غەلۋىرەك

غەلۋىرەك

بىرقانچىلىغان قوشنا تۈك خالىتىرى تېرە ماي بەزلىرى ۋە تۈك خالتا ئەتراپ توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغى ئۆزئارا بىرلىشىپ قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىش، مۈنەكچە پەيدا بولۇشنى ئالاھىدىلىك قىلغان تېرە كېسەللىكى غەلۋىرەك دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى غەلۋىرەك
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
خەنزۇچە نامى
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن

غەلۋىرەكئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى قان ئېقىمى ئارقىلىق تۈك خالتىلىرى ۋە ئەتراپ توقۇلمىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇشتىن پەيدا بولىدۇ.

 زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىدىن 

زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ئۆتكۈر قۇرۇق ئىسسىق، نابۇت قىلىش، قېزىتىش خۇسۇسىيىتى بىلەن تېرە تۈك خالتىسى ۋە ئەتراپ توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىپ ماددا ئالمىشىشنى (قۇۋۋەتلەنى) بۇزۇپ يىرىڭلىق ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ كېسەل تېنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە بويۇن، مۈرە، ساغرا ۋە پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ. دەسلەپتە قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش، داغ پارچىسى شەكىلىنىپ سىرتقى يازى پارقىراق، قىرى ئېنىق بولىدۇ (چېگرىسى ئېنىق)، ئاندىن ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ 7~5 كۈندىن كېيىن يىرىڭداش، مەركىزى يۇمشاقلىشىپ چىرىش كۆرۈلىدۇ. يۈزىدە بىر قانچىلىغان يىرىڭ توچكىسى پەيدا بولىدۇ. يىرىڭ توچكىلىرى ئېغىز ئېلىپ ئىچىدىكى يىرىڭ ئېقىپ كەتكەندە چوڭقۇر جاراھەت ھاسىل قىلىپ ھەرە كۆنىكىسىمان ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بىماردا قىزىش، تڭۇپ تىترەش، پۈتۈن بەدەن يېقىنسىزلىنىش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

غەلۋىرەكقان چىرىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

بىر قانچىلىغان تۈك خالتىسى ياك تۈك خالتا ئەتراپ ياللۇغىنىڭ قوشۇلۇشىدىن بىرنەچچە ئورۇندىن ئېغىز ئېلىپ ھەرە كۆنىكىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز مۇقىمداشقا بولىدۇ.

چىيقاندىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

چىققاندا ئاستى يوغان ئۇچى ئۇچلۇق ياللۇغلىنىشلىق چاچ خالتا ئەسۋىسى پەيدا بولىدۇ. 


1. قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسەتلىرىدە ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىلىدۇ.

2. زەڭگەر رەڭلىك سەپرا خىلىتىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ.

قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئىترىفىل شاھتەررە ئون گرامدىن ئىككى ۋاخ، مەنبۇخى ھېلىلە 100 مىللىلىتىردىن ئىككى ۋاخ، ئەرقى چۆبچىن 100~50 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، شەربىتى ئۆشبە 100 گرامدىن ئۈچ ۋاخ بولىدۇ. ئەگەر چىيقان قان تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، يەنە ساقايمىسا سىرتىدىن: زىغىر، خېمىرتۇرۇچ، ئاق موم، ئەنجۈر قېقى، كۈندە 10 گرامدىن، زەپەر بىر گرام، يۇمشاق سوقۇپ زەيتۇن يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ سىرتىدىن تېڭىلىدۇ. ئاندىن ئىچىدىكى يىرىڭنى تىغ بىلەن يېرىپ چىقىرىۋېتىپ مامرانچىن قاينىتىلمىسى بىلەن زەخىم سەپرا خىلىتىغا قارىتا خالىس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى 100 مىللىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم تاكى ماددا پىشقىچە بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن 50 مىللىلىتىرغا مەتبۇخى ھېلىلە، 1.5 گرام ھەببى بىنەپشە قوشۇپ بېرىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ.

قاننى قىزىتقۇچى، سەپرا ھاسىل قىلغۇچى غىزالاردىن چەكلەش. مەسىلەن، تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋاپ، ئات گۆشى، لازا، قارىمۇچ قاتارلىقلار. تېرە تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=882

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#