ئېلېكتر سىغىمى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېلېكتر سىغىمى ئۆتكۈزگۈچنىڭ زەرەت ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار. ئىككى دانە ئارىلىق ساقلىغان ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىغا توك بېسىمى بەرسەك، شۇ ئارىلىقتا زەرەت ساقلىنىدۇ. بىر تەرەپ مۇسبەت زەرەت يەنە بىر تەرەپ مەنپىي زەرەت ساقلايدۇ. توك بېسىمى قانچە چوڭ بولسا ساقلانغان زەرەتمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ساقلانغان زەرەت مىقدارى بىلەن بېرىلگەن توك بېسىمى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، ئىككىسىنىڭ بۆلۈنمىسى دەل ئېلېكتىر سىغىمىدۇر، يەنى C=Q/U بۇ فورمۇلادىكى C ئېلېكتىر سىغىمىنى، Q زەرەت مىقدارىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئېلېكتر سىغىمىنىڭ بىرلىكى فارادا F، يەنە مىكرو فارادا mF، پىكو فارادا pF قاتارلىق بىرلىكلىرى بار.
1F=106uF,1F=1012pF
ئېلېكتر سىغىمى مەخسۇس ئېلېكتر سىغىمىنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچەنسىمۇ ياكى ئونىۋېرسال مېتىر بىلەن ئۆلچەنسىمۇ بولىدۇ. ئېلىكترىك سىغىمىنى ساقلايدىغان دېتال كوندېنساتور دېيىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.