نۇمىدا چىپار توخۇسى

نۇمىدا چىپار توخۇسى

نۇمىدا چىپار توخۇسى — ئۈنچە توخۇ، گۇتتېرا ئېدوۋاردى توخۇسى، قىرغاۋۇل، گۋىنىيە قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەسلى ماكانى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغىقىدىكى گۋىنىيە. ئۇنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن. ئەسلىدە ياۋايى قۇش بولۇپ، كۆندۈرۈپ بېقىش ئارقىلىق، ئاستا-ئاستا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۆش ئۆي قۇشلىرىنىڭ يېڭى سورتىغا ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە نامى نۇمىدا چىپار توخۇسى
ئىنگلىزچە نامى Numididae
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى ئېدوۋاردى توخۇسى ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 珍珠鸡
تارقالغان رايونلار سۇمالى، تانزانىيە، ئافرىقا ئىسسىق بەلباغ ئورمىنى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى توخۇسىمانلار ئائىلىسى
تۈرى توخۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇمىدا چىپار توخۇسىنۇمىدا چىپار توخۇسى-ئۈنچە توخۇ، گۇتتېرا ئېدوۋاردى توخۇسى، قىرغاۋۇل، گۋىنىيە قۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توخۇسىمانلار ئەترىتى، توخۇ ئائىلىسى، ئۈنچە توخۇنىڭ بېشى كىچىك، يۈز قىسمى سۇس كۆك سۆسۈن رەڭ، تۇمشۇقى كۈچلۈك ھەم ئۇچلۇق، تۇمشۇق ئۇچى سۇس 

سېرىق رەڭلىك، كەينى تەرىپى قىزىل، تۇمشۇقىنىڭ كەينى ئاستى تەرىپى ئەتراپىدا بىردىن يۈرەكسىمان ئۈيىكى بار. كۆز ئەتراپىدا تۈكى يوق، بىر ئاق رەڭلىك بويۇن قىسمىغىچە تۈز سوزۇلغان يول-يول سىزىقى بار. بوينى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، پۈتۈن تېنى سۆسۈن كۆك رەڭلىك يىڭنە شەكىللىك پەيلەر بىلەن يېپىلغان، پۇتى قىسقا، كىچىك چېغىدا پۇتى قىزىل بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن قېنىق كۈل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. تېز ماڭىدۇ، نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ پەيلىرى كۈل رەڭ، ھەمدە رەتلىك يۇمىلاق ئاق چېكىتى بار بولۇپ، شەكلى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ، شۇڭا «مارجان توخۇ» دېگەن چىرايلىق نامى بار. نۇمىدا چىپار توخۇنىڭ شەكلى يۇمىلاق پاكار، تاجىسى يوق، بېشىنىڭ چوققىسى تۈكسىز، لېكىن مۈڭگۈزلەشكەن بۆرتۈپ چىققان قالپىقى بار، قۇيرۇق پەيلىرى سەل قاتتىقراق بولىدۇ.

ئەسلى ماكانى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربى دېڭىز قىرغىقىدىكى گۋىنىيە. ئۇنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن. ئەسلىدە ياۋايى قۇش بولۇپ، كۆندۈرۈپ بېقىش ئارقىلىق، ئاستا-ئاستا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ گۆش ئۆي قۇشلىرىنىڭ يېڭى سورتىغا ئايلانغان.

نۇمىدا چىپار توخۇسىنۇمىدا چىپار توخۇسى ياۋا جانىۋار بولۇپ، ئافرىقىدىن چىقىدۇ، ئىسسىققا چىداملىق سوغۇقتىن قورقىدۇ، كۆندۈرۈش ئارقىلىق، قىش پەسلىدە ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدا گەرچە ھايات تۇرالىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، كېسەلگە قارشى كۈچىنى تۆۋەنلەيدۇ، كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭلاشقا، نۇمىدا نۇمىدا چىپار توخۇسىسىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىللەش ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى مۇھىم. توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق نۇمىدا چىپار توخۇسى يەنە بىر ئىسمى مارجان توخۇ، مەرۋايىت قۇش.

ئۇ ئەسلىدە ياۋايى قۇش، پەيلىرىدە سان-ساناقسىز كىچىك ئاق رەڭلىك داغ بار، خۇددى پۈتۈن تېنى ئاق مەرۋايىت بىلەن تولغاندەك، شەكلى چىشى توزغا ئوخشايدۇ، بېشى كىچىك. چۈنكى، پەيلىرى چىرايلىق بولۇپ، گەۋدىسى كىلىشكەن بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھايۋانات باغچىلىرىدا ئەتىۋارلىق تاماشا قىلىنىدىغان قۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل بېقىلىپ كەلگەن. ئېلىمىزدە ئەڭ دەسلەپ 1956-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كىرگەن توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق نۇمىدا چىپار توخۇسى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك باققان، لېكىن 30 نەچچە يىل ئىزچىل زوقلىنىدىغان قۇش قىلىنغان. 1992-يىلى كەڭ كۆلەملىك باقمىچىلىق باشلانغان، توختىماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنىدە، 2012-يىلى يېتىپ كەلگەندە باقمىچىلىق تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى.

نۇمىدا چىپار توخۇسىنۇمىدا چىپار توخۇنىڭ بېشى كىچىكرەك، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 ~ 55 سانتىمېتىر، تۇمشۇق ئۇچى سۇس سېرىق رەڭلىك، ئارقا قىسمى قىزىل، ئاستىدىكى ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە بىردىن بىر قىزىل گۆش ساقىلى بار، يۈز قىسمى سۇس كۆك سۆسۈن رەڭلىك، كۆز ئەتراپىدا تۈكى يوق، بوينى ئىنچىكە، پۈتۈن بەدىنىدىكى پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، زىچ قىسىمىدا ئاق داغلىرى بار، ئەركەك توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق نۇمىدا چىپار توخۇسى پەيلىرى ئوخشاش، ئادەتتە، ئەركىكىنىڭ تېنى چىشىنىڭكىگە قارىغاندا سەل چوڭ، پۇتى ئېگىز، ئەركىكىنىڭ تاجى بىر قەدەر يۇقىرى، ساقىلى بولىدۇ ھەم سەل چوڭ، جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە  يېقىن بولغان خورازنىڭ سايرىشى قىسقا ھەم جۇشقۇن. نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ پەيلىرى كۈل رەڭ، ھەمدە قائىدىلىك يۇمىلاق ئاق چېكىت بار، شەكلى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ، شۇڭا «ئۈنچە توخۇ» دېگەن چىرايلىق نامى بار. چىشى نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق پاكار، تاجىسى يوق، بېشىنىڭ چوققىسى تۈكسىز لېكىن مۈڭگۈزلەشكەن بۆرتۈپ چىققان قالپىقى بار، قۇيرۇق پەيلىرى سەل قاتتىقراق بولىدۇ.

نۇمىدا چىپار توخۇسىنۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ سورتى ئاساسلىقى ئۈچ خىل: بىرىنچى، سۇمالى، تانزانىيەگە تارقالغان «چوڭ مەرۋايىت توخۇ» ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پەقەت ئۇنىڭ دۈمبىسىدىلا نەچچە تال پەي بار.

ئىككىنچى، ئافرىقا ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىغا تارقالغان «تاج توخۇ».

ئۈچىنچى، «كۈلرەڭ قۇيرۇق سېساركا توخۇ» ئۇ كۆك رەڭلىك گۆش ساقىلى ۋە قىزىل گۆش ساقىلى بار بولغان ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

1. ماسلىشىشچان

قۇرامىغا يەتكەن نۇمىدا چىپار توخۇسى قۇرغاقلىققا ئامراق، ھۆللىكنى خالىمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، سوغۇقتىن قورقىدۇ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك. 20 ~ 40 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان شارائىتتىمۇ ياشىيالايدۇ.

2. ياۋايى قورقۇنچاق

نۇمىدا چىپار توخۇسى ياۋايى قۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قالغان، تاغدا ياشايدۇ، كەچتە يەنە ئۇنىڭ ھەركىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 

3. توپلىشىپ ياشىشى ۋە ئۇۋىسىغا قايتىشى

توخۇنىڭ كۆپىنچىلىرى قالپاقلىق نۇمىدا چىپار توخۇسى ئادەتتە 30 ~ 50 دانىسى بىر توپ بولۇپ بىللە ياشايدۇ، ھەرگىز ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ ياشىمايدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغاندىن كېيىن يەنىلا كوللىكتىپ ھەركەتنى ياخشى كۆرىدۇ.

4. ئۇچۇشقا ماھىر، يامىشىشقا ئامراق، پائالىيەتچان

نۇمىدا چىپار توخۇسىنۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ ئىككى قانىتى تەرەققىي قىلغان ھەم كۈچلۈك، بىر كۈنلۈك بولغاندىمۇ بەلگىلىك سەكرەش ئىقتىدارى بولىدۇ.

5. قۇمغا چۈمۈلۈشكە، سايراشقا ئامراق

نۇمىدا نۇمىدا چىپار توخۇسىسى دالىدا بېقىلىدۇ، دائىم يەر يۈزىدە بىر-بىرلەپ ئورەك كولايدۇ، ئۆزىنى قۇم مۇنچا شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

6. جۆرە تاللاش خاراكتېرلىك

نۇمىدا چىپار توخۇسى يات جىنىسقا نىسبەتەن تاللاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، بۇ توخۇنىنىڭ تەبئىي چېتىلغاندا ئۇرۇقلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبىنىڭ بىرى.

7. ئوزۇقلۇق دائىرىسى كەڭ، يىرىك يەم-خەشەككە چىداملىق

ئادەتتە دانلىق ئاشلىق، قۇغۇن-كېپەك تۈرىدىكىلەر، پېچىنە تۈرىدىكى، بېلىق سۆڭەك تالقىنى تۈرى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.

نۇمىدا چىپار توخۇسى بىر خىل ئالاھىدە گۆش ئۆي قۇشلىرى، يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە : 

(1) نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ گۆشى يۇمشاق ، ئوزۇقلۇق مول، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك. ئادەتتىكى گۆش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، لېكىن ياغ ۋە خولېستېرول مىقدارى بەك تۆۋەن، ئوۋ قىلىنىدىغان بىر خىل ئالاھىدە قۇش.

نۇمىدا چىپار توخۇسى(2) گۆش بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، يېگىلى بولىدىغان قىسىم كۆپ. نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ سۆڭىكى ئىنچىكە، بوينى ئىنچىكە، كۆكرەك پۇتىنىڭ مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەدەن شەكلى ئېللىپس شەكلىدە. ئېغىرلىقى 1700 گرامغا يېتىدۇ، سويۇلغان توخۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1544 گرام، تىرىك تەن ئېغىرلىقىنىڭ %91 نى ئىگىلەيدۇ. يېرىمى 1415 گرام، تىرىك تەن ئېغىرلىقىنىڭ %83 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ گۆش بېرىش نىسبىتى ۋە گۆش چىقىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىراق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

(3) نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى. مېكىيان 28 ھەپتىلىك بولغاندا تۇغىدۇ، بىر تۇخۇم تۇخۇش مەزگىلىدە 160 تال ئەتراپىدا تۇخۇم تۇغىدۇ، 110 دانە چۈجە چىقىرالايدۇ، ھەر بىر خىل توخۇنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن مۇساپىسىدىكى يەم-خەشەك سەرپىياتى تەخمىنەن 40 ~ 44 كلوگرام. تاۋار گۆش توخۇسىنىڭ ئەڭ ياخشى سويۇلۇش ۋاقتى 12 ~ 13 ھەپتىلىك بولغان مەزگىلى، تىرىك توخۇنىڭ ئېغىرلىقى 1500 ~ 1300 گرام، گۆش بىلەن داننىڭ نىسبىتى 1 : 2.7 ~ 2.9 بولغان.

(4) نۇمىدا چىپار توخۇسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۈسكۈنە ۋە ئۇۋا تەلىپى ئاددىي، يىرىك يەم-خەشەككە چىداملىق، بېقىش ئاسان، شۇڭا نۇمىدا چىپار توخۇسى باقمىچىلىقىنىڭ سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، ئوبوروتى تېز، ئۈنۈمى يۇقىرى. بۇنىڭدىن سىرت، نۇمىدا چىپار توخۇسى تېنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق، بۆلۈش بۆدۈنىگە ئوخشاش ئۇنداق كىچىك ئەمەس. ھەم تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى زىياپەتتە ئالىي دەرىجىلىك گۆش ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#