بەشكېرەم يېزىسى

بەشكېرەم يېزىسى

بەشكېرەم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يېزا بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر رايونىغا 12 كىلومېتىر، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بەشكېرەم يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 299 مىڭ 500 مو
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伯什克然木乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى
نوپۇسى 36016 ئادەم (2010-يىلى 6-قېتىملىق تەكشۈرۈش)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشكېرەم يېزىسىبەشكېرەم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يېزا بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر رايونىغا 12 كىلومېتىر ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 299 مىڭ 500 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45 مىڭ مو. 6757 ئائىلە، 33944 ئادەم بار.

بەشكېرەم ئۇيغۇر تىلىدا «باياشات جەننەت» دىگەن مەنىدە. مېۋە-چېۋە تۈرلىرىنىڭ سۈپىتى شىنجاڭ بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان باغۋەنچىلىك چوڭ يېزىسى. 

بەشكېرەم يېزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بۇلۇپ، مور بۇددا مۇنارى، خانئۆي قەدىمىي شەھىرى خارابىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار،


بەشكېرەم يېزىسى1982-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى بەشكېرەم گۇڭشېسىنى قەشقەر شەھىرىگە ئايرىپ بېرىلگەن. 

1996 يىلى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا : بەشكېرەم يېزىسى.

1998-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى 5 كەنت ئايرلىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان. 

2005-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسى ئايرلىپ  قەشقەر شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغان.

بەشكېرەم يېزىسىبەشكېرەم يېزىسىغا تەۋە يۇقىرىقى سايباغ كەنتى، ئاياغ سايباغ كەنتى، لەڭگەر كەنتى، يۇقىرىقى قۇمباغ كەنتى، ئاياغ قۇمباغ كەنتى، بېغىرىق كەنتى، بايلا كەنتى، يېڭىئاۋات كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، تاغئاغزى كەنتى، خانئۆي كەنتى، قاراقۇم كەنتى، بەش توغراق كەنتى، ئاياغ سېدە كەنتى، باش سېدە كەنتى، بويلا كەنتى، يىچا كەنتى، باغ ئورمان كەنتى، يىغالى كەنتى، تاڭلىكۆل كەنتى، مور كەنتى قاتارلىق 22 كەنت، 146 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

بەشكېرەم يېزىسىيېقىنقى يىللاردا بەشكېرەم يېزىسى جۇغراپىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ مۇناقى ئۈزۈم، ئەنجۈر، قارا ئۆرۈك ئاساس قىلغان ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كەسپىنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرغان. يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر يېزا بويىچە باغ كۆلىمى 43 مىڭ موغا يەتكەن، كۆلىمى 1 مىليون 467 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن، باغۋەنچىلىكتىن كىرگەن ئوتتۇرچە ھەر گېكتار باغۋەنچىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ 95.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. مۇناقى ئۈزۈم ئاساس قىلىنغان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىدۇ. 2003 2003-يىلى بۇ يېزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە سېتىلغان ئۈزۈم 10 مىڭ توننىغا يەتكەن، پاكىستان، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە 3000 توننىدىن ئارتۇق ئېكىسپورت قىلنغان. يىل بويى سىرتتا سودا قىلغان، ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەنلەردىن ئازكەم 4600 دىن كۆپرەككە يەتكەن. شەكىللەنگەن مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە ھەمدە نىسپىي مۇقىم بولغان ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى سىرتقا چىقىرىش ۋە سودا ئاساس قىلىنغان ئەمگەك كۈچى چىقىرىش قوشۇنى بار. 2003-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 64 مىليون 288 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە باغۋەنچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمى 23 مىڭ 274 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىدۇ. ئەمگەك-مۇلازىمەت چىقىرىش كىرىمى 28 مىڭ 245 مىڭ 800 يۈەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 200 مىڭ بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1967 يۈەن بولغان. بۇ يېزىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەپسىلىي خەۋەر، قاتناش قولايلىقى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك. 

بەشكېرەم يېزىسىبۇ يېزىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىغا تاينىپ باغۋەنچىلىكنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزۇپ مېۋە-چېۋە ماكانىنىڭ زاپاس مىقدارنى كۆپەيتىپ، كۆپلەپ سېتىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش بىلەن بەشكېرەم يېزىسىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «باياشات جەننىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#