بۆرەك جامى ياللۇغى

بۆرەك جامى ياللۇغى

بۇ كېسەللىك، بۆرەك جامىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغى بولسا يۇقىرىقى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ( بۆرەك جامى بۆرەك ياللۇغى ) ،تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش (سۈيدۈك يولى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىنكىسى مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۆرەك جامى ياللۇغى ئادەتتە تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشقا قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى بۆرەك جامى ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى بۆرەك جامىنىڭ يۇقۇملىنىشى
تەۋە بۆلۈم بۆرەك كېەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى pyelonephritis
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، بەل ئاغرىش، پات-پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش
خەنزۇچە نامى 肾盂肾炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك جامى ياللۇغىبۆرەك جامى ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك جامى ياللۇغى ۋە سوزۇلما بۆرەك جامى ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك جامىنىڭ يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئۆتكۈر بۆرەك جامى ياللۇغى باشلانغاندا قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، بەل ئاغرىش، پات-پات سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، قىزىتما، بەل ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرىگە قوشۇلۇپ قان بېسىمى ئۆرلەپ قېلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل سەككىز گىرام، سۇمبۇلتىپ، مەستىكى رۇمى تۆت گىرامدىن، غاپەسنىڭ سۈيى، رەۋەن، زەپەر، ئىزخىرمەككى، ئورىدان، ئارپىبەدىيان، ئود خام ئىككى گىرامدىن، ئود بىلسان بىر گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: زەپەردىن باشقا دورىلارنى قايناق سۇغا چىلاپ، سۈزۈپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم يۇمشىتىپ، باشقا دورىلار بىلەن دورا يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

بۆرەك جامى ياللۇغىتەركىبى: كاكنەچ، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى، رۇببىسۇس، نىشاستە، خۇنسىياۋشان، سەمىغى ئەرەبى، كەتىرا 350 گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 110 گىرام، كۆكنار 10 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كۆكنار، رۇببىسۇستىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رۇببىسۇسنى ئېرىتىپ، باشتا كۆكنارنى، ئاندىن باشقا دورىلارنى قوشۇپ، ئەرىقى گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق (قۇرس) تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، چىلان، قىزىلگۈل، قۇرۇق ئۈزۈم 30 گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى، كاكنەچ، شاھتەررە 15 گىرامدىن، سېرىق ئوت، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، كاسىنە يىلتىزى 60 گىرام، شېكەر 300 گىرام، سۇ 300 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#