بايتوقاي يېزىسى
بايتوقاي يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بايتوقاي يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار مەركىزى غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان ئارلىقى 48 كىلومېتىر، غەربىي شىمالىدىن غۇلجا ناھىيە بازىرىغىچە ئارىلىقى 56 كىلومېتىر، شەرقىي ئۈچ ناھىيە بىلەن تۇتاشقان، غەربىي 6 يېزا بىلەن تۇتاشقان، ئۆلكە يولى 315-لىنىيەسى ۋە 220-ئۆلكە يولى بايتوقاي يېزىسىدا كېسىشكەن، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 141.34 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 78 مىڭ 400 مو، 12 مەمۇرىي كەنت بار.
بايتوقاي يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۆزبېك قاتارلىق 12 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.
يېڭى ئەسىگە كىرگەندە، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشغا ئەگىشىپ، بۇ جايلارمۇ ئىجادىي ھالدا «تەرەققىيات» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغان، ئېچىۋېتىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، سانائەتلىشىشنى ، بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرگەن، ساياھەت كەسىپى تېخىمۇ گۈللەنگەن.
بايتوقاي يېزىسىدا كۆمۈر قېزىش پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنغان كۆمۈر سانائىتى شەكىللەنگەن، تۇز نىتراتلىشىش سانائىتى ئاساسلىق ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تۇز ئېلىپ باشلامچى بولغان، تاش، موم، كۆكسېغىز ئۇنى، ھاك تاش قېزىش پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى شەكىللەنگەن.
تۆگە يۇڭى ياسالمىلىرى ۋە قولدا توقۇلغان گىلەم ئاساس قىلغان، توقۇمىچىلىق سانائىتى ۋە گۆش، توشقانزەدىكى، يەر مەدىكى خام ئەشيا ھاراقچىلىق كەسپى ۋە دورا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىىمۇ تەرەققى قىلغان.
ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ مېتال ناترىي زاۋۇتى-«تەيدا ناترىي شۆبە شىركىتى»، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ماشىنىلاشقان كۆل تۇز زاۋۇتى «جىلەنتەي تۇز-خىمىيە گۇرۇھى»، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بېنزول ئېفىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-«ئالاتاۋ غەربىي شىمال بوياش زاۋۇتى»، ئىچكى موڭغۇل نۇقتىلىق خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى «جىلەنتەي ئىشقار زاۋۇتى» ئەلا سۈپەتلىك «تەيشى كۆمۈر ئېكسپورت بازىسى»، ئاپتونوم رايون بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى ئەڭ چوڭ «جۇلا ئالتۇن كېنى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بايتوقاي يېزىسىغا جايلاشقان.
بايتوقاي يېزىسىدا 2007-يىلى، يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 180 مىليون يۈەنگە يەتكەن، %13 ئاشقان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4375.84 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 600 يۈەن ئاشقان.
2010-يىلىغا بارغاندا، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 5 مىليارد يۈەن، سانائەت نىسبىتىنى % 50 تىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش پىلانلانغان.
بايتوقاي يېزىسىدا بۇغداي، قوناق، قىزىلچا، قىچا، پۇرچاق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلەر ۋە ئالما، نەشپۈت، ئامۇت، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلەر بار.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.