لاس پالماس

لاس پالماس

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى كانار تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان .

نامى لاس پالماس
دۆلىتى ئىسپانىيە
نوپۇسى 377,600 (2003-يىلى)
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 拉斯帕尔马斯
ئۆلكىسى لاس پالماس ئۆلكىسى
چەتئەلچە نامى Las Palmas
جۇغراپىيىلىك ئورنى چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاس پالماسشىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى كانار تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 377,600 (2003-يىلى). بۇ جاي 1478-يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پونكىتى بولغان. ھازىر ئىسپانىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسىنىڭ مەكرىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپىدا ئۆچكەن يانار تاغلار، قارلىق چوققىلار بار.

 ئارالدىكى خەلق بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، سانائىتىمۇ بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاراق، كېمىسازلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ بار.

لاس پالماس شەھەرنىڭ ھاۋا، دېڭىز قاتنىشى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ئارا قاتنايدىغان پاراخوت ھەم ئايروپىلانلار بۇ جايدا توختاپ يېقىلغۇ قاچىلاپ يولغا چىقىدۇ. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ساياھەتچىلەر بۇ جايغا كېلىپ دەم ئېلىپ قايتىدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم تاشقى پېرېۋوت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلى ساياھەتچىلىك بەك راۋاج تاپقان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#