بادرەنجى بۇيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بادرەنجى بۇيا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، پىننىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى تۈكلۈك، چاسا غوللۇق بولىدۇ، يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈلى سۇس سۆسۈن كېلىدۇ ۋە غولىنىڭ ئۇچىغا يېقىنراق بولغان يوپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆسۈپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى شەكىللەندۈرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتكۈل چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تىنچلاندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا قۇرۇقىدىن 5 ~ 7 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 7 ~ 10 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بادرەنجى بۇيىنى ئىچسە، پۇرىسا، خېمىر قىلىپ چېپىپ بەرسە، يۈرەك، مېڭە، سېزىش نېرۋىلىرى، جىگەر، ئاشقازان ئاجىزلىقلىرىغا، بەلغەمدىن بولغان ھەرخىل كېسەللەر، قورساق، يانپاش ئاغرىقلىرى، بۆرەك كېسەللىكى، زەھەرلىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنىڭ يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرسە، ھاراقنىڭ پۇرىقى ۋە ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ. توققۇز گرام بادرەنجى بۇيىنى بىر گرام توغرىغا بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي جاراھەتلىرى ۋە قورساق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى ئۆزىنى قاينىتىپ ئېغىز چايقاپ بەرسە، چىش مىلىكلىرى ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ قويۇق قىلىپ ئىچىپ بەرسە، نەپەس سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 30 ~ 15 گرام بادرەنجى بۇيىنى يۇمشاق سوقۇپ، قاينىتىپ شەربەت قىلىپ ئىچسە ياكى خېمىر قىلىپ چايناپ بەرسە، غالجىر ئىت چىشلىگەن ۋە زەھەرلىك ھاشارات چاققانلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى يۇمشاق سوقۇپ قاينىتىپ، مۇسەللەس قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ، مۇپاسىل ئاغرىقلىرىنى قالدۇرىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان قىچىشقاق، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ كۆيۈشۈپ ئاغرىشى، ئاكىل قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى سىركە ۋە تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، خانازىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنى چالا سوقۇپ، مۇنچىدا بەدەنگە چېپىپ بەرسە، جۇغ-جۇغ كېسىلى ۋە تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بادرەنجى بۇيىنىڭ يوپۇرمىقىنى پۇراپ بەرسە، مېڭىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. بادرەنجى بۇيىنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىنى قاينىتىپ سۈيىدە ئولتۇرسا، توختاپ قالغان خۇننى كەلتۈرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.