بوۋاقلارنىڭ ئۇششاق ئادەتلىرى

بوۋاقلار

بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇششاق ئادەتلىرىمۇ كۆپ بۇلىدۇ. مەسلەن: قول-پۇت بارماقلىرىنى شوراش، يېتىرقاش قاتارلىقلار بوۋاقلاردا تەبئىيلا شەكىللىنىپ قالدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوۋاقلاربوۋاق ئالتە ئايلىقتا يېتىرقاشقا باشلايدۇ. 8 ~ 12 ئايلىقدا يېتىرقاش ئەھۋالى ئەڭ روشەن بولىدۇ. يېتىرقاش بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە. بوۋاق ئانا ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قارىشى ئاستىدا، يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ بىر خىل ئايرىلالماسلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن بولۇپ، پەقەت ئانا ياكى ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا بولسا بىخەتەر ھېس قىلىپ، يات ئادەملەرگە يولۇققاندا تەشۋىشلىنىش ھەتتا قورقۇش پسىخىكىسى كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلاردىكى يېتىرقاشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى تۇغما ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىجەزى ئىچكى مايىللىققا ئىگە، سەل قورقۇنچاقراق بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسى ئېغىرراق بولىدۇ. ئەكسىچە مىجەزى ئوچۇق، ئالاقە قىلىشقا ئامراق بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسى يېنىكرەك بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ يېتىرقاش ئىپادىسىگە نىسبەتەن ئائىلە باشلىقلىرى ئەيىبلىمەسلىك، بولمىسا جىددىيلىشىش ۋە قورقۇش پسىخىكىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئەكسىچە بوۋاقنى يات كىشىلەر بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشىغا ئىلھاملاندۇرۇپ، سىرتلارغا ئەپچىقىپ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە مەسىلەن: كىچىك دوستلار بىلەن چاقچاقلىشىش، ئويۇن ئويناش قاتارلىقلارغا كۆپرەك قاتنىشىپ بوۋاقتىكى ئەندىشە ۋە قورقۇشنى ئاستا-ئاستا تۈگىتىش كېرەك. بوۋاقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ خىل ھادىسىمۇ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ. 

بوۋاقلارقول ياكى پۇت بارمىقىنى شوراشنى ياخشى كۆرۈش كۆپلىگەن بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال. سەۋەبى شۇكى، بوۋاقلار تۇغما بىر خىل ئىستىخىيلىك قىزىققاقلىق پسىخىكىسىغا ئىگە بولۇپ، تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشنى، يېڭى نەرسىلەردىن تەسىر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ تېگىش سېزىمى سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى بىر ئاز تولۇق بولۇپ، بولۇپمۇ لەۋ، تىل، قول بارمىقى، پۇت بارمىقى قاتارلىق قىسىملارنىڭ تېگىش سېزىمى ئەڭ سەزگۈر ھەمدە بوۋاقنىڭ قول، پۇتىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بىر ئاز بالدۇر يېتىلگەن بولۇپ، كونتروللۇقىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن بىر ئاز كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان نەرسىلەر ھەم ئىنتايىن ئاز. شۇڭا بوۋاقلار قول ۋە پۇت بارماقلىرىنى شوراش ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارا-بارا تېخىمۇ كەڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىمۇ باشقا شەيئىلەر ئۈستىگە يۆتكىلىپ، قول (ياكى پۇت) بارماقلىرىنى شورايدىغان ئەھۋالمۇ تەبىئىي ھالدا ئازلايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار قارىغۇلارچە بوۋاقلارنىڭ بۇ خىل شوراش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت بوۋاقنىڭ پۇت ۋە قول بارماقلىرى تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالسىلا بولىدۇ.

قول-پۇت بارماقلىرىنى شوراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ قولىنى ئېمىشى بىر تەرەپتىن ئېغىز ۋە قولنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا بارمىقىنى ئېمىپ سۈتكە بولغان ئىنتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بالىلار بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغاندىمۇ يەنىلا داۋاملىق بارمىقىنى ئەمسە، نورمال بولمايدۇ. بۇ بىر ناچار ئادەت، ئەگەر ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا توختىماستىن بارمىقىنى ئەمسە، بىرخىل كېسەللىك پسىخىكىسىغا ئۆزگىرىپ، يالغۇزسىراش، خاتىرجەمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا بارمىقىنى ئېمىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ پايدىسىز. بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، دائىم خىلمۇخىل نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇنچۇق، قۇم قاتارلىقلار بولۇپ، بەزى نەرسىلەر ئوڭايلا قولغا يۇقۇپ، كېسەللىك ۋىرۇسى ۋە پارازىت قۇرتلار بارماققا چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارماقنى ئېمىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، بالىلاردا ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى ۋە پارازىت قۇرت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار بارمىقىنى ئەمسە بالىنىڭ تاشقى قىياپىتى، تۇراقلىق چىش شەكلىگە ۋە بارماقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك.

بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش

بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشبالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. بۇ خىل ناچار ئادەت پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپىنچە ھالدا تۇرمۇش مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى، يالغۇزسىرىشى، خاتىرجەمسىزلىنىشى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ:

1. بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشى مەسىلەن: ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاجرىشىشى، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشى ياكى ياتىدىغان ئورۇننىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىل ناچار ئادەت شەكىللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئىمكانقەدەر ياخشى تۇرمۇش كەيپىياتنى يارىتىپ، فىزىئولوگىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا بۇ خىل مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

2. ياشانغانلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ياكى يەسلىگە ئەمدىلا كىرگەچكە، كىچىك دوستلىرى بىلەن تونۇشماسلىق تۈپەيلىدىن يالغۇزسىراپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارغا ئازراق ئويۇنچۇق ياكى بىر قىسىم ھەمراھلارنى تېپىپ بېرىپ، ئۇنى ئالدىراش قىلىۋەتسە، بالا تەبىئىيلا بارمىقىنى ئەممەيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم كىچىك دوستلار بىلەن ئويناش جەريانىدا كۆڭلىدە بۇنداق قىلسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگىتىشكە پايدىسى بار. 

3. بالىلاردا قورقۇش، چۆچۈش، خاتىرجەمسىزلىنىش پەيدا قىلغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، بالىلارغا ئەركىن، ئازادە، خۇشال-خۇرام كەيپىيات يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇمۇ بالىلارنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم زورلاش تەدبىرىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بارمىقىغا مامىرانچىنى سۈيى قاتارلىق يېيىش ناھايىتى تەس بولغان نەرسىلەرنى سۈرتۈپ قويسىمۇ، بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.

قولپۇتلىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈشھەرىكەت بولسا بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ ئېھتىياجى ۋە سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىنىڭ نەتىجىسى. ھەر قانچە چۈشەپ قويسىڭىزمۇ، بالىلار ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ناھايىتى راھەتلەنگەن ھالدا پۈتۈن بەدىنىنى تاشلاپ، كىچىك قوللىرىنى كۈچەپ ئېگىز كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، كىچىك پۇتلىرىنى تۈزلەۋاتقانلىقىنى، ئاستا-ئاستا رىتىملىق ھالدا تېپچەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. پۇت-قوللىرىنىڭ بۇ خىل قالايمىقان ھەرىكىتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى بەدەن ھەرىكىتى بولۇپ، بوۋاقلار رەڭگارەڭ گىمناستىكا دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بوۋاقلار رەڭگارەڭ ئويۇنچۇق ياكى ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرىگەن چىرايلارنى كۆرگەندە، يېقىملىق مۇزىكا، ناخشىلارنى ئاڭلىغاندا، پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل پۈتۈن بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەت بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، پۇت-قوللىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتنىڭ خۇشال بولۇشىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، پسىخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، بالىلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ قولىنى ئېمىشى بىر تەرەپتىن ئېغىز ۋە قولنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا بارمىقىنى ئېمىپ سۈتكە بولغان ئىنتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بالىلار بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغاندىمۇ يەنىلا داۋاملىق بارمىقىنى ئەمسە، نورمال بولمايدۇ. بۇ بىر ناچار ئادەت، ئەگەر ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا توختىماستىن بارمىقىنى ئەمسە، بىرخىل كېسەللىك پسىخىكىسىغا ئۆزگىرىپ، يالغۇزسىراش، خاتىرجەمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا بارمىقىنى ئېمىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ پايدىسىز. بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، دائىم خىلمۇخىل نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇنچۇق، قۇم قاتارلىقلار بولۇپ، بەزى نەرسىلەر ئوڭايلا قولغا يۇقۇپ، كېسەللىك ۋىرۇسى ۋە پارازىت قۇرتلار بارماققا چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارماقنى ئېمىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، بالىلاردا ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى ۋە پارازىت قۇرت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار بارمىقىنى ئەمسە بالىنىڭ تاشقى قىياپىتى، تۇراقلىق چىش شەكلىگە ۋە بارماقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#