لى كېچىياڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇينىڭ دىڭيۈەندىن، 1974-يىلى 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش تارىخى، قانۇنشۇناسلىق باكلاۋىرى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان.
1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ كوممۇنىسى دوڭلىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1976-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ كوممۇنىسى دوڭلىڭ چوڭ ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 1978-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1982-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ كاندىدات سېكرېتارى بولغان، 1985-يىلىدىن 1993-يىلغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. ئارىلىقتا، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان، 1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ 1-سېكرېتارى قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان بولغان، ئارىلىقتا، 1988-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىدە خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدىن ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان.
1998-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى قوشۇمچە خۇاڭخې كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان، 1999-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى قوشۇمچە خۇاڭخې كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكە باشلىقى قوشۇمچە خۇاڭخې كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان، 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 2004-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 15-، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.