ئېممانۇللې بېرت
ئېممانۇللې بېرت 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى فرانسىيە نىڭ پروۋېنستا تۇغۇلغان، ئارتىس، فىرانسىيە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېممانۇللې بېرتفىرانسىيە «ئايال ئىلاھى» تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ سوفىي مارسىيۇنى ئېسىگە ئالىدۇ. بىراق، فىرانسىيەدە «ئايال ئىلاھ» دەپ ئاتىلىدىغىنى سوفىي ئەمەس، بەلكى ئېممانۇللې بېرت (Emmanuelle Beart).
پەرىزاتتەك گۈزەل ئېممانۇللې بېرت پىروۋېنستىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئۆيى بۇ بازاردىكى كىچىك بىر تاغ ئۈستىدە بولۇپ، بۇ جايدا جەمئىي 22 ئائىلىلىك ئاھالە ياشىغان. بېرتنىڭ كۆك كۆزلىرى ئۇنىڭ مودېل ئاپىسىنىڭ گۈزەل قىياپىتى ۋە شائىر دادىسىنىڭ خاراكتېرىگە ۋارىسلىق قىلغان.
پىروۋېنس ئاشىق-مەشۇقلار بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي. بۇ جاي قەدىمكى دەۋرلەردە رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ زېمىنى ئىدى، كېيىنچە فىرانسىيەگە تەۋە قىلىنغان.
ئېممانۇللې بېرتفىرانسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى رومانتىك بولۇپ، ھازىرقىدەك جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان دەۋرلەردىمۇ كوچىلاردىن ناخشا ئېيتىپ ئۆتىدىغان كىشىلەر ئۇچراپ قالىدۇ. بېرت 13 ياش ۋاقىتلىرىدا سەھنىگە چىقىپ نومۇر كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى ئۇنى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. دەل مۇشۇ قارار ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەرگە چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
شۇنىڭدىن باشلاپ، پىروۋىنستا بىر گۈزەل قىز ئازلىغان، بىراق كىنوچىلىق ساھەسىگە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى يېزىلارنىڭ ئۇسلۇبى قوشۇلغان.
ھوللىۋودتىكىلەر بۇ گۈزەل قىزنى قولدىن چىقىرىپ قويماي، ئۇنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى «ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرىشتە» ناملىق فىلىمدە نامايان قىلغان.
ھوللىۋود فىلىملىرىنىڭ ئۆلچىمىدە، فانتازىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ مۇھەببەت فىلىمىنىڭ سۈپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق، بۇ فىلىم جۇڭگودا قويۇلغاندا خېلى زور داغدۇغا پەيدا قىلغان.
گەرچە نۇرغۇن ئادەم ئامېرىكىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى كۈچلۈك كىشىلەرمۇ نۇرغۇن. گەرچە ھوللىۋود بېرتنىڭ نام چىقىرىشىدىكى ئەڭ ياخشى سورۇن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالماي ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى تاللىغان.
فىرانسىيەگە قايتقاندىن كېيىن ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى سۈرەتلەرگە چۈشۈپ، ۋېنتسىيە كىنو بايرىمى، بېرلىن كىنو بايراملىرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
بېرتنىڭ گۈزەل قىياپىتى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەككەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك يۈرىكىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ساخاۋەت ئەلچىسى. ئۇ ئىلگىرى ئافرىقىلىق كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەتتا زور سوممىلىق بىر توختامدىن ۋاز كەچكەن.
بېرت بۇ يىل 53 ياشقا كىردى، بىراق، ئۇ يەنىلا فىرانسىيە كىنوچىلىق ساھەسىدە نام قازىنىپ كەلمەكتە.
ئېممانۇللې بېرتئېممانۇللې بېرت كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى، ياۋروپا كىنو مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئايال يانداش رولچى، ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس، ئەڭ ياخشى چەتئەللىك ئايال ئارتىس قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.