بوكىس شاھى

مۇھەممەد ئەلى

1942-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېنتاكى شىتاتى لۇيىسۋېلىدا بىر ئەۋلاد بوكىس شاھى كاسىيوس كلەي، يەنى مۇھەممەد ئەلى دۇنياغا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مۇھەممەد ئەلى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 191
چەتئەلچە نامى Muhammad Ali-Haj
خەنزۇچە ئىسمى 穆罕默德·阿里
يۇرتى ئامېرىكا كېنتۇككى ، لۇيئىسۋىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تەنھەرىكەت تۈرى بوكسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوكىس شاھى1942-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كېنتاكى شىتاتى لۇيىسۋېلىدا بىر ئەۋلاد بوكىس شاھى كاسىيوس كلەي، يەنى مۇھەممەد ئەلى دۇنياغا كېلىدۇ. باشقا رايونلاردىكى ئىرق كەمسىتىش مەسلىسى ئوخشاشلا، كېنتاكىدىمۇ تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ يەر رەڭلىك ئادەملەر توپلاشقان جاي بولۇپ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يېيىش قەتئى مەنئى قىلىنغان ئىدى. بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئاممىلار نامايىش قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل ۋەزىيەتنى يەنە نۇرغۇن ئاممىنىڭ مەجبۇرى ھالدا قوبۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەلى بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى رۇدولىف مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىراق ئەلى كىچىگىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

بوكىس شاھى بۇ ئىشلار ئانىسىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئەلىنىڭ ئانىسى ئودىسسا كېيلىن مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بۇرۇن ئىنتايىن بەخىتلىك بالا ئىدى، ئۇ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگرەپ بىر ئىشلارنى قىلىپ خۇشال يۈرەتتى. ئۇ باشقىلار بىلەن سوقۇشۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ بوكىس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىغان مەزگىللىرىدە ئۇ دائىم ماڭا مۇنداق دەيتتى: ھامان بىر كۈنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئالتۇن مېدالنى ئەكىلىمەن. ئۇ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. يەنە بىر قېتىم، تۆت ياش ۋاقتىدا ئۇ: مەن ھامان بىر كۈنى دۇنيا چېمپىيونى بولىمەن دېگەن، ھەقىقەتەن ئۇ يەنىلا بۇ ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى.

12 يېشىدىن باشلاپ، ئەلى مەھەلىسىدىكى بىر چېنىقىش زالىدا بوكىس مەشىق قىلىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ باشلامچى ئۇستازى بولغان جوي مارتىن مۇنداق دەيدۇ: ھەر يىلى مۇشۇ بىنادىكى تەنتەربىيە زالىدا قاراڭغۇ بازار بولىدۇ، كىشىلەر بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل كىيىملىرى ۋە ھەرخىل ماللىرىنى بازارغا سالىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە شار ۋە كەمپۈتكە ئوخشاش كىچىك بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ماللارمۇ بار ئىدى. ئۇ يىلى ئەلى ئەمدى 12 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىرىنچى قېتىم ئۇ بۇ يەرگە ۋېلسىپىت مىنىپ كىلىدۇ، ئۇ كەمپۈت سىتىۋالغان چېغىدا كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ۋېلسىپىتىنى ئوغۇرلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، ساقچىنى ئىزلىمەكچى بولىدۇ، بىرەيلەن پەستە ساقچى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى بىلەن ئۇ پەسكە يۈگۈرەپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ يەنە ئەگەر ئوغرىنى تۇتىۋىلىپ قالسا ئۇنىڭ ئەدىبىنى بىر بەرمەكچى بولىدۇ.

مەن ئۇنىڭغا: «سەن ئاۋال مۇشتلىشىشنى ئۆگەنسەڭ بولمامدۇ؟» دېدىم، ئۇ :«بولىدۇ» دېدى.

مەن: «ئەگەر قوشۇلساڭ بۈگۈن كەچ ياكى ئەتە كەچتىن باشلاپ ئۆگەنگىن».

ئەتىسى قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئۇ ھەقىقەتەن كەلدى، ئۇنىڭ كەلمەيدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز ئىدى، ھەرقېتىم مەن كەلگەندە ئۇ مەشىقنى باشلاپ بولاتتى، مەن كېتىدىغان چاغدا ئۇ قېپقىلىپ يەنە مەشىق قىلاتتى.

1960-يىلنىڭ باشلىرى، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئەلى ئولېمپىك تۈرىدىكى بوكىس مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا باشلايدۇ. ئالتە يىل تەربىيە كۆرگەن ئەلى مۇسابىقىغە چۈشۈشى بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ، ئەلىنىڭ باشلامچى ئۇستازى: ئېسىمدە قېلىشچە ئۇنىڭ بەزى بىر قىزىق ئىشلىرى بولغان، چىكاگونىڭ ئالتۇن پەلەي ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى ئىدى، بىز ئۇ يەرگە باردۇق، ئەلىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدى بىلەن چېمپىيوننىڭ ئېغىرلىقىنى ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيتتى. ئۇ تۇيۇقسىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ: مارتىن ئەپەندىم كەچتە ئالدىراش قىلىدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورايدۇ. مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمەي : يوق، تېخى بېكىتمىدىم، قانداق؟ دەپ سورىدىم.

ئەلى: ئەگەر سىز بىرەر يەرگە ئالدىرسىڭىز مەن بۇ ئەبلەخنى بىرىنچى مەيداندىلا ياتقۇزىۋېتىمەن، سىزمۇ بالدۇر بېرىپ ئىشىڭىزنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ، دەيدۇ.

مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ئۇنىڭ رەقىبى ئەمەس ئىدى، بىرنچى مەيدان ئاخىرلىشاي دېگەن چېغىدا ئەلى ئېغىر مۇشتلىرى بىلەن قارشى تەرەپنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، مۇسابىقىنى بالدۇر ئاياقلاشتۇرىدۇ، ھەمدە مۇسابىقە ئالدىدا ئۇستازىغا دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن 18 ياشلىق ئەلى 1960-يىلى ئامېرىكىغا ۋەكىل بولۇپ، رىم ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ. 81 كىلوگراملىقلار تۈرىدە ئۇچ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى رەقىبلىرىنى يېڭىپ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى پولشالىق پىياكسىچى بولۇپ، ئۈچ نۆۋەتلىك ياۋروپا چېمپىيونى ۋە 1956-يىللىق ئولېمپىك يىغىلىشتىكى مىس مېدال ئېرىشكۈچى ئىدى.

ئەلىنىڭ مەيداندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىسى ۋە مۇشتۇمى خۇددى ھەرىنىڭ نەشتىرىدەك ئىتتىك، پۇتىنىڭ ھەركىتى كېپىنەكنىڭ ھەرىكىتىدەك ھەرىكەتچان دەپ ئوخشىتىلاتتى. ئۇ مەيداندىلا كۆزگە كۆرۈنگەن تەنھەرىكەتچى بولۇپلا قالماستىن تۇرمۇشتىمۇ ئىنتايىن سەگەك ئىدى. ئۇ ئولىمپىك كەنتىدە تۇرغان مەزگىلىرىدە ھەرقانداق تەنھەركەتچىلەر بىلەن قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدۇ، دائىم ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشىپ قويىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ ئەڭ نام شۆھرەت قازانغان تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۈچ مەيدان كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مۇشت تېگىش نومۇر ئۈستۈنلىكى بىلەن ئاخىرى ئولېمپىك ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزى ئىجات قىلغان بوكىس قەدىمى كىشىلەر تەرىپىدىن كېپىنەك قەدىمى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئەلى دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشى بىلەن ئايرودرومدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئالقىشىغا ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ بۇنداق شان شەرەپلەر ئالدىدا غەلبە ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگەتتىم دەپ ئويلاپ قالىدۇ، بىراق ئېچىنىشلىق رېئاللىق ئۇنىڭ گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىدۇ. ئەلىنىڭ ئىنىسى رۇدولىف ئەلى مۇنداق دەيدۇ: 1960-يىل مۇھەممەد ئەلى ئولېمپىك تەنھەركەت يىغىلىشتىن قايتىپ كېلىدۇ، يەنى رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىلىشىدا ئالتۇن مېدال ئېلىپ قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەن مەزگىلدە ئىرقى كەمسىتىش سىياسىتى تېخىچە بىكار قىلىنمىغان ئىدى. ئۇ ئالتۇن مېدالنى بوينىغا ئېسىپ، قايناق بازاردىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيدۇ. لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلمايدۇ.

ئۇ: مەن چېمپىيون! مەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى! دەيدۇ.

بىراق ھېچكىم ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ، ئاقىۋەت ئېرىشكىنى: «سېنىڭ كىملىكىڭ بىلەن نېمە چاتىقىمىز» دېگەن سۆز بولۇپ قالىدۇ.

غەزىپى تاشقان ئەلى ئالتۇن مېدالىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇنداق دۆلەتكە ھەرگىزمۇ تۆھپە قوشمايمەن دەپ ۋەدە قىلىدۇ.

1960-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەلىگە نىسبەتەن يېڭى بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ. بۇ كۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى كەسپى بوكىس مۇسابىقىسىگە بىرىنچى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ ھەمدە بۇ جەڭدە بىرىنچى غەلبىسىگە ئېرىشىدۇ. ئارقىدىكى مۇسابىقىلەردە ئۇ ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈنلەي رەقىبلىرىنى يېڭىپ چىقىدۇ، يەتتە قېتىم رەقىبىنى يەردە ياتقۇزۇپ قويۇپ غەلبە قىلىدۇ. ئۇ بارا-بارا ئۇتۇش ئارقىلىق، 1964-يىلى ئاخىرى سونني لىستون بىلەن دۇنيا چېمپىيونىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا چېمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئىدى.

1964-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مىئامىدا لىستوننى ناھايىتى ئاسانلا يېڭىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد بوكىس چېمپىيونى بولۇپ چىقىدۇ، كەسپى بوكىس ئەلىنىڭ دەۋرىگە كىرىدۇ.

كەسپى بوكىستىن سۆز ئاچساق، بىر مەنزىرە دائىم كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ماھىرلار سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن سەھنە ئاسىتىدىكى ئۆزئارا قىلشقان ھەيۋە بىلەن خىرىسلىرىدۇر، بىر تەرەپتىن قارشى تەرەپكە بىسىم ئىشلىتىش تاكتىكىسى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىش بولۇپ، ئۆزىگە-ئۆزى ئېلان ئىشلەش دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن سىز يەنە بىر تەرەپىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن دەل مۇشۇ خىل ئۇسلوبنى بوكىس شاھى مۇھەممەت ئەلى باشلىغان.

بوكىس شاھىتارىخىدىكى تۇنجى ئۈچ قېتىم ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس پادىشاھى دېگەن نامغا ئېرىشكەن بوكس تەنھەرىكەتچىسى . 

ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن « 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنھەرىكەتچى » ئىچىدىكى 25 تەنھەركەتچىنىڭ بىرى. 

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش تەرىپىدىن ئەلىگە « پرېزدىنت ئەركىنلىك » ئوردىنى بېرىلگەن. 

1960 - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى ئىتالىيە رىم 

1964-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى سونى لىستون ئۈستىدىن غالىب كېلدۇ. 

1971-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى شىمالىي ئامېرىكا بوكس بىرلەشمىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىئونى جىم - ئېللىسنى مەغلۇپ قىلغان.  

1973-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىمالىي ئامېرىكا بوكس بىرلەشمىسى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپىئونى كىن نودۈننى يەڭگەن.  

1974-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس پادىشاھى جورجى  فورېماننى يەڭگەن.  

1978-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى سىپىكىس ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. 

1979 -يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەلى ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى خولمېس ( سابىق بوكس پادىشاھى ئەلى مەشىقلەندۈرگۈچىسى ) تەرىپىدىن 10 قېتىم تېخنىكىلىق يىقىتتى. 

1981-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەلى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان بوكس مۇسابىقىسى ، ساناش ترېۋور -بوبىكنى يەڭگەن.

1996 - يىلى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، ئەلى باش مەشئەلنى تۇتاشتۇرغان. 

بوكىس شاھى2014-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بوكىسچى مۇھەممەد ئەلى يېنىك دەرىجىدىكى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

2016-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى 74ياشلىق داڭلىق بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى نەپەس مەسىلە سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىلدى، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇھەممەد ئەلى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا كېسەل سەۋەبىدىن 74 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 

گەپكە كەلسەك، ئۇ چاغلاردىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئىنتايىن كەمتەر، ئاددى ساددا بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتلىرىنى بىۋاستە سىرتتىكىلەرگە دەيدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللىگەن، باشقىلار بىلەن ئالاقىنى ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق قىلىشاتتى. بىراق ئەلى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ قولى ۋە پۇتىغا ئوخشاش سۆزىمۇ ئۆتكۈر ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان رىقابەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار ئۇنىڭ گەپلىرىگە جاۋاپ قايتۇرالماي سەتلىشىپ كېتىشىپ قالاتتى. لىستوننى7-مەيداندا يېڭىدۇ، بىراق شۇ مەزگىلدە ئەلىنى كۆپلىگەن كىشىلەر چېمپىيون دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#