فىنلاندىيە

فىنلاندىيە

 فىنلاندىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى، بۇ دۆلەتتە كۆللەر كۆپ بولغانلىقتىن، <<مىڭلىغان>> دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار. فىن تىلى ۋە شىۋىد تىلى دۆلەت تىلى. پۇلى ياۋرو. دۆلەت بايرىمى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، فىنلاندىيەنىڭ روسىيىدىن مۇستەققىل بولغان كۈن.

ئۇيغۇرچە نامى فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى فىنلاندىيە
ۋاقىت رايونى ياۋروپا ۋاقتى(شەرقى1- ۋاقىت رايونى)
دۆلەت تىلى فىنلاند تىلى، شىۋىد تىلى
يەر مەيدانى 338 مىڭ 145 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 芬兰共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى خېلسىنكى
نوپۇسى 5 مىليون 550 مىڭ
ئىنگىلىزچە نامى The Republic of Finland

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىنلاندىيە فىنلاندىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتى، بۇ دۆلەتتە كۆللەر كۆپ بولغانلىقتىن، <<مىڭلىغان>> دېگەن گۈزەل نامىمۇ بار.

 فىنلاندىيەنىڭ ئاھالىسى 5 مىلىيۇن 550 مىڭ (2013-يىل) بولۇپ، ئاھالىنىڭ %93 نى  ئۇرال تىل سېستىمىسىغا تەۋە فىن تىلىدا سۆزلىشىدىغان فىنلار، %6 ىنى شىۋىدلار (فىنلاندىيەدىكى شىۋىتلار ئاساسەن ئالاند تاقىم ئاراللىرى، فىن تىلىدا ئاخۋىنانما تاقىم ئاراللىرى) دا ئولتۇراقلاشقان)، %0.5 نى رۇسلار، %1 ىنى ئېستون، سامى قاتارلىق ئۇرال مىللەتلىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىگەللەيدۇ . فىن تىلى ۋە شىۋىد تىلى دۆلەت تىلى. پۇلى ياۋرو. فىنلاندىيە 2004-يىلىدىن بۇيان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.  دۆلەت بايرىمى (1917-يىلى) 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، فىنلاندىيەنىڭ روسىيىدىن مۇستەققىل بولغان كۈن.

فىنلاندىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىر ئەتراپىدا ئۇرال خەلقلىرىدىن بولغان فىنلارنىڭ ئەجدادى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇششاق بەگلىكلەرنى قۇرغان. 10-ئەسىردە فىنلاندىيە دانىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. مىلادى 1397-يىلى دانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيەلەر  كارما ئىتتىپاقىنى قۇرغاندا فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق ئۆلكە بولغان. 1581-يىلى فىنلاندىيە شىۋىتسىيەگە قاراشلىق كېنەزلىك بولغان. 1809-يىلىدىكى شىۋىتسىيە چارروسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فىنلاندىيەنى چار روسىيە بېسىۋالغان. 1917-يىلى فىنلاندىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ 1939-يىلى سوۋېت-فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتىلاپ فىنلاندىيە بىر قىسىم زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1941-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە فىنلاندىيە گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1948-يىلى 4-ئايداسوۋېت ئىتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە پارىژ كېلىشىمى ئىمزالاپ فىنلاندىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغان.  

 فىنلاندىيە زىمىنى ئاساسەن ئورمانلىق ۋە كۆل بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك كۆپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئەمما كۆپ قىسىم زىمىنى قۇتۇپ چېگرىسىغا جايلاشقان، ياز مەزگىلى قىسقا، تېمپىراتۇرا تۆۋەن.

فىنلارنىڭ %85 پروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، %1 پروۋسلاۋىيە دىنىغا، %1 كاتولىك دىنىغا  ئىشىنىدۇ. قالغانلىرى دىنغا ئىشەنمەيدۇ.

دۆلەت بايرىقى

فىنلاندىيە تېڭى ئاق رەڭلىڭ بايراق بولۇپ، ئاق رەڭ فىنلاندىيە خەلقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە بۇ دۆلەتنىڭ شىمالى يېرىم شاردىكى مۇز ئوكيانغا يېقىن دۆلەت ئىكەنلىكىنى، دۆلەت زىمىنى قار قاپلاپ تۇرىدىغانلىقىغا سىمۋۇل قىلىنغان. سەل سول تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆك رەڭلىك كەڭ يوللۇق كىرېسىت بەلگىسى بايراق يۈزىنى ئاق رەڭلىك ، تۆت تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلگە كىرگۈزگەن . كۆك رەڭ كۆللەر ، دەريا -ئېقىنلار ۋە دېڭىز ئوكيانلارنىڭ . ئاق رەڭ قار بىلەن قاپلانغان دۆلەت زېمىنىنىڭ سمۋولى .

دۆلەت گېربى

فىنلاندىيە قىزىل رەڭلىك قالقانسىمان گېرب بولۇپ ، قالقان يۈزىدە قولىدا زۇلپىقار تۇتقان بېشىغا پادىشاھلىق تاج كىيگەن ئالتۇن رەڭ شىر بار . شىر بىر دانە شاپ زۇلپىقارنى دەسسەپ تۇرغان بولۇپ ، شىرنىڭ ئەتراپىغا توققۇز دانە ئاق ئەتىرگۈل بىلەن بېزەلگەن . شىر فىلاندىيە خەلقنىڭ باتۇرلۇق ۋە كۈچ -قۇدىىرىتىنىڭ سىمۋولى . توققۇز تال ئاق ئەتىرگۈل فىنلاندىيە تارىخىدىكى توققۇز ئۆلكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

فىنلاندىيە فىنلاندىيە زىمىنى ئاساسەن ئورمانلىق ۋە كۆل بىلەن قاپلانغان بولۇپ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك كۆپ، ھۆل يېغىنى مۇۋاپىق، ئەمما كۆپ قىسىم زىمىنى قۇتۇپ چېگرىسىغا جايلاشقان، ياز مەزگىلى قىسقا، تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا دېھقانچىلىق قىلىش ئەپسىز،  ئەمما ئورمان بايلىقىغا تايىنىپ قەغەز سانائىتى ۋە سۈت كالىسى باقمىچىلىقى يۈكسەك تەرەققى قىلغان،فىنلاندىيە دۇنيادا كانادادىن قالسىلا 2-چوڭ قەغەز ئېكىسپورت دۆلىتى، ئورمانچىلىق ماشىنىسازلىقى ، ئۇچۇر سانائىتى تەرەققىياتى ۋە خەلقارا ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى دۇنيادا 1-ئورۇندا ئورۇندا تۇرىدۇ.فىنلاندىيە پۇخرالىرنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇپ 1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئۇمۇملاشقان. ئاھالىنىڭ %32 ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. 2005-يىلى ئېستونىيىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا يېزا-ئىگىلىك كىرىمى %3.4 ، سانائەت %28 ، مۇلازىمەت %68.6 نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2005-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 2 مىليون 120 مىڭ، يانفون ئابونتى 5 مىليون 231 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 3 مىليون 286 مىڭ بولغان.

 2006 -يىلى فىنلاندىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 184 مىليارت 231 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 35 مىڭ 242 دوللار توغرا كېلىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %5 بولۇۋاتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#