كەڭلىك (پارالېل) | غەربىي ئۇزۇنلۇق (مېردىئان) |
1947 | 73.9° | 100.9° |
1962 | 75.1° | 100.8° |
1973 | 76.0° | 100.6° |
1984 | 77.0° | 102.3° |
1994 | 78.3° | 104.0° |
2001 | 81.3° | 110.8° |
2002 | 81.6° | 111.6° |
2003 | 82.0° | 112.4° |
2004 | 82.3° | 113.4° |
2005 | 82.7° | 114.4° |
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.