يەرقان

بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقى، ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، جىگەر تومۇرلىرى ياكى ئۆت يوللىرى توسۇلۇش ۋە بەدەن سارغىيىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرە سارغىيىپ كېتىش، سۈيدۈك قىزىل چايدەك كېلىش، چوڭ تەرەت رەڭسىز ئاق كېلىش، تېرە قىچىشىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى يەرقان
كېسەللىك سەۋەبى ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش كېسەللىرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى jaundice,icterus
ئاساسلىق ئالامىتى تېرە سارغىيىپ كېتىش،تېرە قىچىشىش
خەنزۇچە نامى 黄疸
خەنزۇچە باشقا نامى 显性黄疸

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەرقانسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقى، ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، جىگەر تومۇرلىرى ياكى ئۆت يوللىرى توسۇلۇش ۋە بەدەن سارغىيىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆز ئېقى، شىللىق پەردە ۋە تېرە سارغىيىپ كېتىش، سۈيدۈك قىزىل چايدەك كېلىش، چوڭ تەرەت رەڭسىز ئاق كېلىش، تېرە قىچىشىش، ئېغىز ئاچچىق، تەشنالىق ئېغىر بولۇش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ۋە جىگەر ئەتراپىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل خەمىكى 35 گىرام، كاسىنە 60 گىرام، بەدىيان يىلتىزى 90 گىرام، ئىزخىر 12 گىرام، ئەفتىمۇن، كاسىنە ئۇرۇقى 30 گىرامدىن، سۇ تۆت لىتىر، شېكەر 400 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

يەرقانتەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گىرام، تەمرى ھىندى 60 گىرام، ئەينۇلا 30 تال، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، پۇنۇس 75 گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: رەيھان ئۇرۇقى ئالتە گىرام، رەۋەن 12 گىرام، كاسىنە ئۇرۇقى 60 گىرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى ئالتە گىرام، شېكەر 550 گىرام، سىركە 15 گىرام، سۇ ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ئۈستىگە شېكەر، سىركىلەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىچىلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#