يېشىل قۇيرۇق راك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېشىل قۇيرۇق راكيېشىل قۇيرۇق راك ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تاتلىق سۇ راكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز، جۇغى چوڭ، كۆپىيىشى تېز، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تاتلىق سۇ دەريا-كۆللىرىگە كەڭ تارقالغان. يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول، ھەر 100 گرام يېگىلى بولىدىغان قىسمىدىكى ئاقسىل 40.16 گرام بولۇپ، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنىڭ مېڭىنى بەلگىلىك قۇۋۋەتلەش رولى بار، دەپ قارايدۇ.
يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق، چۆچۈپ كەتكەندە ياكى رەقىبلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قورساق قىسمىنى جىددىي تارايتىپ، قۇيرۇقى بىلەن سۇنى پالاقشىتىپ كەينىگە چېكىنىدۇ، ئاندىن بەدىنىنى توساتتىنلا تۈزلەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، 5-، 6-ئايلاردا تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئادەتتە 40 كۈن ئىچىدىلا 3 سانتېمېتىر ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، 11-ئايدا ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 3 −5 گرامغا يېتىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك ئۆمرىدە 13 −15 قېتىم قاسىراق تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، ئۆمرى ئادەتتە 14 −18 ئاي غىچە بولىدۇ.
يېشىل قۇيرۇق راكنى سۈنئىي بېقىشتا ھازىر تور ساندۇقتا بېقىش، كۆلچەكتە بېقىش ۋە بېلىق بىلەن راكنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشتەك بىرقانچە خىل ئۇسۇل بار. تور ساندۇقتا باققاندىكى مەھسۇلات مىقتارى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭدىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك سۇ تېگىدە ياشايدىغان قاسىراقلىق جانلىق، ئۇنى بېلىق بىلەن بىر كۆلدە باققاندا، سۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.