دېئاڭ مىللىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۈننەننىڭ گاۋلىگۇڭشەن ۋە نۇشەن تاغ تىزمىلىرىدىكى كەڭ رايونلاردا قويۇق ھەم يېشىل چايزارلىقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دېئاڭلاردا ھەممە ئائىلە چاي دەرىخى ئۆستۈرىدۇ، چاي ئىچىش ئۇلارنىڭ بىر چوڭ خۇمارى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى دېئاڭ مىللىتى چاي دەرىخى ئۆستۈرۈش بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، «قەدىمىي چايچىلار» دېگەن چىرايلىق نامى بار.
دېئاڭ مىللىتىنىڭ كونا نامى «بېڭلۇڭ مىللىتى» بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دېخۇڭ دەيزۇ-جىڭپۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە باۋشەن، لىنساڭ، سىماۋ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق ناھىيىلەردە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. لۇشى ناھىيىسىنىڭ سەنتەي، جېنكاڭ ناھىيىسىنىڭ جۈننۇڭ قاتارلىق جايلىرى دېئاڭ مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ھېسابلىنىدۇ.
دېئاڭ ئاياللىرى ئوچۇق پەشلىك قىسقا مايكا كىيىدۇ، بېشىغا رەخت ئورىۋالىدۇ، بوينىغا كۈمۈش بېزەك ۋە ھەر خىل ئەينەك مارجانلارنى ئېسىۋالىدۇ، بېلىنى بوغۇپ، پۇتىغا گوجەي يۆگەيدۇ. ئەرلەر يۇمىلاق ياقىلىق، چوڭ پەشلىك قارا كەمزۇل كىيىدۇ، بېشىغا ئاق ياكى قارا رەخت ئورىۋالىدۇ. ئۆسمۈرلەر چەمبەرسىمان چوڭ ھالقا ۋە بويۇن چەمبىرىكى ئېسىۋېلىشقا ئامراق، ئەرلەرنىڭ بەدىنىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئادىتى بار.
دېئاڭلار بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ۋە ئىپتىدائىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كۆپلىگەن كەنتلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بۇددا ئىبادەتخانىلىرى، بۇتلىرى ۋە بۇددا راھىبلىرى بار.دېئاڭلارنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق.
يىگىت-قىزلار ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئىلگىرى، ئەگەر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، پەقەت بىر نەچچە جىڭ گۈرۈچ ۋە بىرنەچچە يۈەن پۇل چىقىرىپ، كەنت باشلىقىنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلاھىي دەرەخ ئالدىدا نەزىر قىلىۋەتسىلا ئايالغا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىش ئۇقتۇرۇلاتتى. ئاياللار نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەرلەرنىڭ تويلۇقىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئادەم ئۆلسە، ئادەتتە يەرلىككە دەپنە قىلىناتتى. ئەگەر قاتىللىق سەۋەبىدىن ئۆلسە ياكى ئاياللار تۇغۇتى قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن ئۆلسە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىناتتى.
ئۇلارنىڭ كەشتىچىلىك ۋە ئويمىچىلىق تېخنىكىسى يۇقىرى. ياغاچ دۇمباق دېئاڭلارنىڭ ئۆزىگە خاس چالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭكەش قىلىپ ئوينالغان ئۇسسۇل ياغاچ دۇمباق ئۇسسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.