ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى

ئىت تالاشتۇرۇش

ئىت تالاشتۇرۇش-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بىرى. ئۇ قىزىقارلىق بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى
خەنزۇچە ئىسمى 斗狗游戏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىت تالاشتۇرۇشئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى كۆپىچنە كۈچۈك بۆرە ئىت، تايغان ئىتلارنى تاللاپ بېقىپ تالاشتۇرۇشقا سالىدۇ. ھەتتا ياخشى تالىشىدىغان ئىتلارنى خېلى جىق پۇللارغا سېتىۋالىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە يېزا-بازار كۈنلىرى، ھېيت-بايرام كۈنلىرى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىت تالاشتۇرغاندا، ئىككى ئىتنى سورۇنغا قويۇپ بېرىدۇ. ئىتلار تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ، بىر-بىرىنى چىشلەپ بوغىدۇ، ھەتتا پۇتلىرىنى چاينىۋېتىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش جەريانىدا غىڭشىپ قۇيرقىنى تىقىۋېلىپ تۇرۇۋالغان ياكى قاچقان ئىت يېڭىلگەن ئىت ھېسابلىنىدۇ. ئىتلار خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تالىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەڭگەن ئىتقا دەرھال يەنە بىر ئىتنى تالاشتۇرۇش سالمايدۇ. 

ئىت تالاشتۇرۇشبۇ ئويۇن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-بازارلىرىدا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆرگۈچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، يەڭگەن ئىتنىڭ ئىگىلىرى غەلىبە قۇچۇپ قايتقان باتۇر-ئەزىمەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى داڭق چىقارغان ئىتلارنى ئاڭلىسا، يۇرت ئاتلاپ بېرىپ ئىتلىرىنى تالاشتۇرىدۇ. ھازىر بەزى يېزا-بازارلىرىدا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنلىرى بار.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#