قۇشقاچ مېڭىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇشقاچ بولسا ھـەمـمـىـگە تـونـۇش بـولـغـان ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus) نىڭ مېڭىسى بۇلۇپ،رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، پارقىراق سەل بېلىق پۇرىقى پۇرايدۇ. تەمى تېتىقسىز،3~4-ئايلاردا يېتىلگەن قۇشقاچنى تۇتۇۋېلىپ(ئەركەك قۇشقاچ بولسا تېخىمۇ ياخشى)، بېشىنى كېسىپ، تېرىسى، ئېغىزى ۋە ئارتۇق گۆشلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ۋاقتىدا قۇرۇتىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.
1.قۇشقاچ مېڭىسىنى ياغ بىلەن قورۇپ يىسە، پالەچ، ئىستىرىخا، ھەر خىل جىگەر كېسىلى، يەرقان، بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. قۇشقاچ مېڭىسى بىلەن تۇخۇم سېرىقىنى زەيتۇن يېغىدا قورۇپ يەپ بەرسە، مەنىي كۆپەيتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
3. قۇشقاچ مېڭىسىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ پەرجىگە ھەمەل قىلسا، تۇغمىغان ئاياللار ھامىلىدار بولىدۇ.
مەجۇنى لوبۇبى كەبىر، ھەبىبە قوشقاچ مېڭىسى.
پالەچ، ئىستىرىخا، پۇت - قول قولۇشۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، كۆپ چۈش كۆرۈش، تۇغماسلىق، قۇلاق گاسلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.