چېن خوڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چېن خوڭ 1968-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شاڭراۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، شاڭخەي تىياتىر ئىنىسىتىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگونىڭ داڭلىق ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، جۇڭگودىكى بىرىنچى ئەۋلاد «چيوڭياۋ خانقىزى».
تولۇق ئوتتۇرىنى شاڭراۋ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئاتا-ئانىسى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالى بولغاچقا كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى ئائىلە تەربىيەسىگە ئېرىشكەن. چېن خوڭ كىچىكىدىنلا سەنئەت تالانتى نامايان قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پتتۈرگىچە مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى قىلىپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەدەبىيات–سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1986-يىلى چېن خوڭ ئىمتىھان بېرىپ شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ ياشلار بەدىئىي تىياتىرخانىسىغا كىرگەن.
چېن خۇڭ 1985-يىلى تۇنجى فىلىمى «بۇ يەردە بۇلاق سۈيى بار» نى ئىشلەشكە قاتنىشىپ سەنئەت ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان.
1989-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە زىجۈەننىڭ رولىنى ئالغان.
1991-يىلى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە جۇڭگو قەدىمىكى زامان تارىخدىكى تۆت گۈزەلنىڭ بىرسى دىياۋچەننىڭ رولىنى ئالغان.
1998-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تەيپىڭ مەلىكىنىڭ رولىنى ئالغان.
1996-يىلى چېن خوڭ رېژىسسور چېن كەيگى بىلەن ئامېرىكىدا توي قىلغان، تويدىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئېكران يۈزىدىن غايىپ بولۇپ، ئارقا سەھنىدە يۈزلەنگەن.
كېيىنكى يىللاردا ئۇ فىلىم ئىشلىگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان «مېي لەنفاڭ»، «جاۋ فامىلىلىك يېتىملەر»، «ئىزدەش» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولار قويۇلغان.
ھازىر داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دائىم ئۆزىنى «جۇڭگونىڭ بىرىنچى گۈزىلى»، «ئاسيانىڭ بىرىنچى گۈزىلى» دەپ ئاتىۋالىدىغان بولسىمۇ لېكىن خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چېن خوڭ يەنىلا «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىرىنچى گۈزىلى»، «جۇڭگو ئىچكىرى ئۆلكىسىنىڭ بىرىنچى گۈزىلى»، دائىم لىن چىڭشيا، ۋاڭ زۇشيەن قاتارلىق كلاسسىك كىنو چولپانلىرى بىلەن ئەڭ گۈزەل جۇڭگو ئايال چولپانلىرى دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.