جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇنى

ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قانۇنى» نىڭ توك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتر كۈچىگە مەبلەغ سالغۇچى، تىجارەتچىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئېلېكتر كۈچىنى بىخەتەر يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.  


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国电力法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 60-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇنى

1995-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 60-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

1–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىگە مەبلەغ سالغۇچى، تىجارەتچىسى ۋە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى، تەمىناتى ۋە ئىشلىتىش پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تۈردە ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش لازىم. دۆلەت ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىشقا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، يېتەكلەيدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشتا، كىم مەبلەغ سالسا شۇ مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

5-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى، تەمىناتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتە قانۇن بويىچە مۇھىت ئاسراپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئازايتىپ، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

دۆلەت قايتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە بۇلغانماس ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى بولۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

7-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش كارخانىسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە ئېلېكتر تورى تىجارەت كارخانىسى قانۇن بويىچە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا ئىگىلىك باشقۇرىدۇ، پايدا-زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

8-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ.

9-ماددا دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى، تەمىناتى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشتە ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار پەن-تېخىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش، قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

2–باب ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى

10-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلىدۇ ھەمدە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىياتى يىرىك پىلانىدا ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېلېكتر مەنبەسى بىلەن ئېلېكتر تورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك.

11-ماددا شەھەر ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش پىلانى شەھەر قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك، شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانغا ئاساسەن، توك ئۆزگەرتىش مۇئەسسەسەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى كارىدورى ۋە توك كابېل يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توك ئۆزگەرتىش مۇئەسسەسەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى كارىدورى ۋە توك كابىل يوللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا دۆلەت ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىياتى پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېلېكتر مەنبەلىرىنى ئېچىشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى يۈكسەلدۈرۈشى لازىم.

13-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى سالغان مەبلەغ ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچىدا ئاۋۋال ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزۈلمىگەن، ئۆزىگە تەۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى چىقارغان توكنى ئېلېكتر ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى باشقۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.

14-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى تۈرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىيات پىلانىغا، دۆلەتنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى تۈرىدە دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شاللىۋەتكەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسى ۋە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

15-ماددا توك يەتكۈزۈش، توك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، دىسپېتچېرلىق خەۋەرلىشىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېلېكتر تورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشلىرى توك چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرى بىلەن تەڭ لايىھىلىنىشى، تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى، تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى لازىم.

16-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرىگە يەر ئىشلىتىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك؛ قانۇن بويىچە يەر ئېلىپ ئىشلەتكۈچىلەر قانۇن بويىچە يەر تۆلەم ھەققى ۋە ئورۇنلىشىش تۆلەم ھەققى تاپشۇرۇشى، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى لازىم.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى ھەقىقىي قوغداش، يەرلەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.

يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىنى قوللىشى، ئۇنىڭغا ياردەملىشىشى كېرەك.

17-ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ توك چىقىرىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۇ مەنبەسىنى چارلاش، قانۇن بويىچە سۇ ئېلىش ۋە سۇ ئىشلىتىشنى قوللىشى لازىم، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشى كېرەك.

3–باب ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېلېكتر تورىنى باشقۇرۇش

18-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېلېكتر تورىنى يۈرۈشتۈرۈشتە بىخەتەر، سۈپەتلىك، تېجەشلىك بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشى كېرەك.

ئېلېكتر تورىنى ئۇدا، مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

19-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بىخەتەرلىك بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قەرەللىك رېمونت قىلىپ ۋە ئاسراپ، ئۇنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

20-ماددا توك يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى، ترانسپورت كارخانىلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېقىلغۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ياكى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى، توشۇشى، تاپشۇرۇۋېلىشى ۋە چۈشۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا ئېلېكتر تورىنى يۈرۈشتۈرۈشتە بىر تۇتاش دىسپېتچېرلىق قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلېكتر تورى دىسپېتچېرلىقىغا قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

22-ماددا دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن ئېلېكتر تورلىرىنى، ئېلېكتر تورلىرى بىلەن ئېلېكتر تورلىرىنى بىرىكتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئېلېكتر تورىغا بىرىكتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئېلېكتر تورى تىجارىتى كارخانىسى قوبۇل قىلىشى لازىم.

ئېلېكتر تورىنى بىرىكتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

ئېلېكتر تورىنى بىرىكتۈرىدىغان ئىككى تەرەپ بىر تۇتاش دىسپېتچېرلىق قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپى بويىچە ئېلېكتر تورىنى بىرىكتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىدۇ؛ ئېلېكتر تورىنى بىرىكتۈرگۈچى ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىدۇ.

23-ماددا ئېلېكتر تورى دىسپېتچېرلىق باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.

4–باب ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە توك ئىشلىتىش

24-ماددا دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە توك ئىشلىتىشتە بىخەتەر، تېجەشلىك، پىلانلىق ئىشلىتىشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تەمىناتى ۋە توك ئىشلىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.

25-ماددا توك تەمىنات كارخانىسى تەستىقلانغان توك تەمىنات تىجارەت رايونى ئىچىدە ئابۇنتلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

توك تەمىنات تىجارەت رايونىنى ئايرىشتا، ئېلېكتر تورىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە توك تەمىناتىنىڭ مۇۋاپىقلىقى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىش لازىم. بىر توك تەمىنات تىجارەت رايونىدا بىرلا توك تەمىنات تىجارەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر دائىرىسىدىكى توك تەمىنات تىجارەت رايونىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىشنى توك تەمىنات كارخانىسى ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى «توك تەمىنات تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» بېرىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىغان توك تەمىنات تىجارەت رايونلىرىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەمدە «توك تەمىنات تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» نى بېرىدۇ. توك تەمىنات تىجارىتى ئاپپاراتى «توك تەمىنات تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» گە ئاساسەن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن تىجارەت قىلسا بولىدۇ.

26-ماددا توك تەمىنات تىجارىتى رايونىدىكى توك تەمىنات تىجارىتى ئاپپاراتىنىڭ شۇ تىجارەت رايونىدىكى ئابۇنتلار ئالدىدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار؛ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز تىجارەت رايونىدىكى توك ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنى توك بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

يېڭىدىن توك تارتىش، ۋاقىتلىق توك ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش سىغىمىنى كۆپەيتىش، توكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە رەسمىيەت بېجىرىش لازىم.

توك تەمىنات كارخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنىدا توك ئىشلىتىش تەرتىپى تۈزۈمى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشى ھەمدە ئابۇنتلارنى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

27-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى ۋە ئىشلەتكۈچى ئىككى تەرەپ باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تۈزگەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىنلەش ۋە توك ئىشلىتىش چارىسى بويىچە توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش توختامى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بېكىتىشى كېرەك.

28-ماددا توك تەمىناتى كارخانىلىرى ئابۇنتلارنى تەمىنلىگەن توك سۈپىتىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جامائەت توك تەمىناتى مۇئەسسەسەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان توك تەمىناتىدىكى سۈپەت مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئابۇنتلارنىڭ توك تەمىنات سۈپىتىگە ئالاھىدە تەلىپى بولسا، توك تەمىنات كارخانىلىرى زۆرۈرىيەت ۋە ئېلېكتر تورىدىكى ئىمكانىيەتكە قاراپ مۇناسىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىشى لازىم.

29-ماددا توك تەمىنات كارخانىلىرى توك چىقىرىش، توك تەمىنات سىستېمىسى نورمال ئەھۋالدا ئابۇنتلارنى توك بىلەن ئۇدا تەمىنلىشى لازىم، توكنى ئۈزۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. توك تەمىنات مۇئەسسەسەلىرىنى رېمونت قىلىش، قانۇن بويىچە توك چەكلەش ياكى ئابۇنتلار قانۇنغا خىلاپ توك ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن توك تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، توك تەمىنات تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئابۇنتلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

ئابۇنتلار توك تەمىنات كارخانىلىرىنىڭ توك تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويغانلىقىغا باشقىچە پىكىردە بولسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ئەرز قوبۇل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى بۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

30-ماددا خەۋپتىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن توك بىلەن جىددىي تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، توك تەمىنات كارخانىسى تېزلىكتە توك بىلەن تەمىنلىشى شەرت، كېتەرلىك توك بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى خىراجىتى ۋە تۆلىنىدىغان توك ھەققى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

31-ماددا ئابۇنتلار توك مىقدارىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى لازىم. ئابۇنتلار ئىشلەتكەن توك مىقدارىنى ھېسابلاشتا ئۆلچەم بېكىتىش ئاپپاراتلىرى قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلغان، ئىشلىتىلگەن توك ئۆلچەش قۇرۇلمىسىدىكى خاتىرە ئاساس قىلىنىدۇ.

ئابۇنتلارنىڭ توك قوبۇل قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ لايىھىلىنىشى، قۇراشتۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش دۆلەت ئۆلچىمىگە ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

32-ماددا ئابۇنتلارنىڭ توك ئىشلەتكەندە توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە ۋە توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش تەرتىپلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ۋە توك بىلەن تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش تەرتىپلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى توك تەمىنات كارخانىسى توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

33-ماددا توك تەمىنات كارخانىسى ئابۇنتلاردىن دۆلەت تەستىقلىغان توك باھاسى ۋە توك ئۆلچەم قۇرۇلمىسىدىكى خاتىرە بويىچە ھېسابلاپ توك ھەققى ئېلىشى لازىم.

توك تەمىناتى كارخانىسىنىڭ توك تەكشۈرگۈچىلىرى ۋە توك سائىتىگە قاراپ ھەق يىغقۇچىلىرى ئابۇنتلارنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشتە ياكى ئۇلاردىن توك سائىتىگە قاراپ ھەق ئالغاندا ئالاقىدار گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.

ئابۇنتلار دۆلەت تەستىقلىغان توك باھاسى ۋە توك خاتىرىلەش ئۆلچەم قۇرۇلمىسىدىكى خاتىرىگە ئاساسەن، توك ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك؛ توك تەمىنات كارخانىسىنىڭ توك تەكشۈرگۈچىسى ۋە توك سائىتىگە قاراپ ھەق ئالغۇچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

34-ماددا توك تەمىنات كارخانىسى ۋە ئابۇنتلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توكنى بىخەتەر، تېجەشلىك ۋە پىلانلىق ئىشلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

5–باب توك باھاسى ۋە توك ھەققى

35-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان توك باھاسى ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزگەن توك باھاسى، ئېلېكتر تورلىرى ئارا تەمىنلىگەن توك باھاسى ۋە ئېلېكتر تورىدا سېتىلغان توك باھاسىنى كۆرسىتىدۇ.

توك باھاسىدا بىر تۇتاش سىياسەت، بىر تۇتاش باھا بېكىتىش پرىنسىپى يولغا قويۇلۇپ، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

36-ماددا توك باھاسىنى بېكىتىشتە، تەننەرخنى مۇۋاپىق تۆلەش، پايدىنى مۇۋاپىق بېكىتىش، باج پۇلىنى قانۇن بويىچە ھېسابلاپ قوشۇش، يۈكلەنگەن يۈك ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

37-ماددا ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزگەن توكنىڭ باھاسىدا ئوخشاش ئېلېكتر تورى، ئوخشاش سۈپەتتە ئوخشاش باھا يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ۋە يولغا قويۇش باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزگەن توكنىڭ باھاسىنى ئايرىم بېكىتىشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

38-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىغان ئېلېكتر تورلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتر تورى ئىچىدىكى ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزگەن توك باھاسى ھەققىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بىلەن ئېلېكتر تورى تىجارەت كارخانىسى كېڭىشىپ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

مۇستەقىل ئېلېكتر تورى ئىچىدىكى ئېلېكتر تورىغا كىرگۈزگەن توكنىڭ باھاسى ھەققىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بىلەن ئېلېكتر تورى تىجارەت كارخانىسى كېڭىشىپ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

يەرلىك مەبلەغ سالغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىشلەپ چىقارغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىدىن ئۆلكە ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردا شەكىللەنگەن مۇستەقىل ئېلېكتر تورلىرى ياكى توكنى ئۆزلىرى تارقىتىپ ئۆزلىرى ئىشلىتىدىغانلىرىنىڭ توك باھاسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرسا بولىدۇ.

39-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىغان ئېلېكتر تورلىرى بىلەن مۇستەقىل ئېلېكتر تورلىرى ئوتتۇرىسىدا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتر تورلىرى بىلەن مۇستەقىل ئېلېكتر تورلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋە ئۆزئارا تەمىنلىگەن توكنىڭ باھاسى ھەققىدە ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

مۇستەقىل ئېلېكتر تورى بىلەن مۇستەقىل ئېلېكتر تورى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەمىنلىگەن توكنىڭ باھاسى ھەققىدە ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

40-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىغان ئېلېكتر تورلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتر تورلىرىدىكى توك سېتىش باھاسى ھەققىدە ئېلېكتر تورى تىجارەت كارخانىسى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىدۇ.

مۇستەقىل ئېلېكتر تورلىرىدىكى توك سېتىش باھاسى ھەققىدە ئېلېكتر تورى تىجارىتى كارخانىسى لايىھە قويۇپ، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

41-ماددا دۆلەت تۈرگە ئايرىغان توك باھاسى ۋە ۋاقىتقا ئايرىغان توك باھاسىنى يولغا قويىدۇ. تۈرگە ئايرىش ئۆلچىمى ۋە ۋاقىتقا ئايرىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

ئوخشاش بىر ئېلېكتر تورى ئىچىدىكى ئوخشاش بىر توك بېسىم دەرىجىسى، ئوخشاش بىر توك ئىشلىتىش تۈرىدىكى ئابۇنتلارغا ئوخشاش توك باھا ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

42-ماددا ئابۇنتلار توك ئىشلىتىش سىغىمىنى كۆپەيتكەندە ئېلىنىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

43-ماددا ھەرقانداق ئورۇننىڭ توك باھاسىنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ بېكىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. توك تەمىنات كارخانىسىنىڭ توك باھاسىنى خالىغىنىچە ئۆزگەرتىۋېتىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

44-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توك ھەققىگە باشقا ھەقلەرنى قوشۇپ يىغىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

يەرلىك مەبلەغ توپلاپ ئېلېكتر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا، توك ھەققىگە ھەق قوشۇپ ئېلىشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭ چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىدۇ.

توك تەمىنات كارخانىسى توك ھەققى يىغقاندا باشقا ھەقلەرنى ۋاكالىتەن يىغىپ بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

45-ماددا توك باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىدۇ.

6–باب يېزا ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە توك ئىشلىتىش

46-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلارنى ئېلېكترلەشتۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە ئۇنى شۇ جاينىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىيات پىلانىغا، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم. 

47-ماددا دۆلەت يېزىلارنى ئېلېكترلەشتۈرۈشكە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت-ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلاردىكى يېزا ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولىدۇ.

48-ماددا دۆلەت يېزىلاردا سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئېلېكترلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

دۆلەت يېزىلاردا قۇياش ئېنېرگىيىسى، شامال ئېنېرگىيىسى، يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيىسى، بىئو ماددا ئېنېرگىيىسى ۋە باشقا ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئېلېكتر مەنبەلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۆپەيتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تارمىقى توك ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردىكى توك ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، يېزىلاردىكى ھۆلچىلىكنى تۈگىتىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە پەسىل خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا توك ئىشلىتىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ئالدىنقى تارماقتىكى توك ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا توك ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى كېمەيتىۋېتىشكە يول قويولمايدۇ.

50-ماددا يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان توك باھاسى تەننەرخقە كاپالەتلىك قىلىش، ئاز پايدا ئېلىش پرىنسىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توك بىلەن شۇ جايدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توكتا تەدرىجىي ئوخشاش توك باھاسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

51-ماددا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا ئىشلىتىلىدىغان توكنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىدۇ.

7-باب ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسە سەلىرىنى قوغداش

52-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توك چىقىرىش مۇئەسسەسەلىرى، توك ئۆزگەرتىش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە لىنىيىلىرى مۇئەسسەسىلىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئالاقىدار قوشۇمچە مۇئەسسەسەلىرىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەتراپىدا پارتلىتىشتا ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا مەشغۇلاتلاردا، گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلاتقان ھەمدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. 

53-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش رايونىدا بەلگە ئورنىتىشى لازىم.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە ئايرىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش رايونى ئىچىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بىنا، قۇرۇلمىلارنى سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇملارنى دۆۋىلەپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى مۇھاپىزەت رايونىنى قانۇن بويىچە ئايرىشتىن بۇرۇن تېرىلغان ئېگىز غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلغانلىرىنى قىرقىۋېتىش ياكى كېسىۋېتىش لازىم. 

54-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس قانۇن بويىچە ئايرىپ بېرىلگەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى قوغداش رايونى ئىچىدە ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلاتقان ھەمدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 

55-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى بىلەن جامائەت قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلار يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندا ئۆزئارا دەخلى قىلىپ قالسا، ئالاقىدار ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە كېڭىشىپ كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

8–باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

56-ماددا ئېلېكتېر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ۋە ئابۇنتلارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. 

57-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرىنى قويسا بولىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرى ئادىل، پاك-دىيانەتلىك بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇن، نىزاملىرىنى پىششىق بىلىشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كەسپىگە دائىر تېخنىكىلارنى ئىگىلىشى لازىم. 

58-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ياكى ئابۇنتلاردىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە قانۇنى، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھەمدە نەق مەيدانغا كىرىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ۋە ئابۇنتلار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.

9–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

59-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە ياكى ئابۇنتلار توك تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش توختامىغا خىلاپلىق قىلىپ، قارشى تەرەپكە زىيان سالسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى بۇ قانۇننىڭ 28-، 29-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلمىسا ياكى ئابۇنتلارغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرماي توكنى ئۈزۈپ قويۇپ، ئابۇنتلارغا زىيان سالسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

60-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە يۈرۈشتۈرۈشتە كۆرۈلگەن ھادىسە سەۋەبىدىن ئابۇنتلارغا ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە زىيان سېلىنسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە يۈرۈشتۈرۈشتە كۆرۈلگەن ھادىسىلەر تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ؛

(2) ئابۇنتلارنىڭ سەۋەنلىكى.

ئابۇنتلار ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىسى ياكى باشقا ئابۇنتلارغا زىيان سېلىنسا، شۇ ئابۇنت ياكى ئۈچىنچى تەرەپ قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

61-ماددا بۇ قانۇننىڭ 11-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توك ئۆزگەرتىش مۇئەسسەسەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى، توك يەتكۈزۈش لىنىيىسى كارىدورىنى ياكى توك كابېلى يولىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىسە، توسالغۇنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىدۇ.

62-ماددا بۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە تەرەققىيات پىلانىغا، كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيريدۇ.

بۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شاللىۋەتكەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسىنى ۋە تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەنلەرنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، دۆلەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شاللىۋەتكەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

63-ماددا بۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي توك تەمىنلىگەن ياكى توك تەمىنات تىجارىتى رايونىنى ئۆزگەرتكەنلەرنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

64-ماددا بۇ قانۇننىڭ 26-، 29-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، توك تەمىنلەشنى رەت قىلغان ياكى ئۈزۈپ قويغانلارنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلاردىن ئالاقىدار مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

65-ماددا بۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توك تەمىنلەش، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى توك تەمىنلەش، ئىشلىتىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلار ياكى تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنىڭ توكىنى توختىتىۋەتسە بولىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

66-ماددا بۇ قانۇننىڭ 33-، 43-، 44-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئابۇنتلاردىن توك ھەققىنى دۆلەت تەستىقلىغان توك باھاسى ۋە توك ئۆلچەم قۇرۇلمىسىدىكى خاتىرە بويىچە ھېسابلاپ ئالمىغان، توك باھاسىنى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ بېكىتكەن ياكى باشقا خىراجەتلەر توك ھەققىگە قوشۇپ ئالغانلارنى باھا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرىدۇ، قانۇنسىز ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز ئالغان ھەقنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلاردىن ئالاقىدار مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

67-ماددا بۇ قانۇننىڭ 49-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا ئىشلىتىلىدىغان توك كۆرسەتكۈچىنى كېمەيتىۋەتكەنلەرنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلاردىن ئالاقىدار ئاساسلىق مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ زىيان سالغانلار بولسا زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ. 

68-ماددا بۇ قانۇننىڭ 52-ماددا 2-تارمىقىدىكى ۋە 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي ياكى بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرى ئەتراپىدا ياكى قانۇن بويىچە ئايرىپ بېرىلگەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەسى مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرنى ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى مەشغۇلاتنى توختىتىشقا، ئەسلىي ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەمدە زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ.

69-ماددا بۇ قانۇننىڭ 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە ئايرىپ بېرىلگەن ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسى مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىپ ياكى ئېگىز غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈپ، نەرسە-كېرەك دۆۋىلەپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي چېقىۋېتىش، كېسىۋېتىش ياكى تازىلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ. 

70-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاشقا تېگىشلىك بولغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش ئىشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

(2) ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، توك ئۆزگەرتىش ئورنى، ئېلېكتر ئېنېرگىيە دىسپېتچېرلىق ئاپپاراتى ۋە توك تەمىنلەش كارخانىسىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە تىجارەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا دەخلى يەتكۈزگەنلەر؛

(3) ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان توك تەكشۈرگۈچىلەر ياكى توك سائىتىگە قاراپ ھەق ئالغۇچىلارنى ئۇرغان، ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھاقارەتلىگەنلەر؛

(4) ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار.

71-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ئوغرىلىغانلارنى قانۇنسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، توك ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپشۇرۇۋالىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك توك ھەققىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 151-ياكى 152-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

72-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى ئوغرىلىغان ياكى ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىگە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 109-ياكى 110-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

73-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

74-ماددا ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ دىسپېتچېرلىق قىلىپ ياكى دىسپېتچېرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي، زور ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيە مۇئەسسەسەلىرىنى جىددىي رېمونت قىلىش ياكى خەۋپ ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك توك تەمىناتىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە توك تەكشۈرگۈچىلەر، توك سائىتىگە قاراپ ھەق ئالغۇچىلاردىن ئابۇنتلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، توكتىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

10–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

75-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/437556.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#