ئەڭ ئۇزۇن قۇش قانىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالباتروس دېڭىز-ئوكيانلارغا كەڭ تارقالغان لەيلىگۈچى زور دېڭىز قۇشى بولۇپ، چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار كۈن بويى دېگۈدەك دېڭىز ئۈستىدە لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ. دېڭىزدا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئۇلارنىڭ پاراخۇتقا ئەگىشىپ ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ ئاپئاق قانىتىنى كېرىگەندە گويا خۇددى ئاسماندا بىكار يۈرگەندەك بىلىنىدۇ. بوران پەسلىدە بولسا، ئۇلار پورت ياكى قولتۇقلارنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئالباتروس سىيا بېلىق ۋە باشقا سۇ جانۋارلىرى بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. شۇنىڭدەك پاراخۇتلاردىن تاشلىۋېتىلگەن يېمەكلىكلەرنىمۇ يەيدۇ.
يېتىلگەن بىر ئالباتروسنىڭ قانىتىنى كېرىگەندە، قانىتىنىڭ بىر ئۇچىدىن يەنە بىر ئۇچىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى(قىسقارتىپ قاناتنىڭ يېيىلىشى دېيىلىدۇ) ئادەتتە 3.17 مېتىر كېلىدۇ. تەخمىنەن 1957-يىلى ئاۋسترالىيىنىڭ غەربىدىن بىر ئەركەك ئالباتروس تور بىلەن تۇتۇۋېلىنغان. ئۇنىڭ قانىتىنى كېرىگەندە ئۇزۇنلۇقى 3.38 مېتىر كەلگەن. ئۇ خاتىرلەنگەن قۇش قاناتلىرى بويىچە يېڭى رىكورد ياراتقان.
تېيىز سۇلاردا ياشايدىغان زور قۇشلارغا كەلسەك، ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياشايدىغان لەيلەكلەرنىڭ كۆرۈنۈشى تۇرنىغىمۇ، قوتانغىمۇ ئوخشايدۇ. قانىتى ئۇزۇن، چوڭ، قۇيرۇقى قىسقا، يۇمۇلاق بولۇپ، قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ. ناھايىتى يېنىك لەيلەپ ئۇچىدۇ. ئۇلار دائىم جىلغا سۈيى ياقىلىرىدا ئۇچۇپ بېلىق، پاقا، يىلان ۋە قاسراقلىق كىچىك جانۋارلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كېچىسى ئېگىز دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە ياتىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئافرىقىدا بىر لەيلەك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى 4.08 مېتىر كەلگەن. ئۇ لەيلەكلەر ئائىلىسىدە ئەڭ چىرايلىق بىر تۈر بولۇپ، گەۋدىسىدە ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن ئاق-قارا سىزىقلار بار. شۇڭا لەيلەكلەرنى ناھايىتى ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىك تۇرغاندا ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر كېلىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشايدىغان تاز بۈركۈت گەرچە ئەڭ ئۇزۇن قاناتلىق قۇشلار قاتارىغا كىرمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر خىل زور قۇش بولۇپ، قانىتىنى يايغاندا ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كەم كەلمەيدۇ. بۇ قۇش ھايۋان جەسەتلىرىنى يەپ، «كوچا تازلاش خىزمى» نى ئىشلەيدىغان پايدىلىق قۇش سانىلىدۇ. (ۋاڭ جياجۈن)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.