پورتو شەھىرى

پورتو شەھىرى

پورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. 

نامى پورتو شەھىرى
دۆلىتى
پورتۇگالىيە
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
خەنزۇچە نامى
波尔图市
ئۆلكىسى پورتو ئۆلكىسى
نوپۇسى 263,000(2010)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پورتوپورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 336 مىڭدىن ئاشىدۇ. پورتو شەھىرى مىلادىيىدىن 5-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا رىملىقلار «پورتۇس كالې» دەپ نام بېرگەن. پورتۇس كالې «يىللىق پورت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى يىللىق نەم مېكسىكا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قىشلىقى پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، ھاۋاسى يىللىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ قايغا «يىللىق پورت» دەپ نام بەرگەن. كېيىن پورتۇگالىيە بۇ جاينى ئوپورتو دەپ ئاتىغان. بۇ نامنى كېيىن قىسقارتىپ «پورتو» دەپ قوللانغان. «پورتو» پورتۇگالىيە تىلىدا «پورت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى كونىشەھەر، يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونىشەھەر ئېگىز-پەس ئېدىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان. ئۇ دوئېرو دەرياسىغا سېلىنغان چوڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى ئارقىلىق دەريانىڭ ئىككى ياقىسىغا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پورتو پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. بۇ جاي توقۇمىچىلىق، تېرە خۇرۇم، پولاتتۆمۈر، تاشيول پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جاي ئارقىلىق ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دەريادا قۇم-لاتقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا ئېقىنىنىڭ پەسىلىك ئۆزگىرىشى چوڭ، شۇڭا 1890-يىلى شەھەرنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدا رايسائىس سىرتقى پورتى قۇرۇلدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#