خولىنجان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك خولىنجاننىڭ يىلتىزسىمان غولىدىن ئىبارەت بولۇپ، «خولىنجان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
يىلتىزسىمان غول
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
يىلتىزسىمان غولى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى قوڭۇر رەڭلىك، رەڭگى قېنىقراق.
ئاشقازان، باھ، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش؛ يەل تارقىتىش، بەدەننى قىزىتىش، ئىششىق تارقىتىش، يۇمشىتىش، ئېغىزىنى خۇش پۇراق قىلىش، بەدەندكى زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش.
بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگرىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازان سوۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، قورساق ئېسىلىش، ئىشتىھاسىزلىق، بۆرەك ۋە دوۋساق سوۋۇپ كېتىش، باھ ئاجىزلىق، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، ئېغىزدىن شايلا ئېقىش، تۈرلۈك سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. باكتېرىيە تورمۇزلاش تەسىرى بار.
2. قان نوكچىسى، قان پىلاستىنكىلىرىنى يىغىۋېلىش، قان قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
3. ئاغرىق توختۇتۇش تەسىرى بار.
4. ئاشقازان، ئۈچەيدىكى يارىنى تومۇرلازلايدۇ (كىچىك چاشقان تەجرىبىسىدە) ئاستىنقى زات ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ.
5. ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە قارشى تەسىرى بار.
1. خولىنجاننى سوقۇپ تاماققا سېپىپ ئىستېمال قىلسا، ھەزىمگە ياردەم بېرىپ يەل تارقىتىدۇ.
2. خولىنجان ، جۇۋىنا 2 گرام تاماكا قىلىپ چەكسە، تاماكا خۇمارىنى باسىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.