مېندېلېيېۋ

مېندېلېيېۋ

 1869-يىلى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مېندېلېيېۋ (1834-1907) ئېلېمېنتلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىر ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاتوم ئېغىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بايقايدۇ. ئۇ بايقالغان 63 خىل خىمىيىۋى ئېلېمېنتنى بىر پارچە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېندېلېيېۋ
باشقا نامى Дми́трий Ива́нович Менделе́ев،门捷列夫
مىللىتى رۇس مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1834-يىلى
كەسپى خېمىيە ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 德米特里·伊万诺维奇·门捷列夫
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە
يۇرتى روسىيە ئىمپېرىيىسى تۇبۇروسكى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1907-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سان پېتربورگ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېندېلېيېۋ1869-يىلىدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ خىمىيىۋى ئېلېمىنتلارنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئېلېمېنتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلمەيتتى، نۇرغۇن خىمىكلار ئېلېمېنتلارنى تۈرلەرگە ئايرىش تەتقىقاتىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، توغرا تۈرگە ئايرىش قائىدىسىگە ئېرىشەلمىگەچكە، تۈرلۈك ئېلېمېنتلار خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى يەنىلا بىر سىر ئىدى. 1869-يىلى پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مېندېلېيېۋ (1834-1907) ئېلېمېنتلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەتقىق قىلىپ، ئاخىر ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاتوم ئېغىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بايقايدۇ. ئۇ بايقالغان 63 خىل خىمىيىۋى ئېلېمېنتنى بىر پارچە ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ، تىك قۇرلار گۇرۇپپىلارنى، توغرا قۇرلار دەۋرلەرنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە: «ئېلېمېنتلار(شۇنداقلا ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان ئاددىي ماددىلار ياكى بىرىكمىلەر) نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ دەۋرىي ھالدا ئۆزگىرىدۇ» غانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېندېلېيېۋ يەنە بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىغا دادىللىق بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە جەدۋەلدە نۇرغۇن بوش ئورۇنلارنى قالدۇرۇپ، بۇ بوش ئورۇنلاردا تېخى بايقالمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىنى 1869-يىلى رەسمىي ئېلان قىلغان.

مېندېلېيېۋ 1875 -يىلى فرانسىيەلىك خىمىك بوۋبودران «گاللېي» نى بايقايدۇ، مېندېلېيېۋ دەرھال بوۋبودرانغا خەت يېزىپ، «گاللېي» نىڭ ئۆزى 1869-يىلى بېشارەت بەرگەن «قوغۇشۇن تۈرىدىكى ئېلېمېنت» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە «گاللېي» نىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 07.4 ئەمەس، بەلكى 9.5-0.6 ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزاھلايدۇ. بوۋبودران ئەجەبا مەن گاللېينى كۆرۈپمۇ باقمىغان مېندېلېيېۋچىلىك بولالمايمەنمۇ؟ دەپ ھەيران قالىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق مېندېلېيېۋنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ، بۇ ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىنىڭ تۇنجى غەلىبىسى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مېندېلېۋ بېشارەت بەرگەن ئېلېمېنتلار ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېندېلېيېۋ ۋە ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنى زور شۆھرەت قازىنىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارىلىدۇ. بىر قېتىم مۇخبىر مېندېلېيېۋدىن: «دەۋرىي قانۇنىنى قانداق ئويلاپ تاپقانتىڭىز؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ: «20 يىل ئويلاندىم» دەيدۇ. مۇخبىر يەنە: «ئۆزىڭىزنىڭ تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېتىراپ قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ ئويلىنىپ تۇرماستىنلا: «ئۆمۈر بويى تىرىشىپ ئاندىن تالانت ئىگىسى بولدۇم!» دەيدۇ. 

ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىنىڭ بايقىلىشى ماددىي دۇنيانىڭ سىرلىرىنى يورۇتۇپ بەردى، خىمىيە ئالىملىرىمۇ ئىنتايىن قۇدرەتلىك ياراغقا ئىگە بولدى، ئۇ ھەم كېيىنكى ئوپتىكا، ئاتوم فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. تا ھازىرغىچىلىك ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنى يەنىلا كىشىلەرنىڭ يېڭى ئېلېمېنتلارنى ئىزدىشى، ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىشىدىكى ئاساسىي قانۇن بولۇپ كەلدى. 

مېندېلېيېۋ ئاخىرقى تىنىقىغىچە خىزمەت قىلدى، 1907-يىل1-ئاينىڭ 20-كۈنى كىتاب ئۈستىلى ئالدىدا قولىدا قەلەمنى تۇتقان پېتى، ئالدىدا يېزىلىپ بولمىغان ئەسەر تۇرغان ھالەتتە دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. دەپنە كۈنى پېتىربۇرگنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا قارا يوپۇق ئورالغان پانۇسلار يورۇتۇلدى، ياش ئوقۇغۇچىدىن ئون نەچچىسى چوڭ ئىشلەنگەن خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى كۆتۈرگىنىچە دەپنە قوشۇنىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، 10 مىڭلىغان ئامما بۇ قوشۇنغا ئۆزلۈكىدىن قوشۇلۇپ، بۇ ئۇلۇغ خىمىكنى ئۇزاتتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#