قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

قەشقەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ئورگىنى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى دەپ ئاتىلىپ، جەنۇبي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مائارىپ مەمۇرىي رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
قۇرۇلغان ۋقتى 1994-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەر ۋىلايىتىدە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 17-يىلى باشلانغان (1891-يىلى) . قەشقەر ھەربىي گازارمىسىدا ئوقۇش نازارەتچىسىدىن بىر ئادەم سەپلەنگەن ھەم بىر قىسىم ناھىيىلەردە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلۈكىدىن يوقالغان. 1935-يىلغا كەلگەندە ئاندىن قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىسىدە مائارىپ ئىدارىسى رەسمىي تەسىس قىلىنغان. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ئورگىنى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسى دەپ ئاتىلىپ، جەنۇبي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ (ئاقسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر، يەكەن، خوتەن) مائارىپ مەمۇرىي رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1956-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن يەكەن ۋىلايىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بولۇپ قۇرۇلغان. مەدەنىي مائارىپ سەھىيە بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوقۇش ماتېرىياللىرى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلگەن ھەمدە ۋىلايەتتىكى 12 ناھىيە (شەھەر) نىڭ مائارىپ خىراجىتىگە قارىتا پىلانلاش ئېلىپ بېرىلغان. 1986-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمى ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت باشقارمىسى ۋە مائارىپ باشقارمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1994-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومى مائارىپ سىستېمىسى خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلغان. 1997- يىلى مائارىپ 

باشقارمىسىنىڭ نامى قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شتاتى 121 نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىشخانا، كادىرلار تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقار تەربىيە بۆلۈمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، كەسپىي مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بۆلۈمى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش بۆلۈمى، مائارىپ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#