سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش

سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش

بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا، جۈملىدىن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، دىققەت-ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، گۇمانخورلۇق، قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىش، ئورۇنسىز ۋەھىمە قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش
كېسەللىك سەۋەبى سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشلار
ئىنگلىزچە نامى hypersensitivity
ئاساسلىق ئالامىتى گۇمانخورلۇق،ئورۇنسىز ۋەھىمە قىلىش
خەنزۇچە نامى 过敏
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ياشلاردا، جۈملىدىن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: دىققەت-ئېتىبارىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، گۇمانخورلۇق، قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىش، ئورۇنسىز ۋەھىمە قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئۈزۈم شىرىسى بەش لىتىر، دارچىن، قەلەمپۇر، بەسباسە، جويۇز، ئۇد ھىندى، گاۋزىبان ھىندى، بادرەنجى بۇيىنى ھەر بىرى 30 گىرامدىن، ئىپار، ئەنبەر ئۈچ گىرامدىن، قەنت ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۈزۈمنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيىنى كوزىغا قۇيۇپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ، ئاپتاپتا بىر نەچچە كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس ھەر بىرى 30رامدىن، ھېلىلە پوستى 60 گىرام، شاھتەررە، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيىنى 15 گىرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇت ئالتە گىرامدىن، سىركە 250 مىللىلىتىر، ئۆچكە سۈتى 360 مىللىلىتىر، سۇ مۇۋاپىق كىلوگرام.

سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇستىن باشقا دورىلارنى سۇغا چىلاپ، ئۈستىگە سىركىنى قۇيۇپ بىر كېچە تۇرغۇزۇپ، ئەتىسى قاينىتىدىغان ۋاقتىدا ئۈستقۇددۇسنى سېلىپ، سېرىق ئوتنى بىر كىچىك خالتىغا ئوراپ دورىغا قوشۇپ بىللە قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ئېرىتىلگەن تەرەنجىبىن، شېكەر ۋە سۈتنى قوشۇپ بىر قاينىتىپلا ئېلىپ، بادام مېغىزىنى ئاقلاپ، يۇمشاق سوقۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پىلە غوزىسى 500 گىرام، خولىنجان، مەستىكى، ئېگىر 30 گىرامدىن، زەپەر 10 گىرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى تازىلاپ، ئۈچ كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ، قاينىتىپ، دورىلارنىڭ تەمى چىقىپ بولغاندىن كېيىن پىلە غوزىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر سېلىپ سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، دورا سەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەر سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#