ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى

1944-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە فىلىپپىننىڭ لېيتې قولتۇقىدا بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، دۇنيا بويىچە ئەڭ دېڭىز-ھاۋا ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ 166 ھەربىي پاراخوتى بىلەن ياپونىيىنىڭ 65 ھەربىي پاراخوتى قاتناشقان(ياپونىيىنىڭ 26 پاراخوتى، ئامېرىكىنىڭ 6 پاراخوتى دېڭىزدا غەرق بولغان) . ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ 1,280 ئايروپىلانى، ياپونىيىنىڭ 716 ئايروپىلانىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى 1916-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى يوتلاندىيە ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە پادىشاھ ئائىلىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 151 پاراخوتى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 101 پاراخوتى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىن 14 پاراخوت، 6,097 ئادەم چىقىم بولغان؛ گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىن 11 پاراخوت، 2,545 ئادەم چىقىم بولغان.

قەدىمقى زاماندىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۇرۇشى 1571-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى لېپانتې ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيىنىڭ 250 يەلكەنلىك ئۇرۇش كېمىسى(25 مىڭ ئادەم) ئىسپانىيە، ۋېنېتسىيە ۋە رىم كاتولىك دىنىي پاپاسىنىڭ 300 ھەربىي كېمىسى تەرىپىدىن لېپانتې قولتۇقىدا، يەنى ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ كورېنف قولتۇقىدا غەرق قىلىۋېتىلگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#