ئازغانسىمان مالىنا
ئازغانسىمان مالىنا نىڭ كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، يۇمشاق تۈكلۈك ياكى تۈكسىز بولىدۇ، دائىم سۇس سېرىق رەڭلىك بەز توچكىلىرى بولىدۇ، شالاڭ ئۆسكەن نىسبەتەن تىك ئۆسكەن قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئازغانسىمان مالىنائازغانسىمان مالىنانىڭ كىچىك شاخلىرى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك، يۇمشاق تۈكلۈك ياكى تۈكسىز بولىدۇ، دائىم سۇس سېرىق رەڭلىك بەز توچكىلىرى بولىدۇ، شالاڭ ئۆسكەن نىسبەتەن تىك ئۆسكەن قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ. كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ياكى تېمىنىسىمان بولىدۇ، چوققا تەرىپى تەدىرىجى ئۇچلۇق، تۈپى قىسمى يۇملاق، ئىككى تەرىپىدە شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، سۇس سېرىق رەڭلىك پارقىراق بەز توچكىلىرى بولىدۇ، تۆۋەننى بويلاپ، ئوتتۇرا تومۇرىدا شالاڭ قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ، گىرۋىكىدە ئۆتكۈر قوش ھەرە چىشلىرى بولىدۇ، ئۇچىدا ئۆسكەن كىچىك يوپۇرماقلىرى ۋە يوپۇرماق ئوقىنىڭ ھەممىسىدە يۇمشاق تۈكچىلەر ۋە كىچىك تىكەنلىك تېرىلىرى بولىدۇ، سۇس سېرىق رەڭلىك بەز توچكىلىرى بولىدۇ، ھەمراھ يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ياكى تېمىنىسىمان، يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ.
گۈل ساپىقى بىر قەدەر شالاڭ ياكى قويۇق تۈكلۈك بولۇپ، شالاڭ ئۇششاق تىكەنلىك، بەزىدە بەز توچكىلىرى بولىدۇ، گۈل كاسىسىنىڭ سىرتىدا يۇمشاق تۈك ۋە بەز توچكىلىرى بولىدۇ، گۈل كاسا يوپۇرمىقى تېمىنىسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئۇچى قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق، گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن دائىم قاتلاقلىق ھالاتتە بولىدۇ، گۈل بەرگىسى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق، ئۇزۇنچاق دۈم تۇخۇم شەكىللىك ياكى يۇمىلاقراق، ئاق رەڭلىك، تۈۋىدە پەنجىسى بولىدۇ، ئۇزۇن گۈل كاسا يوپۇرمىقى بولىدۇ، سىرتتا قىسقا يۇمشاق تۈكچىلىرى بار، تەدرىجىي چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاتىلىق يىپى بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ، ئانىلىقى كۆپ، ئانىلىق بوينى ۋە ئۇرۇقدىنى تۈكسىز، گۈل سېپى قىسقا بولىدۇ.
مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى سوقىچاق تۇخۇمسىمان شەكىلدە بولۇپ، قىزىل رەڭدە، پارقىراق، تۈكسىز، تاقىر، مەركىزىدە چوڭقۇر ئويمان بوشلۇقى بار. چېچەكلەش مەزگىلى 3 ~ 5 ئايدا، مېۋىلەش مەزگىلى 6 ~ 7 ئايلاردا بولىدۇ.
جۇڭگو (جياڭشى، خۇانەن، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھىندىستان، بېرما، تايلاند، لائوس، ۋيېتنام، كامبودژا، ياپونىيە، ھىندونېزىيە، داياڭجوۋ، ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تاغ ئىچىدە ياكى كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلاردا، سايە جايدا، ياكى ئېگىز تاغلىق ساۋپو تۇپراقتا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2470 مېتىر كېلىدىغان جايلاردا ئۆسىدۇ.
ئاق گۈللۈك قىزىل مېۋىلىك، چىرايلىق، خۇش پۇراقلىق. تەبىئىي شەكىلدىكى باغ-ئورمان ۋە تەبىئىي مەنزىرلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك ھويلا-ئاراملارغا يېرىم ياۋايى ھالەتتە تىكىپ چىتلاق قىلىشقىمۇ بولىدۇ ياكى ئورمان بويلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسىنى يېگىلى بولىدۇ. ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، يوپۇرمىقىنى دورا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
پۈتۈن تۈپى ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز بەك كۆپ كېلىش، قۇسۇش، كىچىك بالىلاردىكى يۆتەل، كۆيۈككە شىپا قىلىدۇ، يىلتىزىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى تېتىكلەشتۈرۈپ ئاغرىق توختۇتىدۇ، ئاق خۇننى توختىتىدۇ، تەرلەشنى توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، تولغاقنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار. غولى يۆتەل، بەلغەملىك زىققە، ئوغرى تەر، سوڭ چىقىش، قىزىلدىن ئىچ سۈرۈش، كىچىك بالىلاردىكى ھۆتەلنى توختىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.