توخۇلا يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. توخۇلا يېزىسى (ئونسۇ ناھىيەسى)
  2. توخۇلا يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
ئونسۇ ناھىيەسى

توخۇلا يېزىسى

توخۇلا يېزىسى

توخۇلا يېزىسى ئونسۇ ناھىيەسى گە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى توخۇلا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 175.5 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托乎拉乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئونسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 12574 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توخۇلا يېزىسىتوخۇلا يېزىسى بىر ئەلا سۈپەتلىك شال تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلغان، چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلقى، مېۋىلىك باغ، ھويلا-ئارام ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا بىر گەۋدە قىلىنغان ئىقتىسادى كۆپ مەنبەلىك يېزا. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي تەرىپى ئونسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئېگەرچى يېزىسى ۋە شال دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربىي تەرىپى تۇمشۇق بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تارىم دەرياسى لاكشىمى چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 175.5 كۋادرات كىلومېتىر. 

توخۇلا يېزىسى

  پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 12574 ئادەم، ئومۇمىي ئائىلە سانى 12574، توققۇز مەمۇرىي كەنت،47 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 15 پونكىتى (ئورۇن)، 8 كارخانا بار ، يېزا ئومۇمىي كۆلىمى 175.5كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 75 مىڭ مو. يېزا رايونى ئىچىدىكى سۇ-تۇپراق بايلىقى مول، يورۇقلۇق شارائىتى تولۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش قۇلايلىق، ئونسۇ ناھىيەسى شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق شال ئىشلەپچىقىرىش رايونى،ئىشلەپچىقىرىلغان شال دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق،«جۇڭگو گۈرۈچ ماكانى» دەپ تەرىپلەنگەن.2011-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى24403 تۈمەن يۈەندىن ئاشقان، بۇلار ئىچىدە، يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 21043 تۈمەن يۈەنگە يەتكەن، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3360 تۈمەن يۈەن بولغان.2011-يىلدىكى يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 10297.5 يۈەن بۇلۇپ، 2010-يىلدىكىدىن %22.9 ئاشقان.

توخۇلا يېزىسى2004-يىلى 7-ئايدا ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «قىزىل بايراق بازار» دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛ 2005-يىلى مايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛ 2005-يىلى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى «ئىلغار كەنت» بولۇپ باھالانغان؛ 2007-يىلى 9-ئايدا ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تەرىپىدىن «تىنچ-ئامان يېزا (بازار)» دەپ نام بېرىلگەن. 2008-يىلى نويابىردا «مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەتلىك يېزا-بازار» بولۇپ باھالانغان. 2011-يىلى ئونسۇ ناھىيەسى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر ئامان-ئېسەن يېزا-بازار» قىلىپ بېكىتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئۇنسۇ ناھىيە خەلق ھۆكۈمىتى تورى 

http://www.wszf.gov.cn/wszwz/xzc/thl/thlgk/thlgk/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#