قەغەز ياڭاق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قەغەز ياڭاق ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن قاغىلىق ، قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، پىچان قاتارلىق جايلىرىدا ئۆستۈرۈرلىدۇ . بۇ خىل ياڭاقنىڭ ئۆسۈشى تىز بولۇپ ، تېرىپ 2 -3 يىلدىن كېيىن مېۋە بىرىدۇ ، بەش يىللىق دەرىخىدىن 70 تال ئارتۇق مېۋە ئالغىلى بولىدۇ. قىسمەنلىرى يىرىق كېلىدۇ ھەم مېغىزى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، شۇڭا بۇ سورت رۇجەكلىك ياڭاق دەپ ئاتىلىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ يىتەرسىزلىكى ساقلاشقا ۋە توشۇشقا چىدامسىز ، مېۋىسىنى قۇشلار ئاسان زەخمىلەندۇرىدۇ .
مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ۋە سوقىچاق كېلىدۇ ، دانىسى بىرقەدەر كىچىك پوستى نېپىز بولۇپ ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوتتۇراھال ، 50 - 60 دانىسى بىر كىلوگرام كىلىدۇ . ياڭاقنىڭ شەكلى مېغىزى توق بولۇپ چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى چىقىدۇ ، رەڭگى سۇس پورەڭ ، سىرتقى يۈزى پارقىراق ، شاكىلى نېپىز ، چېقىپ يېيىشكە ئاسان . مېغىز چىقىش نىسبىتى %70 ئەتراپىدا بولىدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.