چىللىگۈل

چىللىگۈل ئائىلىسى چىللىگۈل ئۇرۇقدىشى، يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، يۇپۇرمىقى بىر - بىرىگە ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئۆسكەن شاخلىرى، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، ئاۋۋال گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن يوپۇرماقلىرى پۇراق چىقىرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى چىللىگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى چىللىگۈل ئائىلىسى
تۈرى چىللىگۈل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蜡梅
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كامفورا دەرىخى
ئۇرۇقداشلىرى چىللىگۈل ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Chimonanthus praecox (Linn.) Link

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىللىگۈليوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، ئېگىزلىكى 4 مېتىر؛ يۇمران شاخلىرى چاسا شەكىللىك، كونا شاخلىرى يېقىندىن سىلىندىرسىمان كۆرۈنىدۇ، كۈلرەڭ قېنىق قوڭۇر، تۈكسىز ياكى شالاڭ تۈكلۈك بولىدۇ، قوۋزاق تۆشۈكى بار؛ ئىككىنچى يىلى ئۆسكەن شاخلىرى، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، كاھىشسىمان تىزىلغان، سىرتتا قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. يوپۇرمىقى تۇخۇم يۇمۇلىقى شەكىللىك، ئېللىپسسىمان كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، بەزىدە سوقىچاق تېمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 5-25 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 2-8 سانتېمىتىر، ئۇچى ئۇچلۇق، بەزىدە قۇيرۇقى ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى ئۇچلۇقدىن يۇمىلاق، يوپۇرماق دۈمبىسى تومۇرى شالاڭ تۈكلۈك. 

چىللىگۈلشەندۇڭ، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن، شەنشى، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۇننەن قاتارلىق ئۆلكە رايۇنلارغا تارقالغان؛ گۇئاڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا ئۆستۈرۈلمەكتە. تاغ ئورمىنى ئىچىدە ياپۇنىيە، چاۋشيەن ۋە ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ ئۆستۈرۈلمەكتە. 

چىللىگۈلچىللىگۈل قۇياش نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، سايە، سوغۇق، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، سۇدىن پەرھىز تۇتىدۇ. چىللىگۈل ئېچىلغاندا يەردە سوغۇق كۈنلەردە قارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، قويۇق پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، قىش پەسلىدە تاماشا قىلىنىدىغان گۈل - گىياھ. شامالدىن  قورقىدۇ، سوغۇققا بىرقەدەر چىداملىق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃15 تىن تۆۋەن بولغاندا قىشتىن بىخەتەر چىقالمايدۇ، چېچەكلەش

مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا ℃10 دىن تۆۋەن بولسا گۈللەر ئۈششۈپ كىتىدۇ. توپا قاتلىمى قېلىن، مۇنبەت، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق، بوش، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى، ئاجىز كىسلاتالىق قۇمساڭ تۇپراق، شور يەرلەردە ئۆسۈۋېرىدۇ. 

چىللىگۈل1. كۆيدۈرگە كېسىلى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش 

كېسەل تەككەنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ كۆيدۈرۈش، يۇقۇش مەنبەسىنى ئازايتىش؛ %50 لىك مېتىل توپسىننى 800 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش ياكى %50 لىك كاربېندازىم دوجۇنلىڭ نەملىنىشچان پاراشوكىنى 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش. 

2. قارا داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش 

كېسەل تەككەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۇقۇش مەنبەسىنى ئازايتىش؛ %50 لىك دوجۈنلىڭ نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسسىلىك

 ئېرىتمىسىنى پۈركۈش ياكى %65 Ⅰ كۇپرۇتسىننىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، ياكى %0.3 بائۇمى شكالىسى ھاك - گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسىنى پۈركۈش. 

3. كۆك پىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش 

% 10 لىك بىچۇڭلىن نەملىنىشچان پاراشوكىنى پۈركۈش يەردە قالدۇرغان سۇيۇقلۇق  ئافېكس نەملىنىشچان پاراشوكى ياكى %70

 كەرەپشىنىڭ 1500-2000 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش، %50 لىك مايسىمان دورىدىن1000- 1500 گىچە سۇيۇقلۇقىنى پۈركۈش.

4. ياپونىيە تاشپاقاسىمان قاسراقلىق قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش 

% 2.5 دېسىس پۈركۈش ياكى مايسىمان دورىسىنىڭ 4000-5000 ھەسسىلىك سۇيۇقلۇقى، % 10 لىك سىپېرمېتىرىن سۈتسىمان ياكى فىنۋالېرتنىڭ % 20 لىك مايسىمان دورىدىن دېلتامېتىرىننىڭ 3000 ھەسسىلىك سۇيۇقلىقىنى پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش.  

باغ - ئورمان ئىشلىتىلىش ئورنى

چىللىگۈلچىللىگۈل گۈل سولىشىپ ، قىشتا ئالايتىپ غۇنچىسى ، كۈرە سوغۇق ئېچىلىدۇ ، ئىپادىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زوراۋانلىق ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمەسلىكتەك مىجەز، كىشىگە روھىي ئىلھام بەخىش ئاتا قىلىدۇ. ئۇنى ھويلا ئاراملاردا، مۇۋاپىق تەشتەك مەنزىرىسى بىلەن گۈل تىزىش شەكىل يارىتىش سەنئىتى، قىش پەسلىدىكى گۈل سەيلىسى ۋە داڭلىق گۈل. ئۇ شەھەر باغ - ئورمان قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى 

ھۆللۈك پەيدا قىلىش، يۆتەل توختىتىش. ئۇسسۇزلۇق، كۆكيۆتەل، خاپىغاندىن بولىدىغان ئاشقازان ئاغرىش، سۇ ۋە ئوتتا كۆيۈپ زەخمىلىنىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#