شاۋشىڭ شەھىرى
شاۋشىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى نىڭشاۋ تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىغا، جەنۇبى خۇيجىشەن تېغىغا تۇتاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شاۋشىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى نىڭشاۋ تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىغا، جەنۇبى خۇيجىشەن تېغىغا تۇتاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شيايۈي توپان سۈيىنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن، بەگلەرنى خۇيجىشەنگە يىغقان، «ئۇ زور تۆھپە كۆرسەتكەچكە، ئۆلگەندىن كېيىن بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان» . يېغىلىق دەۋرىدە يۆ بەگلىكىنىڭ پايتەختى قىلىنغان، يۆ بېگى گۇ جيەن بۇ يەردە قۇدرەت تېپىشقا بەل باغلاپ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ۋۇ بەگلىكىنى مۇنقەرز قىلغان. چىن شىخۇاڭ شەرققە سەپەر قىلىپ جېجياڭغا كەلگەندە، «خۇيجىشەن تېغىغا چىقىپ، شيايۈيگە ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزگەن» ، ۋەزىر لى سىغا بۇ تاغقا «خۇيجى ئابىدىسى» نى ئويۇش توغرىسىدا پەرمان بەرگەن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن «خەتتاتلىق پىرى» ۋاڭ شىجى ئوڭ قانات سانغۇن بولۇپ، خۇيجىدا ھۈدەيچى بولغان، ئۇ بۇ يەردە مەشھۇر خەتتاتلىق ئەسىرى «لەنتىڭ نەزملىرىگە كىرىش سۆز» نى يازغان. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ مەزگىلىدە(1131-يىلى) قوشۇمچە پايتەخت شېڭجۇ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى قىلىنىپ، «شاۋشىڭ» يىل نامى باشلانغان، تارىختا شاۋشىڭدىن ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، ھەرقايسى ئېقىملار شۇ يەرگە جەم بولغان.
شاۋشىڭ ئېلىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئەدىبى، مۇتەپەككۇر ۋە ئىنقىلابچى لۇشۈننىڭ يۇرتى، شۇنداقلا جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان جاي. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر لۇ يۇ، مىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى كاتتا رەسسام شۈ ۋېي، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىنقىلابچى چيۇ جېن، شۈي يىلىن، تاۋ چېڭجاڭ، ئاتاقلىق مائارىپچى سەي يۈەنپېي قاتارلىقلار شاۋشىڭدا ئۇزاق مەزگىل ياشىغان. داڭلىق ئاسارئەتىقە، قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن: دايۈ قەبرىسى، يۆۋاڭ پەشتىقى، لەنتىڭ راۋىقى، سۇڭليۇ قەبرىستانلىقى، شېنيۈەن باغچىسى، چىڭتېڭ قىرائەتخانىسى، چيۇجېن تۇرالغۇسى، لۇشۈن خاتىرە سارىيى، جۇ ئېنلەي ئەجدادلىرىنىڭ تۇرالغۇسى قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.