نۇر

نۇر (light) بولسا تەۋرىنىپ(oscillation) تۇرىدىغان، ئۆزلىگىدىن بوشلۇقتا تارقىلالايدىغان ئېلېكتر-ماگنىت دولقۇنى(self-propagating electromagnetic wave)، ھەم شۇنداقلا كىۋانىت(quantum) دۇنياسىغا نىسبەتەن مەلۇم ئېنىرگىيەنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەلۇم ھالەتتە بايقىغىلى بولىدىغان زەرىچە. 

ئۇيغۇرچە نۇر،يورۇقلۇق
ئىنگىلىزچە light
خەنزۇچە
سۈرئىتى 299792458 m/s

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇر (light) بولسا تەۋرىنىپ(oscillation) تۇرىدىغان، ئۆزلىگىدىن بوشلۇقتا تارقىلالايدىغان ئېلېكتر-ماگنىت دولقۇنى(self-propagating electromagnetic wave)، ھەم شۇنداقلا كىۋانىت(quantum) دۇنياسىغا نىسبەتەن مەلۇم ئېنىرگىيەنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەلۇم ھالەتتە بايقىغىلى بولىدىغان زەرىچە. 1655-يىلى ئىتالىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى فىرانسىسكو گرىمالدى نۇرنىڭ دولقۇنلارغا خاس بولغان دىفىرېنسىيە(diffraction) ھادىسىسىنى قانائەتلەندۇردىغانلىقىنى بايقىغان(1-رەسىم). 1905-يىلى ئالبىرىت ئېينىشتىيىن نۇر-ئېلېكتر ئېففېكتىنى بايقاپ ئىلان قىلغاندىن كېيىن نۇرنىڭ زەرىچە ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنىپ، نۇرنىڭ زەرىچە-دولقۇن(wave-particle duality of light) ئىككى تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكى كەڭ قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلىپ كېلنىۋاتىدۇ.

نۇر(يورۇقلۇق) بولغاچقىلا بىز كۆزىمىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن نەرسىلەرنى كۆرۈشكە قادىر بولالايمىز. يەنى جىسىملاردىن قايتقان نۇر كۆزىمىزگە يېتىپ كەلگەندە، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قاتار ئوپتىكىلىق(يورۇقلۇققا ئائىت) سىستىمىدىن ئۆتۈپ، كۆرۈش نىرۋىللىرىمىزنى غىدىقلىغاندىن كىيىن كاللىمىزدا جىسىمنىڭ ئوبرازى ئەكىس ئىتىدۇ.

نۇرنىڭ خۇددىي سۇ دولقۇنى ۋە ئاۋاز دولغۇنلىرىغا ئوخشاش ئايلىنىپ ئۆتۈش(دىفراكسىيە) ۋە قاتلىنىش(ئىنتېرفىرىنسىيە) ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ ، كىشىلەر نۇرنى بىر دولقۇندىن ئىبارەت دىگەن. بۇنىڭ ۋەكىلى كىرىستىيەن ھۇيگىنىس (1629-1695)بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ دولقۇن تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىيىنكى دەۋىرلەردە نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىنچە تارقىلىش، تەكشى جىسىم يۈزىدىن قايتىش ۋە پەرىقلىق مۇھىت چىگرىسىدا سۇنۇش ھادىسلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، نۇرنى يۇقىرى تىزلىكتىكى زەرىچىلەر ئېقىمى دىگەن خۇلاسىگە كىلىشكەن. بۇ كۆز قاراشنىڭ ۋەكىلى ئىسساك نيوتۇن(1706-1790)بولۇپ،ئۇ نۇرنىڭ زەررىچە تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا نيوتۇننىڭ ئىلىمپەن ساھەسىدە تۇتقان ئورۇننىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەپلىك كۆپ سانلىق كىشىلەر تاكى 1900 يىللارغىچە نيوتۇننىڭ زەرىچە تەلىماتىغا ئىشىنىپ كەلگەن ئىدى. بىراق فوكاۋلت (1819-1868) ئېلىپ بارغان تەجىربە نيوتۇن تەلىماتى ئىنكار قىلىنىشىنىڭ باشلىنىش نوختىسى بولدى. يەنى ، زەرىچە تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا نۇرنىڭ ھەقىيقى بوشلۇقتا تارقىلىش تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 300مىڭ كىلومېتىر) ۋە سۇدىكى تىزلىكى(تەخمىنەن سىكونتىغا 218مىڭ 400 كىلومېتىر). بۇ پاكىت نۇرنىڭ سۇنۇش ھادىسسنى چۈشەندۈرۈشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى...

1899-يىلغا كەلگەندە ماكىس پىلانىك (1858-1947) قارا جىسىم رادىياتسىيە(ئىنىرگىيە تارقىتىش) دولقۇنى ئىنىرگىيە زىچلىقى چاستۇتا بويىنچە تەخسىملىنىش قانۇنىيتىنىڭ كىلاسسىك فىزىكا قانۇنلىرىدىن چىقىرىلغان نەزىريىۋى يەكۈنگە ماس كەلمەسلىكتەك زىتلىقتىن چىقىش قىلىپ،نۇرنى بىرخىل كۇۋانتلاشقان(ئۈزۈك-ئۈزۈك،كىچىك مىقتارچىلارغا ئايرىلغان) زەررىچىلەرئېقىمى دىگەن پەرەز بىلەن نەزىرىيە ۋە تەجىربە قانۇنىيتىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ، يىقىنقى زامان فىزىكىسىدىكى مۇھىم بولغان يىڭى بۇرۇلۇش-كۇۋانت مىخانىكىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئۇل ھازىرلاپ بەردى. پىلانىكنىڭ بۇ يىڭى كۇۋانت نەزەرىيسىدىن ئىلھام ئالغان ئېنىشتېين(1879-1955) فوتو-ئېلىكتېر ئىففىكتى(نۇر-توك تەسىرى)نى ناھايىت ياخشى چۈشەندۈرۈپ بىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى بىلەن (1905-يىلى) نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولدى...

خۇلاسىگە كەلسەك، ھازىرقى زامان كۇۋانت مىخانىكا نەزەرىيسى بويىنچە نۇر بولسا كۇۋانتلاشقان ئەڭ كىچىك نۇر زەرىچىللىرى(فوتۇنلار)دىن تەركىپ تاپقان ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنىدىن ئىبارەت. كۇۋانتلاشقان مىكرو زەرىچىلەر ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيەتكە يەنى دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، فوتۇنلارنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيتى دەل نۇرنىڭ يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىك خاراكتېردىكى ھادىسىلەر پەيدا قىلىدىغانلىقىنىڭ ئاساسى.

يەرشارىدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ(visible light)  ئاساسلىق مەنبەسى قۇياش، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى 400 نانومېتىردىن 700 نانومېتىرغىچە(nanometer، نانومېتىر ئىنتايىن كىچىك بولغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، بىر نانومېتىر بىر مىليارد دەن بىر مېتىرغا تەڭ) بولىدۇ. ئادەتتە نۇرلار بىزگە ئاق كۆرۈنىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئاق نۇر ئوخشىمىغان رەڭلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن، بۇنى نىيوتۇن 1666-يىلى ئۈچ قىرلىق پىرزما ياكى ئەينەك تەجرىبىسىنى ئىشلەپ بايقىغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇرلارنىڭ ئۈچ قىرلىق ئەينەكتەك بىر مۇھىت ۋاستىسىدىن ئۆتكەندىكى سۇنۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئاق نۇرنى تۈزگۈچى باشقا نۇرلار ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكەندە ئوخشىمىغان سۇنۇش دەرىجىسى سەۋەبلىك ئېنىق ئايرىلىپ چىقىدۇ(2-رەسىم). نۇرنىڭ ۋاكۇمدىكى تارقىلىش تىزلىكى 299792458 مېتىر ھەر سېكۇنت بولىدۇ.

  كۆرۈنىدىغان نۇر ئېلېكتر-ماگنىت سپېكترىدا (electromagnetic spectrum)  ئىگەلىگەن ئورنى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كىچىك، ئەمما ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم بىز ئۇنى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپتىكلىق تەتقىقات بولۇپمۇ ئوپتىكلىق تېلىسكوپ ۋە ئاستىرونومىيە تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 3-رەسىمىنىڭ ئاسىتىدىكى قۇشۇمچە كۆرسىتىلگەن قىسمى ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بۇيىچە ئىنچىكە بۆلۇنگەن كۆرگىلى بۇلىدىغان نۇرنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەردىكى كۆرۈنىشى.

گۈزەل ئايدىڭ كىچىلەردە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزەتكىنىمىزدە ھەممە يۇلتۇزلار ئوخشاش ئاق رەڭدەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئاددىي كۆزىمىز پەقەت چاقناش دەرىجىسى ئوخشىمىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. ئەمىلىيەتتە بولسا يۇلتۇزلار ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ، بىز بۇنى ئىلغار ئوپتىكلىق تېلىسكوپلار ئارقىلىق يۇلتۇزلار تارقاتقان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆلچەپ سپېكترىغا ئىرىشكەندىن كېيىن سىلىشتۇرۇش بىلەلەيمىز ھەم ئۇنىڭ رەسىمىگە ئىرشەلەيمىز، بۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان فىزىكىلىق جەريان ھەم يوقىرى تېخنكا ۋە نۇرغۇن ئىقتىساد مەبلەغ كىتىدىغان ئىش.

ئىنفىرا قىزىل نۇرئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەندە كىشىلەر قاراڭغۇ كېچىدىمۇ خۇددى كۈندۈزدەك ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. مانا بۇ ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رولىدىن ئىبارەت. ئىنفرا قىزىل نۇرنى ئەنگلىيىلىك ئالىم ھېرشېل1800 - يىلى تەجرىبە ئىشلەش جەريانىدا بايقىغان. ئۇ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قىزىل نۇرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى بولۇپ، روشەن ئىسسىقلىق ئېففېكتىگە ئىگە بولغاچقا، ئادەملەر ئۇنى سېزەلەيدۇ، ئەمما كۆرەلمەيدۇ، ئالىملار مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى نۇر (كۆرۈنىدىغان نۇر ياكى كۆرۈنمەيدىغان نۇر) نى بەزى مېتال قاتارلىق ماتېرىيالنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۈشۈرگەندە، مېتال قاتارلىق ماتېرىيالنىڭ ئېلېكترونلار ئېقىمىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئەتتىكى ھەرقانداق جىسىم ئىنفرا قىزىل نۇر رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنفرا قىزىل نۇرنى سىرتقا رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ فوتو ئېلېكتر ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەر ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىنى ياساپ چىقتى. ئۇ مەنبەلىك (سۈنئىي ئىنفرا قىزىل نۇر مەنبەسى سەپلەنگەن) ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى ۋە مەنبەسىز ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپلىق بولىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى تەبىئەتتىكى جىسىملار رادىئاتسىيىلەپ چىقارغان (ياكى قايتۇرغان)، ئادەم كۆرەلمەيدىغان ئىنفرا قىزىل نۇر فوتو ئېلېكترلىق تېلېسكوپنىڭ ئوبيېكتىدىن ئۆتۈپ، فوتو ئېلېكتر ئالماشتۇرغۇچنىڭ فوتو ئېلېكتر كاتودىغا چۈشىدۇ. فوتو ئېلېكتر ئېففېكتىگە ئاساسەن، بۇ چاغدا ئېلېكترونلار ئېقىمى فوتو ئېلېكتر كاتودىدىن ئۇچۇپ چىقىدۇ ھەم ناھايىتى تېز سۈرئەتتە مۇسبەت زەرەتلىك يالتىراق ئېكرانغا ئېتىلىپ كېلىدۇ. ئېلېكترونلار يالتىراق ئېكرانغا ئېتىلىپ كېلىش يولىدا، ئالىملار لايىھىلىگەن بىر خىل ئېلېكترونلۇق لىنزا تەرىپىدىن ئېلېكترونلار بەلگىلىك لىنىيە بويىچە يالتىراق ئېكرانغا چۈشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوبيېكتىپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەسۋىر يەنە ئاغدۇرۇلۇپ ئوڭ تەسۋىرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئېرىشىلگەن تەسۋىرنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىش ئۈچۈن، يالتىراق ئېكران بىلەن كۆز ئارىسىغا بىر ئوكۇليار ئورنىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، فوتو ئېلېكترلىك تېلېسكوپ ئارقىلىق كېچىدىكى مەنزىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئوخشاش پرىنسىپقا ئاساسەن، ئالىملار يەنە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېكامېرا بىلەن ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇلار ئارقىلىق قاراڭغۇدا تەسۋىر ئالغىلى ۋە سۈرەت تارتقىلى بولۇپلا قالماي، يەنە نېپىز تۇماندا ۋە دېڭىز سۈيىدە تەسۋىر ئالغىلى ۋە سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ئادەم ياكى نەرسىلەر ئەمدىلا ئايرىلغاندا قالدۇرغان ئىزلارغا قارىتا تەسۋىر ئېلىشقا ۋە سۈرەت تارتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئادەم توختاپ تۇرغان جايدىكى تېمپېراتۇرا ئەتراپتىكىدىن يۇقىرىراق بولغاچقا، كۈچلۈكرەك ئىنفرا قىزىل نۇر چىقىدۇ. كىشىلەر بۇ تېخنىكلاردىن پايدىلىنىپ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويالايدۇ، ماتېرىيالدىكى نۇقساننى تەكشۈرەلەيدۇ، دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلالايدۇ، قاتارلىقلار. ھازىر كىشىلەر ئايروپىلان، سۈنئىي ھەمراھلاردىكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق يىراقتىن سېزىش ئۆلچەش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق، يۇقىرى بوشلۇقتىن چوڭ ئورمانلىققا تاشلانغان پاپىروس قالدۇقى چىقارغان ئىنفرا قىزىل نۇرنىمۇ بايقىيالايدىغان بولدى. ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق يىراقتىن سېزىشنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، كېچە - كۈندۈز ئىشلىيەلەيدۇ، بۇ گېئولوگىيىلىك قېدىرىش، مۇھىت ئاسراش، ھەربىي ئىشلاردىكى رازۋېدكا قىلىش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلماقتا..

ئالەم بوشلۇقى نۇرلىرىبىزنىڭ قۇياش سېستىمىسى (solar system) جايلاشقان سامان يولى گالاكسىسى(milky way galaxy) ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان گالاكسىلار مىلىيونلىغان ساناقسىز رەڭگارەڭ نۇرمال يۇلتۇزلار(normal star) بىلەن تولغان. نۇرمال يۇلتۇزلار (قۇياشمۇ بىر نۇرمال يۇلتۇز) كۆيۈۋاتقان گازدىن(burning gas) (ئاساسلىقى ھېدروگىن ۋە گېلىدىن ئىبارەت) تەركىب تاپقان شارسىمان جىسىم، يۇلتۇز ماسسىسنىڭ ئوخشاش بولماسىلىقىغا  (كۆيۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ) ئاساسەن يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرسى ۋە چىقارغان نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئوخشىمايدۇ. تېمپېراتۇرا ۋە نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ ئۇلار چىقارغان نۇرنىڭ ئېنىرگىيسى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ ، بۇ دېگەنلىك چىقارغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ، شۇ سەۋەبتىن يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ.

كۆك رەڭلىك يۇلتۇزلار تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ئېنىرگىيسى چوڭ يەنى ماسىسى چوڭ بولغان يۇلتۇزلار، تېمپېراتۇرسى تۆۋەن بولغان يۇلتۇزلار قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، قۇياش ئاق رەڭلىك يۇلتۇز بولۇپ تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرا دەرىجىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ. لىكىن بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا قىزىل رەڭنى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆك رەڭنى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنگە سىمۇۋول قىلىپ ئىشلىتىمىز، ئەمىلىيەتتە بۇ خاتا. بىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىمىز خاتا سىزىمدىن كەلگەن بىزنىڭ تىرىمىز  قىزىل رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى سۈمۈرەلەيدۇ، ئەمما كۆك رەڭنىڭكىنى سۈمۈرەلمەيدۇ شۇڭا بىز كۆك رەڭنىڭ ئىسقىنى سىزەلمەيمىز ئەكسىچە قىزىل رەڭ ئىسسىق بىلىنىدۇ. فىزىكا نۇقتىسىدىن چىققاندا بولسا كۆك رەڭنىڭ تېمپېراتۇرسى قىزىل رەڭنىڭ تېمپېراتۇرسىدىن يۇقىرى.

يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى، تېمپېراتۇرسى ۋە ئېنىرگىيە ياكى لۇمىنوستىسى (بىرلىك ۋاقت ئىچىدە قويۇپ بىرىدىغان ئېنىرگىيسى،luminosity) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىز ئادەتتە خىرتسىپىراڭ-راسسۇال سېخىمىسى (H-R diagram) (بۇھەقتە كېيىن ئايرىم ئىنچىكە چۈشەنچە بىرىپ يازما يېزىشىم مۈمكىن) ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز، 4-رەسمدىكىدەك. 4-رەسىمدە ئاق، قىزىل، كۆك، سىرىق رەڭلىك يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرا-لۇمىنۇسىتى مۇناسىۋىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. كۆك رەڭلىك يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز بۇ رەسىمدىن.

قۇتۇپ نۇرىقۇتۇپ نۇرى شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا كۆرۈلىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى تەبىئىي نۇردۇر. ئۇ قۇياش شامىلىنىڭ يەرشارى ماگنىت قاتلىمىنى (magnetosphere، 磁层) كۈچلۈك غىدىقلىشىدىن شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئادەتتە  3 ~ 6 گىرادۇس كەڭلىكتە بولۇپ، بۇ قۇتۇپ نۇرى بەلبېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە كۈچلۈك قۇياش شامىلى يەرشارىغا ئۇرۇلغاندا، بەلباغنىڭ سىرتىدىمۇ ئۇنى كۆرگىلى بولىدۇ.

قۇتۇپ نۇرىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قۇياش شامىلىنى چۈشۈنىشىمىز زۆرۈر. بۇ شامال ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېرا قەۋىتىدىنقويۇپ بېرىلگەن زەررەتلىك زەررىچىلەر (يەنى پلازما) دۇر. بۇ پلازما ئېلىكترون، پروتون ۋە ئالفا زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەسى 1.5 دىن 10 keV غىچە. بۇ زەررىچىلەر يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك بولغاچقا، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىن ساقلىنالايدۇ. قۇياش شامىلىنىڭ زىچلىقى، تېمپراتۇرىسى ۋە تېزلىكى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

بۇ يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك زەررىچىلەر يەرشارىغا كەلگەندە، ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن، ھېدروگېن قاتارلىق ئاتوملارغا سوقۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئاتوملار زەررىچىلەردىن ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىدۇ (قوزغىتىلىدۇ). قوزغىتىلغان ئاتوملار ئېنىرگىيەنى نۇر ھالىتىدە قويۇپ بېرىدۇ. بۇ نۇر دەل قۇتۇپ نۇرىدۇر.

ئەمما، نېمىشقا قۇتۇپ نۇرى پەقەت قۇتۇپ ئەتراپىدىلا بولىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى يەرشارى ماگنىت مەيدانىدىن تاپىمىز. يەرشارنىڭ ماگنىت مەيدانى يەرشارى سىرتىدىن 64 مىڭ كېلومېتىرغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇ ئاتموسفېرانى قۇياش شامىلىدىكى زەررىچىلەردىن ۋە ئالەم نۇرى (قۇياشتىن باشقا يەرلەردىن كەلگەن يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك زەررىچىلەر) دىن  قوغداپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەرشارى ماگىنىتى بولمىغان بولسا، بۇ زەررىچىلەر ئاتموسفېرانىڭ يۇقىرى قاتلىمى (يەنى يەرشارىنى زىيانلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇردىنقوغدايدىغان ئوزون قاتلىمى)نى بۇزۇۋەتكەن بولاتتى.  ھەرىكەتتىكى زەررىچىلەرنىڭ يۆلىنشى ماگىنىت مەيدانىدا ئۆزگىرەيدۇ. شۇڭا زەررىچىلەر بىۋاستە ئاتموسفېراغا سوقۇلماي، ماگىنىت مەيدان سىزىقلىرىنى بويلاپ مېڭىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلارغا بارىدۇ.

كۈن نۇرىئاپتاپ چىققاندا بەلكىم كۆلەڭگە ئىزدەپ يۈرىدىغانلاردىن بولۇشىڭىز مۇمكىن.   شۇنداق بولسىڭىز بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭ. دائىم ئاپتاپتا يۈرىدىغانلاردىن بولسىڭىز بەلكىم سىزگە بەك كۆپ پايدىسى تەگمەس. بىلىپ قېلىڭ، زىينى يوق.  كۈن نۇرى كىشىلەر سەل قاراۋاتقان ئەڭ ئاددىي ۋە ھەقسىز ساغلاملىققا  پايدىلىق ئامىل.  دائىم كۈن نۇرى كۆرۈپ بەرسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ئىنتايىن پايدىلىق.

ھازىر تۇرمۇش تەرەققىي قىلغانسېرى بىز كۈن نۇرىدىن يىراقلاپ كەتتۇق. ئەتىگەندە ئىشخانىغا بارىمىز، تۆت تامنىڭ ئىچىدە بىر كۈن ئۆتىدۇ، كەشتە ئۆيگە قايتىمىز. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئازراق كۈن كۆرىدىغان پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن.لېكىن بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.  ئىشخانىڭىزدا كۈنگە  قارايدىغانلا  دېرىزە  بولسا ناھايىتى ياخشى، ئاپتاپ چۈشسە سۇنۇپ تۇرۇڭ، سالامەتلىكىڭىزگە پايدىسى بار. 

تېرىڭىز كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا ۋىتامىن D ئىشلەپ چىقىرىدۇ

     ئادەتتە ۋىتامىنلارنى ئادەم بەدىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ، شۇڭا سىرتتىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. لېكىن ۋىتامىن D نى  تېرىدە كۈن نۇرى بولغان ئەھۋالدا ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ.  ۋىتامىن D سۆڭەك ساغلاملىقى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. كەم بولغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ۋىتامىن D كالتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، كالتسىي ئوبدان قوبۇل بولمايدۇ، سۆڭەك يۇمشاش كېلىپ چىقىدۇ. ۋىتامىن D ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى، مۇسكۇل نېرۋىلىرىنى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تىزگىنلەيدۇ، ھەم ياللۇغلارنى قايتۇرىدۇ.

 ئۇيقۇڭىز ياخشىلىنىدۇ

ئادەملەر بەدىنى سىرتتا يۈرۈشكە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئادەم بەدىنى  كېچە ۋە كۈندۈزى ئوخشىمىغان ھورمۇنلارنى قويۇپ بېرىدۇ. بەدەن بۇ رىتىمنى كۈن نۇرى ئارقىلىق تىزگىنلەيدۇ. كۈن نۇرى ئادەم كۆزىگە چۈشكەندىن كېيىن، مېڭە ئاسىتىدىكى چىلغوزا تەنچە (قارىغاي ئۇرۇقى شەكلىدىكى بەز) مەلەتونىن  دېگەن بىرخىل ھورمۇن ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇن بەدەننىڭ كۈندىلىك رىتىمىنى كونترول قىلىدۇ.

چىلغوزا تەنچە ياكى  چىلغوزا بېزى :pineal gland

مەلەتونىن :Melatonin

بۇ ھورمۇن يەنە يۇقۇملىنىش، ياللۇغ، راك ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى نورمالسىزلىقى قاتارلىق كېسەلگە پايدىلىق تەسىرى بار. مەلەتونىن يەنە ئۇلترا بىنەپشە  نۇرنىڭ  تېرىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ئوبدان ئۇخلاي ۋە ساغلامراق بولاي دېسىڭىز، قارا كۆزئەينەك تاقىماڭ، كۆزىڭىز جىقاراق كۈن نۇرى كۆرسۇن. كۈن يېڭى چىققاندا ۋە ئولتۇراي دېگەندە كۈن نۇرى ئاجىزراق، بۇ چاغدا كۈنگە قاراپ بەرسىڭىز ئۇيقۇڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەتىگەن ۋە كەچلىكى كۈنگە قاراشنى بىرمەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا ئۇيقۇڭىز ياخشىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىڭىزنى يېنىك، روھلۇق، ۋە ئېنېرگىيەلىك ھېس قىلىسىز.

كۈن نۇرى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ

بۇنى 1903 - يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى نېلس فىنسىن بايقىغان بولۇپ،  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمان ئەسكەرلىرى بۇنى بىلەتتى. ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يارىلارنى دېزىنڧفىكسىيەلىگەن ۋە ساقايتقان.

كۈن نۇرى تېرە كېسەللىرىگە پايدىلىق

كۈن نۇرى تەنگىتەمرەتكە (ياكى كالا تەمرەتكە)، دانىخورەك، ھۆل تەمرەتكە، تېرە زەمبۇرۇغ يۇقۇملىنىشى قاتارلىق تېرە كېسەللىرىگە پايدا قىلىدۇ.

كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلايدۇ چۈشكۈنلۈككە پايدىلىق، كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، كۈن نۇرى سېراتونىن ھورمۇنىنى تەبىئىي ئاشۇرىدىكەن. بۇ ھورمۇن ئادەمنى خۇشال ھېس قىلدۇرىدۇ. ياز كۈنلىرى كۈن نۇرى بىلەن جىق ئۇچراشقاندا، قىشتا كەيپىيات تۆۋەنلەپ كېتىش بولمايدىكەن. چۈش ۋاقتىدىكى كۈن نۇرى 100 مىڭ لاكس (لاكس: يورۇقلۇقنىڭ ئۆلچىمى) بولۇپ، ئىشخانا ۋە ئۆي ئىچىدە چىراغلار پەقەت 150~100 لاكس ئارىلىقىدا. شۇڭا سىرتقا چىقمىساق، ئۇزۇن مەزگىل كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشمىساق،  پەسىل تەسىرلىك بىنورماللىق (seasonal affective disorder) دەپ ئاتىلىدىغان چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرپتار بولىمىز.  بۇخىل كېسەل ئادەتتە قىش مەزگىلىدە كۆرىلىدۇ، ئەمما دائىم ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلاردىمۇ كۆرىلىدۇ.

كۈن نۇرى قان بېسىمىڭىزنى تۆۋەنلىتىدۇ

تېرە كۈن نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا، نىترات ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ. نىترات ئوكسىد قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەنگلىيە ئېدىنبرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەرنى سېلىشتۇرغان. بىر گۇرۇپپا ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشقان. يەنە بىر گۇرۇپپا پەقەت ئوخشاش نۇرنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەنلا ئۇچراشقان . نەتىجىدە، نۇر بىلەن ئۇچراشقان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

nitric oxide: نىترات ئوكسىد

قان تومۇرلارنى تازىلايدۇ

ياۋروپادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، قان تومۇرى قېتىپ قالغانلار كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ بەرگەندە كېسەلدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن.

قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ

خۇددى چېنىقىش بەدەننىڭ ئوكسىگېن يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندەك،  كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئاشىدىكەن.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

لىمڧوسايتەس (lymphocytes) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاق قان ھۈجەيرىسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى كۈن نۇرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندا بۇ ھۈجەيرە كۆپىيىدىكەن. بۇ ئاققان ھۈجەيرىسى ياللۇغلارنى قايتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بالىلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاشىدۇ

بۇرۇندىن تارتىپلا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە كىشىلەر بۇنى ھېس قىلغان بولۇپ، يېقىنقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بوۋاق تۇغۇلغاندىكى دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشى ئۇنىڭ بويىنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا تەسىر قىلىدىكەن.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ئاستا-ئاستا بولۇش، ئازدىن كۆپىيىپ مېڭىش لازىم. كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغانلارنىڭ تېرىسى سەزگۈر بولىدۇ، ئوڭايلا كۆيۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاز- ئازدىن كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بەدەننى ئاستا كۆندۈرۈش لازىم.

لازىر نۇرىلازېر نۇرى بەلكىم ھەممەيلەنگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. لازېر نۇرلۇق ئويۇنچۇقلار ۋە لازېر نۇرلۇق ئەسۋابلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. لازېر نۇرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئادەتتىكى نۇردىن كۈچلۈك كېلىدۇ. مەسىلەن: لازېر نۇرى چۈشكەن نۇقتىنى كۈندۈزىمۇ ئېنىق كۆرىنىدۇ؛ لازېر نۇرى كۆزگە چۈشسە كۆزنى يارىلاندۇرىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئەما قىلىپ قويىدۇ. (شۇڭا ئاتا - ئانىلار لازېر نۇرىنى بالىلاردىن يىراق تۇتۇش لازىم.) لازېر نۇرىنىڭ يەنە ئالاھىدىلىكى، ئۇ ئادەتتىكى نۇردەك چېچىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا يىراقتىمۇ بىر نۇقتا بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلاردا، ئەسۋابلارنى ياساشتا، تىزىشتا ۋە باشقا ئىنچىكىلىك تەلەپ قىلىدىغان جايلاردا لازېر نۇرىنى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋە تۈزلۈكى ۋە رەتلىكلىكى كاپالەت قىلىدۇ.

ئەركىن ئېلېكتىرون لازېر نۇرىمۇ لازېر نۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىش جەريانى ئادەتتىكى لازېر نۇرىغا ئوخشىمايدۇ. ئەركىن ئېلېكتىرون لازېر نۇرى زەررىچە تېزلەتكۈچ ئارقىلىق تېزلىتىلگەن ئېلېكترونلارنى ماگنىتلاردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان لازېر نۇرى. ئادەتتىكى لازېر نۇرى ئاتوم ئىچىدىكى ئېلېكترونلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، شۇڭا ئېلېكترونلار ئاتوم ئىچىدە بولۇپ، ئەركىن ھالەتتە بولمايدۇ. ئەركىن ئېلېكتىرون لازېر نۇرىنىڭ ( ئەركىن لازېر دەپ قىسقارتىپ ئالىمەن) لازېر نۇرىغا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە، شۇڭا ئەركىن لازېر ئاقىلىق نۇرغۇن بۇرۇن قىلغىلى بولمايدىغان فىزىكا، ماتېريال فىزىكىسى، خىمىيە ۋە بىئولوگىيە تەجرىبىلىرىنى قىلىش مۇمكىن بولدى. ئەركىن لازېر ئادەتتىكى لازېردىن يورۇق، ئۇنىڭ چاستوتىسى (ياكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى) كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم چاستوتىسىنى ئەينەن تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ چاستوتىسى ھازىر مىكرو دولقۇندىن ئىنفىرا قىزىل نۇر، كۆرگىلى بولىدىغان نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، ۋە ئېكس نۇرلىرىغىچە كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى رادىيو دولقۇن ۋە گامما نۇرىدىن باشقا بارلىق دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (نۇرنىڭ ئېنىرگىيىسى نۇرنىڭ چاستوتىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا ئەركىن لازېر نۇرىنى كەڭ ئېنېرگىيە دائىرىسى ئىچىدە ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ.)  نۇر ئەمەلىيەتتە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى. ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

رادىيو دولقۇنى: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن mm 1 دىن 100 km غىچە ، چاستوتىسى 300 kHz دىن 300 MHz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

مىكرو دولقۇنى: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن mm 1 دىن 1 m غىچە ، چاستوتىسى 300 MHz دىن 300 GHz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

ئىنفىرا قىزىل نۇر: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 750 nm دىن 1 mm غىچە ، چاستوتىسى 300 GHz دىن 430 THz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

كۆرگىلى بولىدىغان نۇر: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 390 nm دىن 700 nm غىچە ، چاستوتىسى 430 THz دىن 790 THz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

ئۇلترا بىنەپشە نۇر: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 nm دىن 400 nm غىچە ، چاستوتىسى 750 THz دىن 30 PHz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

ئىكس نۇر: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 pm دىن 10 nm غىچە ، چاستوتىسى 30 PHz  دىن 30 EHz غىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

گامما نۇرى: دولقۇن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 pm دىن تۆۋەن ، چاستوتىسى 30 EHz دىن يۇقىرى بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.

ئەركىن لازېر چىقىرىش ئۈچۈن ئېلېكترونلارنى  زەررىچە تېزلەتكۈچ ئارقىلىق تېزلىتىپ، نۇرنىڭ سۈرئىتىگە ئىنتايىن يېقىن يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. (نۇرنىڭ ھاۋادىكى سۈرئىتى 300 مىڭ كىلومېتىر ھەر سېكۇنت.) بۇ ئېلېكترونلار تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قۇتۇبى ئالمىشىپ تۇرىدىغان ماگنىتلاردىن تۈزۈلگەن قۇرۇلمىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەسىمدىكى قوڭۇر رەڭدىكى ئەگرى سىزىق ئېلېكترونلارنىڭ ئىزى، سېرىق رەڭ بولسا نۇرنىڭ ئىزى. سول تەرەپتىكى ساندۇق ئېلېكتىرون تېزلەتكۈچنىڭ ئاددى سېخىمىسى. ئېلېكترونلارنىڭ ئاستى ئۈستىگە قويۇلغانلار ماگنىتلاردۇر.

بۇ قۇرۇلما ئىنگلىزچەundulator ، خەنزۇچە 波荡器 دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە تەۋرەتكۈچ دېسەك ماس كېلىدۇ. چۈنكى ئېلېكترونلار تەۋرەتكۈچتىن ئۆتكەن چاغدا ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك رىتىملىق ئوڭ سولغا تەۋرىنىدۇ. تەۋرىنىش جەريانىدا ئېلېكترونلارنىڭ مومېنتىنى (ھەرىكەت مىقدارى) ئۆزگەرگەنلىكتىن، ئېلېكترونلار نۇر قويۇپ بېرىدۇ. تەۋرەتكۈچتە نۇرغۇن قۇتۇبى ئالمىشىپ تىزىلغان ماگنىتلار بولۇپ، ئېلېكترونلار تەۋرەتكۈچتىن ئۆتۈش جەريانىدا داۋاملىق نۇر قويۇپ بېرىدۇ، نەتىجىدە بۇ نۇر داۋاملىق كۈچىيىپ بارىدۇ. بۇ چاغدىكى نۇر گەرچە يەككە رەڭلىك بولسىمۇ، ئەمما نۇر دولقۇنلىرى رەتسىز ھالەتتە.

يەككە رەڭلىك نۇر دېگىنىمىزدە، نۇرنىڭ پەقەت بىر خىللا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بار فوتانلاردىن تۈزۈلگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان. مەسىلەن، قۇياش نۇرىدا يەتتە خىل رەڭ بولۇپ ، ئۇنى يەككە رەڭ دېمەيمىز. لازېر نۇرى يەككە رەڭ بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرىدا پەقەت بىر خىللا نۇر دولقۇنى بار.

نۇر دولقۇنلىرىنىڭ رەتلىنىش دېگىنىمىزدە، دولقۇنلارنىڭ چوققىسى ۋە ئويمىنىنىڭ بىرگە رەتلىك كېلىشى كۆزدە تۇتۇلغان. نۇر دولقۇنى سۇ دولقۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئىككى نۇر چوققىسى قوشۇلسا تېخىمۇ ئېگىز چوققا، ئىككى نۇر ئويمىنى قوشۇلسا، تېخىمۇ تىرەن ئويمان شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دولقۇنلارنىڭ رەتلىك كەلگەنلىك ھالىتى بولۇپ، دولقۇن ئەسلىدىكى دولقۇندىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەكسىچە قارىمۇ قارىشى كەلسە، چوققا بىلەن ئويمانلىق بىر-بىرنى يېيىشىپ، ھېچ نېمە قالمايدۇ. خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قۇياش نۇرى ھەرخىل رەڭدىكى نۇرلاردىن تۈزىلىدۇ.  شۇ رەسىمنىڭ ئوتتۇردىكى LED نىڭ نۇرى بولسا يەككە رەڭلىك بولىدۇ، ئەمما دولقۇنلار رەتسىز كېلىدۇ. ئەڭ ئاستىدىكى لازېر نۇرى بولسا يەككە رەڭلىك ھەمدە دولقۇنلار تىزىلىپ كېلىدۇ. لازېر نۇرىنىڭ دولقۇنلىرى رەتلىك كەلگەچكە، ئۇ ئادەتتىكى نۇردىن كۈچلۈك كېلىدۇ. رەتسىز كەلگەن ئەھۋال خۇددى نۇرغۇن كىشىلەر قالايمىقان گەپ قىلسا ئاۋاز يۇقىرى چىققانغا ئوخشايدۇ. رەتلىك كەلگەن ئەھۋال ھەممىسى بىر خىل رىتىمدا تەڭ خور ئېيتسا ياكى توۋلىسا ئاۋازى يۇقىرى چىققانغا ئوخشايدۇ.

تەۋرەتكۈچتىن دەسلەپكى چىققان نۇرلارنى تېخى لازېر نۇرى دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى خۇددى بۇنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، دەسلەپتە نۇرلار تېخى رەتسىز. رەسىمدىكى قىزىل رەڭدىكى چېكىتلەر بىر ئۇچۇم ئېلېكترونلار. ئۇلار دەسلەپتە سول تەرەپتە كۆك رەڭدە كۆرسىتىلگەن رەتسىز يەككە رەڭلىك نۇرلارنى قويۇپ بېرىدۇ. ئېلېكترونلار قويۇپ بەرگەن بۇ نۇرلار ۋە ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە، ئوچۇم ئىچىدىكى ئېلېكترونلار رەتلىك تىزىلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە ئېلېكترونلار رەسىمدە ئوڭ تەرەپتە كۆرسىتىلگەندەك رەتلىك سەپ تىزىدۇ. بۇ ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەن نۇر دولقۇنلىرى ئوخشاش دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن يەنە رەتلىك تىزىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قويۇپ بېرىلگەن نۇر لازېر نۇرى بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇر رەتسىز قويۇپ بېرىلگەن نۇردىن ئوننىڭ بىر قانچە دەرىجىسى كۈچلۈك بولىدۇ.

تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك ئەركىن لازېر نۇرى چىقىرىش ئۈچۈن تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك كىچىك تېزلەتكۈچ بولسا بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى چوڭلۇقتىكى تەجرىبخانە بولسىلا بولىدۇ. ئەمما يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئەركىن لازېر نۇرى چىقىرىش ئۈچۈن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك تېزلەتكۈچ كېتىدۇ. شۇڭا ناھايىتى چوڭ تەجرىبخانە قورۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا سلەك (SLAC) دۆلەتلىك تېزلەتكۈچ تەجرىبىخانىسىدىكى  Linac Coherent Light Source  (LCLS) ئەركىن لازېر نۇرى ئەسلىھەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېكس نۇرى مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭ تېزلەتكۈچى ئېلېكترونلارنى 12 GeV گىچە تېزلىتىدۇ. (بۇ يەردىكى eV ئېلېكتىرون ۋولت بولۇپ، بۇ ئېنېرگىينىڭ بىرلىكى. ئېلېكتروننى ئېلېكتر مەيدانىدا بىر ۋولتلۇق پورتئانسېل ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ئېنېرگىيە.) ئېلېكترونلارنى بۇنداق يۇقىرى ئېنېرگىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن LCLS تېزلەتكۈچنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېل (تەخمىنەن 3.2 km ) كېلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى LCLS ئەسلىھەسى.

يورۇقلۇق يىلىئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا بىر يىلىدىكى تارقىلىش ئارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، تەخمىنەن 9.46 تىرىليون مېتىر.

يورۇقلۇق يىلى ئادەتتە ئاسترونومىيە ئىلمىدا ناھايىتى چوڭ ئارىلىقنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قۇياش سىستېمىسىنىڭ يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن بولغان ئارلىقى. يورۇقلۇق يىلى ۋاقىتنىڭ بىرلىكى ئەمەس. پارسېك ئاسترونومىيەدە دائىم ئىشلىتلىدىغان يەنە بىر بىرلىك بولۇپ، بىر پارسېك 3.26 يورۇقلۇق يىلىغا تەڭ.

مەسىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 11 مىڭ 260 كىلومېتىرغا يەتسە، مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا بىر يورۇقلۇق يىلىنى 95 مىڭ 948 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئايروپىلان سائىتىگە تەخمىنەن 885 كىلومېتىر ئۇچسا، مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بىر يورۇقلۇق يىلى مۇساپىنى بېسىپ تۈگىتىش ئۈچۈن بىر مىليون 220 مىڭ 330 يىل  ۋاقىت كېتىدۇ.

يورۇقلۇق يىلىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ بىر سان ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

 مىساللار

1676-يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئاساسەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت زۆرۈر ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى. 1676-يىلى، دانىيە پەن-تېخنىكا ئالىمى رومېر ئالدى بىلەن نۇرنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلدى. 1671-يىلى، رومېر يۇپىتېرنىڭ ھەمراسىنى (ئىئو) كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ يۇپىتېرنىڭ توسۇلۇش ۋاقتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى بايقىدى. يۇپىتېر يەر شارىدىن يىراقراق ئورۇندىكى ۋاقىتتا ئايلىنىشقا كەتكەن ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن ئىدى. 1675-يىلى فرانسىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى كاسسىنى (Giovanni Domenico Cassini) بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنىڭ يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىغا ۋاقىت كېتىش مۇمكىنلىقىنى قىياس قىلدى. ھالبۇكى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بۇ قىياسىدىن ۋاز كەچتى.

ئەينى چاغدا كاسىنىنىڭ پەن-تېخنىكا ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان رومېر ۋاز كەچمىگەنىدى. ئۇ نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇر تېزلىكى ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ دىئامېتىرىنى كېسىپ ئۆتۈشكە 22 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى. بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا 214 مىڭ كىلومېتىر دەپ قارالغان.

بىراق 18 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، ئاندىن ئاساسىي ئېقىم پەن-تېخنىكا دۇنياسى نۇرنىڭ سۈرئىتى چەكلىك بولۇش قىياسىنى قوبۇل قىلدى. 1728-يىلى، ئەنگلىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى برادلېي جامېس (Bradley·James) نۇرنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇپ، نۇرنىڭ تېزلىكىنىڭ سېكۇنتىغا تەخمىنەن 301 مىڭ كىلومېتىر بولدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1838-يىلى، گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى فرىيېدرىچ ۋىلخېلم بېسسېل  (Friedrich Wilhelm Bessel) تۇنجى قېتىم نۇر يىلى دېگەن سۆزنى ئاسترونومىيەدە ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئاققۇ يۇلتۇز تۈركىمى 61 بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ 10.3 يورۇقلۇق يىلى ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان.

قۇياشنىڭ ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 تىرىليون كىلومېتىر بولۇپ، كىشىلەر كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ يىراقتىكى يۇلتۇزنىڭ ئارىلىقى بۇ ساننىڭ 30 ھەسسىسىگە باراۋەر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يورۇقلۇق يىلى ئىشلىتىلسە قولايلىق بولىدۇ، قۇياشنىڭ سېنتاۋر يۇلتۇز تۈركىمى a يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.545 يورۇقلۇق يىلى، ئەڭ يورۇق تۇرغۇن يۇلتۇز سىرىئوس يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 8.6 يورۇقلۇق يىلى، پادىچى يىگىت يۇلتۇزى ۋە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16.63 يورۇقلۇق يىلى ۋە 26.3 يورۇقلۇق يىلى، رىگېل يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 850 يورۇقلۇق يىلى، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئارىلىقى 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى. نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەكشۈرەلىگەن ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 مىليارد يورۇقلۇق يىلى-ئەگەر بۇ يۇلتۇزنى 15 مىليارد يىل ئىلگىرى ئالەم پارتىلىغان چاغدا بارلىققا كەلدى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا كىشىلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت ئۇ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا تارقالغان نۇرى.

ئۇنىڭدىن باشقا، قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالىملار يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى «بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بىرلىك بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئارلىقىنى ئۆلچەش ئىنتايىن قولايلىق. قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى، مېركۇرىي بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.4 ئاسترونومىيە بىرلىكى، ۋېنېرا بىلەن بولغان ئارىلىقى 0.7 ئاسترونومىيە بىرلىكى، پلۇتون بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 ئاسترونومىيە بىرلىكى قاتارلىقلار.

2013- يىلى 20- دېكابىر  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 68- قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا 2015- يىلىنى «نۇر ۋە نۇرنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلار يىلى» قىلىپ بىكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خەلقئارالىق يىل «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە كۈلتۈر جەمىيىتى» ( UNESCO) بىلەن بىرلىكتە ئىلىم-پەن ئورۇنلىرىنىڭ چوڭ كۆلەمدە بىرلىشىشىنىڭ باشلىنىش قەدىمى بولۇپ، ئىلىم-پەن جەمىيەتلىرى ۋە بىرلەشمىلىرى، مائارىپ ئورگانلىرى، تېخنولوگىيە سەھنىلىرى ۋە ھەرخىل ساھە ئورۇنلىرىغا ئوخشاش نۇرغۇن جەمىيەت ۋە ئورگانلارنى بىر يەرگە كەلتۈرىدۇ.

«خەلقئارا نۇر يىلى»نىڭ جاكارلىنىشىدا نۇر ئىلىمى ۋە ئۇنىڭ تېخنىكىدىكى قوللىنىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارىلىشىشقا باشلاۋاتقان نۇر ئېلىمىگە بولغان تونۇشنىڭ قانداق قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئېنىرگىيە، مائارىپ، يېزا-ئىگىلىك ۋە تىببى ساھەدىكى يەرشارى خاراكتېرلىق مۇھىم ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا  زور ئەھمىيەتكە ئېگە بولىدىغانلىقىنى  كۆرسىتىپ ئۆتتى.  21- ئەسىردە نۇر كۆندىلىك تۇرۇمۇشۇمىزدا، زۆرۈر بولغان ئىلىم-پەن مائارىپىدىكى تۇتقان ئورۇنى كەم بولسا بولمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ.

نۇر تىببى دورىگەرلىك ساھەسىگە ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى، خەلقئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا يەرشارى كەنتىنىڭ مەدەنىيەت، ئىختىساد ۋە سىياسىتىنىڭ تۈگۈنى بولۇپ كەلمەكتە...[4][3][2][1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

كۈن نۇرىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى 

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62492&highlight=نۇر

0.

نۇرنىڭ تەبىئىتى ۋە يۇلتۇزلار رەڭگى 

http://izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=68064

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

3.

كۈن نۇرىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىرى

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62492&highlight=نۇر

5.

نۇرنىڭ تەبىئىتى ۋە يۇلتۇزلار رەڭگى

http://izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=68064

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#