سەمەندەر بېلىق

سەمەندەر بېلىق

سەمەندەر بېلىق ئېلىمىزدە ياشايدىغان بىر خىل قوش ماكانلىق ھايۋان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈيى سۈزۈك، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، چوڭقۇرراق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە ياشايدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سەمەندەر بېلىق
خەنزۇچە ئىسمى 鱼螈
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى يىلان قۇرت ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى بېلىقسىمان سەمەندەر ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Yunnan Caecilian
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قوش ماكانلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى بېلىقسىمان سەمەندەر ئائىلىسى
تۈرى شىشۇاڭبەننا بېلىقسىمان سەمەندەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەمەندەر بېلىقسەمەندەر بېلىق ئېلىمىزدە ياشايدىغان بىر خىل قوش ماكانلىق ھايۋان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈيى سۈزۈك، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، چوڭقۇرراق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە ياشايدۇ. ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنلىرى قىرغاققا چىقىپ دەرەخ تۈۋىدە سايىدايدۇ. سەمەندەر بېلىقنىڭ ئاۋازى بوۋاقنىڭ يىغىلىغاندىكى ئاۋازىغا بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

سەمەندەر بېلىقسەمەندە بېلىقنىڭ بېشى ياپىلاق، كۆزى بىلەن بۇرنى بېشىدا، ئېغىزى يوغان، پۇت-قوللىرى قىسقا ھەم كىچىك، ئۇنىڭ قاپقارا بەدىنىدە تەڭگىچىلەرمۇل يوق بولۇپ، ناھايىتى كۆرۈمسىز.

تۈرلىرىنى تۈرگە ئايرىش : قوش ماكانلىقلار ← يىلان قۇرت ئەترىتى ← بېلىقسىمان سەمەندەر ئائىلىسى ← بېلىقسىمان سەمەندەر ئۇرۇقدىشى.

بېلىقسىمان سەمەندەر تۈرگە ئايرىش : قوش ماكانلىقلار سىنىپى، پۇتسىزلار ئەترىتى،  بېلىقسىمان سەمەندەر ئائىلىسى. 

ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز بولغىنىغا قارىماي، «دۈشمەن» گە تاقابىل تۇرۇشتا «قورقۇتۇش، ئالداش ۋە ھىيلىگەرلىك قىلىش» تىن ئىبارەت چوڭ ئىقتىدارغا ئىگە.

سەمەندەر بېلىقسەمەندە بېلىق «دۈشمەن» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، دەرھال ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، دۇئېلغا چۈشكەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. لېكىن بەزى ھىيلىگەر، ياۋۇز «دۈشمەن» لەر ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالماي، ئالدى پۇتلىرىنى سوزۇپ ئۇنى سىناپ باقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قايتۇرما زەربىگە ئۆتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ. بۇ چاغدا سەمەندەر بېلىق «ئالداش» تىن ئىبارەت ئىككىنچى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاشقازىنىدىكى بارلىق يېمەكلىكىنى قۇسۇپ چىقىرىپ، «دۈشمەن» نى يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. 

يەنە بەزى «دۈشمەن» لەر سەمەندەر بېلىق قۇسۇپ بەرگەن نەرسىگە كۆز قىرىنى سالماي، ئۇنىڭغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا، سەمەندەر بېلىق دەرھال بوينىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىدىن بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ پۈتۈن بەدىنىگە سۈركەيدۇ. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ نېمە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئېغىزنى يوغان ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا، سەمدەر بېلىقنىڭ بەدىنىدىن تارقىغان كۈچلۈك غەيرىي پۇراقنىڭ دەستىدىن كەينى-كەينىدىن چۈشكۈرۈپ كېتىدۇ. ئەگەر «دۈشمەن» يەنىلا بولدى قىلماي، ئېغىزىنى سەمەندەر بېلىق چىقارغان ئاق سۇيۇقلۇققا تەگكۈزۈپلا قالسا چاپلىشىپ قالىدۇ-دە، بېشىنى ھەر قانچە سىلىكىسىمۇ ئاجرىتالمايدۇ، ئاقىۋەتتە كالپۇكلىرىنى ئىشىتقىنىچە ئاستا كېتىپ قالىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4901725.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#