Beyond
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
BeyondBeyond شياڭگاڭنىڭ داڭلىق روك مۇزىكا ئەترىتى، 1983-يىلى قۇرۇلغان، 2005-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن. ئەترەتنىڭ خەنزۇچە مەنىسى بولسا ھالقىش، مۇزىكا ئەترىتى خۇاڭ جياگوۋ، خۇاڭ جياچياڭ، خۇاڭ گۈەنجوڭ، يې شىروڭدىن ئىبارەت تۆت كىشىدىن تەشكىللەنگەن، ئەينى چاغدىكى خەنزۇچە مۇزىكا ساھەسىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، تەيۋەن دىن تارتىپ، يىراقتىن ياپونىيە، سىنگاپور، مالايسىيا ۋە باشقا چەتئەللەردىكى خەنزۇ مۇھاجىرلار رايونىدىمۇ سانسىز مەستانىلەر قوشۇنىغا ئىگە مۇزىكا ئەترىتى.[0] ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: شانلىق يىللار، راستىنلا سىزنى سۆيىمەن، زېمىن، سوغۇق يامغۇرلۇق كېچە، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئاشىق–مەشۇق، ئىككىلەنمەيمەن، خوش غايە قاتارلىقلار بار.
ئون چوڭ خەنزۇچە موزىكا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 25-نۆۋەتلىك ئون چوڭ خەنزۇچە مۇزىكائەلنەغمە كۈمۈش شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، خەنزۇ مۇزىكىسى تاراتقۇ مۇكاپاتى خەنزۇتىلى مۇزىكا ساھەسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇزىكا ئەترىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مودا موزىكا ساھەسى مۇكاپاتى مۇزىكا مۇنبىرى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
«شانلىق يىللار»، «راستىنلا سىزنى سۆيىمەن»، «زېمىن»، «سوغۇق يامغۇرلۇق كېچە»، «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» قاتارلىق ئەسەلىرى بار.
ئون چوڭ خەنزۇچە موزىكا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.