قاندىن بولغان باش ئاغرىقى
گۆش، كاۋاپ، ھالۋا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ئېقى قىزىرىش، يۈزى قىزىرىپ، كۆپ ئەسنەش، گال، ئېغىز ۋە چىش مىلىكلىرىگە قاپارتچۇق لار چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، گۆش، كاۋاپ، ھالۋا قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملارنى كۆپ يېيىش، ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇ باش لوقۇلداپ ئاغرىش ھەمدە بەدەن ئېغىر بولۇش، كۆز ئېقى قىزىرىش، تومۇرى ناھايىتى توم، قاتتىق ئۇرۇش، يۈزى قىزىرىپ، كۆپ ئەسنەش، بەزىلەرنىڭ كالپۇك، گال، ئېغىز ۋە چىش مىلىكلىرىگە قاپارتچۇق لار چىقىش، كانىيى يىرىك بىلىنىپ، گېلى ئاغرىش، ئاۋازى بۇزۇلۇش، سۈيدۈكى قىزىل ھەم قويۇق كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: لىمون جەۋھىرىدىن 60 گىرام، قىزىلگۈلدىن 50 گىرام، شېكەردىن بىر كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: لىمون جەۋھىرى، قىزىلگۈلنى سۇدا بىر قاينىتىپلا، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ قىيام تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 مىللىلىتىردىن مۇز سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ.
قاننىڭ قىزىتمىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، شارائىت يار بەرسە قان ئېلىش كېرەك.
چىلان شەربىتى، تەمرى ھىندى شەربىتى، ئاچچىق ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، نىلۇپەر شەربىتى، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىقلاردىن بىرى تاللاپ ئىچكۈزۈلىدۇ. تەمرى ھىندى، ئەينۇلا، چىلان، سەرپىستان، نىلۇپەر، بىنەپشە، قىزىلگۈل قاتارلىقلار سېلىنغان دەملەنمە (كاشكاپ) ئىچكۈزۈلۈپ، بەدەن تازىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىدا سۆزلەنگەن چارىلەردىن پايدىلانسا بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2014/0106/545.html
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.